تخفيف المهر هو السنة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: تخفيف المهر هو السنة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: يلاحظ أن الناس الآن يزيدون جدا في المهر في النكاح، فهل هذا من السنة ؟ وهل حدد الشرع مقدارا ً معينا ً للمهر لا يزاد عليه ؟.
تأريخ الإضافة: 2010-01-21
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/265696
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشنىڭ سۈننەتلىكى توغرىسىدا
514.5 KB
فتح: تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشنىڭ سۈننەتلىكى توغرىسىدا.doc
2.
تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشنىڭ سۈننەتلىكى توغرىسىدا
104.6 KB
فتح: تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشنىڭ سۈننەتلىكى توغرىسىدا.pdf
نبذة موسعة

 

تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشنىڭ سۈننەتلىكى توغرىسىدا

 

10525 - نومۇرلۇق سوئال

سوئال :

جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ تويلۇقنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇنداق قىلىش سۈننەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ تويلۇق مېھرى ئۈچۈن شەرىئەتتە مەلۇم چەك بېكىتىلگەنمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپ :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

توي قىلىش ۋە تۇرمۇشلۇق بولۇش ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.» [رۇم سۈرىسى 21-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىلەرنى قول ئاستىدىكىلەرنى تۇرمۇشلۇق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر.» [نۇر سۈرىسى 32-ئايەت].

نىكاھلىنىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە كۆپ مەنپەئەتلەر ھاسىل بولىدۇ، ئىسلام ئۈممىتى كۆپىيىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىنىشى روياپقا چىقىدۇ. شۇنداقلا ئەر-ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئىستىلى بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ياخشىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر قىزلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىنى زىيادە قىلىۋېتىش ئارقىلىق تۇرمۇش قۇرغۇچىلارنىڭ يولىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويدى. شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن ياشلار تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئاجىز كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دىنىمىزدا چەكلەنگەن يوللار ئارقىلىق ئازغۇنلۇق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن ئىبارەت ئىستىلى بۇزۇقچىلىققا گىرىپتار بولدى، نەتىجىدە جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق ۋە ئىجتىمائى ئالاقىدا ئىزتىراپلىق پەيدا بولىدۇ.

تويلۇق ۋە مېھىر ئاياللارنىڭ ھەققى بولۇپ، بۇنى ئىسلام شەرىئىتى بەلگىلىگەن، بۇ ئەرلەرنىڭ مەزكۇر قىز بىلەن توي قىلىشقا بولغان رىغبىتىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك - ھالال بىلىپ) يەڭلار.» [سۈرە نىسا 4-ئايەت].

بۇنىڭدىن ئاياللارنى سېتىلىدىغان تاۋار دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەرنىڭ توي قىلىشقا كەسكىن بەل باغلىغانلىقى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

شەرىئەت مەلۇم مىقداردا تويلۇق ھەققى بەلگىلەپ بەرمىدى، شۇنداقلا  تويلۇقنى ئاسانلاشتۇرۇپ، مېھىرنى يەڭگىللىتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نىكاھنىڭ ئەڭ ياخشىسى قولايلىق بولغىنىدۇر.» [ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان]. يەنە بىر ھەدىستە:«مېھىرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاسان بولغىنىدۇر» دېگەن. [ھاكىم ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان].

يەنە بىر ھەدىستە  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان بىر كىشىگە: «تۆمۈر ئۈزۈكتەك بىر نەرسە بولسىمۇ تويلۇق بەرگىن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

بۇ ئىشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىگە نەمۇنىلىك ئۈلگە بولدى ۋ ە جەمئىيەتتە بۇ پرىنسىپنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ئاساسنى كۈچەيتتى. كىشىلەر ئارىسىدا يەڭگىللىك ۋە ئاسانلاشتۇرۇش روھىنى تاراتتى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھا بىلەن توي قىلغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزگە رۇخسەت قىلسىلا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭغا تويلۇق بىر نەرسە بەرگىن دېدى، مەن: يېنىمدا ئۇنىڭغا بېرىدىغان ھېچنەرسە يوق دېسەم، تۆمۈر كىيىمىڭ قىنى؟ (يەنى ئۇرۇشتا كىيىدىغان قالقان كىيىم) دەپ سورىۋىدى، مەن: يېنىمدا بار دېدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنى پاتىمىگە بەرگىن دېدى. [نەسائىي رىۋايەت قىلغان]. مانا بۇ جەننەت ئاياللىرىنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ تويلۇق مېھرىدۇر.

بۇنىڭدىن ئىسلامدا مېھىرنىڭ ئۆزىلا مەقسەت قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ: "ئاياللارنىڭ تويلۇق مېھرىنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئەگەر بۇ ئىش دۇنيادا ئىززەتلىك ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولىدىغان بولسا ئېدى، بۇ ئىشقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەك لايىق ئېدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاياللىرى ۋە قىزلىرى ئۈچۈن 12 ئۇقىييە (480 دىرھەمگە باراۋەر يەنى 135 كۇمۇش تەڭگە)دىن ئارتۇق تويلۇق مېھىر سالمىدى . كىمكى قىزلىرىنىڭ مېھرىنى ئىغىرلاشتۇرىدىكەن، توي قىلغۇچىنىڭ كۆڭلىدە ئۇ ئايالغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ ۋە  سەن بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم، قەرزدار بولدۇم دەيدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 32 -194-بەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "قىزلىرىنىڭ تويلۇق مېھرىنى پۈتۈن ئالەمدىكى ئاياللارنىڭ ياخشىسى ۋە ئاياللارنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ ۋە ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرىدىن ئاشۇرۋىتىدىكەن، ئۇ ئەخمەق ۋە جاھىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇدرىتى يېتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما كەمبەغەللەر ئۆزلىرىنى مۇشەققەتكە تاشلىماستىن بەلكى قۇدرىتىنىڭ يېتىشچە تويلۇق بېرىشى كېرەك.

" پەتىۋا كۇبرا" ناملىق ئەسەردە، ئىمام ئەھمەدنىڭ قادىر بولغۇچىلارنىڭ ئاياللار تويلۇق مېھىرىنى400 دىرھەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ياخشى دەپ قارالغان كۆزقارىشى قەيت قىلىنغان.

ئىبنى قەييۇم "زادۇلمەئاد" ناملىق ئەسىرى5-توم 178 -بەتتە: تويلۇقنى يەڭگىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن بەزى ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قىزغا بېرىلىدىغان مېھىر ھەققىنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى   بېكىتىلمىگەن. تويلۇقنى ئېغىرلاشتۇرۇش نىكاھدا ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىشلاردىن بولۇپ، تويلۇق ئاز تەلەپ قىلىنغان تۇرمۇشتا ئاسانلىق ۋە بەرىكەت بولىدۇ" دەيدۇ .

بۇنىڭدىن ھازىر كىشىلەرنىڭ تويلۇقنى خالىغانچە ئېغىرلاشتۇرۇشىنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ ئىكەنلىكى ئوچۇق نامايەندە بولىدۇ.

تويلۇقنىڭ يەڭگىل بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىشتىكى ھېكمەت:

كىشىلەر ئارىسىدا تۇرمۇشلۇق بولۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش، تويلۇقنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىشتىن باش تارتىپ جەمئىيەتتە تۈرلۈك بۇزۇقچىلىققا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 

Go to the Top