ما هي العلمانية؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: ما هي العلمانية؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما هي العلمانية؟
تأريخ الإضافة: 2009-05-21
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/208225
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئىلمانىيە«Secularism» دېگەن قانداق ئېقىم؟
478 KB
فتح: ئىلمانىيە«Secularism» دېگەن قانداق ئېقىم؟.doc
نبذة موسعة

 

ئىلمانىيە«Secularism» دېگەن قانداق ئېقىم؟

 

121550- نومۇرلۇق سوئال

جاۋاب:

دىننى سىياسەتتىن ئايرىش ئېقىمى قانداق ئېقىم بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلسە؟

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

  ئىلمانىيە يېڭى ئېقىم ۋە پاساتچىلىقنىڭ مەنبىيى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت دىننى سىياسەتتىن ئايرىپ قاراشنى تەشەببۇش قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنى ھاياتلىقتىكى ماددى ۋە جىسمانى لەززەتكە بېرىلىشكە تەرغىپ قىلىپ ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئېقىمدىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ قانۇنىنى رېئاللىقتا ئەمەلىلەشتۇرۇشكە قارشى بولۇپ، زىنا-پاھىشە، جازانىخۇرلۇقلارغا ئوخشاش ئىشلارنى ئىنسانلارنىڭ شەخسى مەنپەئەتىگە قارشى چىققانلىق دەپ قاراپ، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئومۇمى تۈرلىرىنى ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا قىلسا بولىدۇ دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. شۇنداقلا قەستەن ئادەم ئولتۇرۇش، ئوغۇرلۇق قىلىش، زىنا قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتتە تۇرغۇزۇلغان قانۇن-پرىنسىپنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىنسانى ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ داۋا قىلغۇچىلاردۇر. ئىسلامدا بۇ ئېقىمغا قۇرئان كەرىم مۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ: «سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىقتا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» سۈرە بەقەرە 85-ئايەت.

كىمىكى دىنى ئەھكاملاردىن ئۆز خاھىشىغا بېقىپ خالىغاننى قوبۇل قىلىپ، كۆڭلى تارتمىغان ئىبادەتلەرنى ئېتىراپ ياكى ئەمەل قىلمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ زىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ» سۈرە ھۇد 15-16-ئايەتلەر.

ئىلمانىيلار مال-دۇنياغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار دۇنيادا، دىنى ۋە ئىنسانى ئەخلاققا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ كۆز يۇمۇپ تۇرۇپ ئەيش-ئىشرەت، ئويۇن-تاماشا قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ھەيران قالارلىق يىرى شۇكى ئۆزى قىلىۋاتقان شۇ رەزىل قىلمىشلارنىڭ، قىز-خوتۇنلىرىغا باشقىلار تەرىپىدىن قىلىنىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئۆزىگە پاھىشە ۋە رەزىللىكتە ئىلغاپ ئولتۇرمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ» سۈرە ئىسرا 18-ئايەت.

پەزىلەتلىك شەيخ  ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين "بۈيۈك ئۆلىمالار پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ 78- بىتىگە قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

 

 

موضوعات متعلقة ( 4 )
Go to the Top