ما هي عقوبة المرأة المسلمة التي تتزوج من نصراني

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ما هي عقوبة المرأة المسلمة التي تتزوج من نصراني
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما عقوبة المرأة التي تتزوج نصرانيا ؟ وكم مرة حدثت وفي أي البلاد ؟.
تأريخ الإضافة: 2009-10-31
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/249550
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى
482 KB
فتح: مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى.doc
2.
مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى
113 KB
فتح: مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى.pdf
نبذة موسعة

 

مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

8396-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازاسى نېمە؟

جاۋاب:

مۇسۇلمان ئايالنىڭ يەھۇدى، خرىستىئان، بۇددىست دىنىغا ئىتىقاد قىلغۇچى ياكى دىنسىز ئەرلەر بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئايال كىشىنى ھىمايە قىلىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھۇقۇقى ئەر كىشىگە تاپشۇرۇلغان.

كاپىر ئەركىشىنىڭ مۇسۇلمان ئايالنى باشقۇرۇشىغا ئىسلام دىنىدا يول قويۇلمايدۇ، (ئىسلام قىز-خانىملىرىنىڭ ئىززەتلىك ياشىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ) ھەمدە دۇرۇس بولمايدۇ. ئىسلام دىنى ھەق دىندۇر. ئىسلام  ئېتىقاتىدىن باشقا دىنلار باتىلدۇر. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار...»[سۈرە بەقەرە 221-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. جانابى ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە: « ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ» دېگەن. [سۈرە نىسا 141-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى پۈتۈن دىنلاردىن بۈيۈكتۇر، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دىن يوقتۇر».

مۇسۇلمان ئايال كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايال زىنا قىلغان بولىدۇ.  شەرىئەتتە، ئۇنىڭ جازاسى زىناخۇرغا بىرىلگەن جازا بىلەن جازالىنىدۇ.(جازا كىشىلەر تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئىسلامى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ.-م-) ئەگەر ئۇنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەي توي قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا جازا قوللىنىلمايدۇ. بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى ئايرىۋېتىش كېرەك، تالاق قىلىش ھاجەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نىكاھ باتىلدۇر.

بۇ خىلدىكى توي مەرىكىسنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى قىزنىڭ ۋەلىسى، ئىسلام دىنى ئەزىز قىلغان مۇسۇلمان قىز پەرزەنتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى، ئىسلام دىنى كۆرسەتكەن پرىنسىپلاردىن ھالقىماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دېگەن: « كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن).» (يەنى ئىنسان ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئىززەتلىك بولىدۇ).

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

Go to the Top