أسماء الله الحسنى ومعانيها

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: أسماء الله الحسنى ومعانيها
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «إِنّ لِلّهِ تِسْعَةً وَتِسْعِينَ اسْمًا مِائَةٌ إلا وَاحِدًا مَنْ أَحْصَاهَا دَخَلَ الْجَنّةَ » وإحصاؤها يعني:1) إحصاء ألفاظها وعددها. 2) فهم معانيها ومدلولها والإيمان به، دعاء الله بها؛ وهو نوعين: أ) دعاء ثناء وعبادة. ب) دعاء طلب ومسألة. ومن تتبّع آيات القرآن والسنة الصحيحة استطاع جمعها
تأريخ الإضافة: 2009-08-05
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/228807
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى
396.5 KB
فتح: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى.doc
نبذة موسعة

ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى

 

الله: پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ يېگانە ئىلاھى ۋە ئىبادەتكە لايىق بولغۇچى، ھەممە ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ئىبادەت قىلىدىغان، باش ئېگىپ رۇكۇ، يېلىنىپ سەجدە قىلىدىغان ۋە ھەر تۈرلۈك ئىبادەتلەر ئۇنىڭغىلا قىلىنىدىغان مەبۇد بەرھەقنىڭ ئىسمى.

الرَحْمَنُ: ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى ئۈچۈن رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە شامىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىشلىتىلمەيدىغان خاس ئىسىمدۇر.

الرَحِيمُ: مۆمىنلەرگە بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى بۇ دۇنيادا ئىسلامغا ھىدايەت قىلغانلىقى ۋە ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى ئۇنىڭ رەھىم سۈپىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

العَفُوُّ: بەندە جازاغا  ھەقلىق بولغان تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىنى ئۆچۈرگۈچى، خاتالىقىنى كەچۈرگۈچى، جازادىن ئەپۇ قىلغۇچى ئاللاھتۇر.

الغَفُورُ: گۇناھ قىلغۇچىنى رەسۋا قىلماستىن، گۇناھىنى يۆگۈگۈچى ۋە جازادىن ئەپۇ قىلغۇچى ئاللاھتۇر.

الغَفَّارُ: ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسمى. چۈنكى ئاللاھ تائالا گۇناھكار ۋە تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى زاتتۇر.

الرّءوفُ: رەھمەتنىڭ ۋە شەپقەتنىڭ كامالىتى بولغان سۈپەت بولۇپ، بۇ دۇنيادا پۈتۈن مەخلۇقات ئۈچۈن ئومۇم، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈچۈن خاس بولغان رەھمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

الحَلِيمُ: كۈچى يېتىدىغان تۇرۇپ گۇناھكارلارنى ئالدىراپ جازالىمايدىغان، بەلكى تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرىۋەتكۈچى ئاللاھتۇر.

التَّوابُ: خالىغان بەندىلىرىنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغۇچى ۋە تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھتۇر.

السِّتيرُ: بەندىلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى، خاتالىقلىرىنى، گۇناھلىرىنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئېچىپ، ئۇلارنى رەسۋا قىلماستىن، يۆگىگۈچى، بەندىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى يۆگىگەنلەرنى دوست تۇتقۇچى ئاللاھتۇر.

الغَنِيُّ: مۇتلەق تەڭداشسىز كامالەتكە  ۋە مۇتلەق كامىل سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلىقتىن، بەندىلىرىدىن ھېچبىرىگە مۇھتاج بولمىغان، پۈتۈن مەخلۇقات ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغان ۋە ئۇنىڭ ئىنئامى ۋە ياردىمى ھېچقاچان ئايرىلمايدىغان ئۇلۇغ زاتتۇر.

الكَرِيمُ: ياخشىلىقى كۆپ، ئاتا-ئېھسانى مول، خالىغان بەندىسىگە سورىسۇن ياكى سورىمىسۇن، خالىغانچە بېرىدىغان زاتتۇر.

الأَكْرَمُ: سېخىيلىقتا، ئاتا-ئېھسان قىلىشتا تەڭدىشى يوق، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇنىڭ قولىدا بولغان، مۆمىنلەرگە ئۆز پەزلىدىن ئىنئام قىلىدىغان، كاپىرلارنى ۋە ئاسىيلارنى كېچىكتۈرۈپ ئۆز ئادالىتى بىلەن جازالايدىغان زاتتۇر.

الوَهَّابُ: كۆپ بەرگۈچى، بەدەلسىز بەرگۈچى ۋە سورىمىسىمۇ ئاتا-ئېھسان قىلغۇچى زاتتۇر.

الجَوَادُ: ھېسابسىز بەرگۈچى، بەندىلىرىگە پەزلى-ئېھسان قىلغۇچى، مۆمىنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بەرگۈچى ئاللاھتۇر.

الوَدودُ: ھەقىقىي مۆمىن بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارغا مەغپىرەت بىلەن مۇكاپات بېرىدىغان، ئۇلاردىن رازى بولىدىغان ۋە ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدىغان شەپقەتلىك زاتتۇر.

المُعْطي: خالىغان بەندىسىگە ياخشىلىق خەزىنىلىرىدىن ھېسابسىز بەرگۈچى، مۆمىن بەندىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نېسىۋە بەرگۈچى، ھەر نەرسىنى چىرايلىق ياراتقۇچى زاتتۇر.

الوَاسِعُ: ياخشىلىق ۋە كامالىيەت سۈپەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ساناپ بولغىلى بولمايدىغان قەدەر كۆپ، پادىشاھلىقى، ئۇلۇغلىقى، مەغپىرىتى، رەھمىتى كەڭ، ئاتا-ئېھسانلىرى مول زاتتۇر.

المُحْسِنُ: زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە كامالىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان، ھەر شەيئىگە ئېھساننى پۈتىۋەتكەن، بەندىلىرىگە ھەمىشە ياخشىلىق ئاتا قىلىدىغان زاتتۇر.

الرَّازِقُ: پۈتۈن خەلقلىرىگە رىزىق بەرگۈچى زات. رىزىقلارنى ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن بەلگىلەپ بولغان ۋە ئۇلارنىڭ رىزقىنى ئۈستىگە ئالغان زاتتۇر.

الرَّزَّاقُ: ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رىزىقنى كۆپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۇلارغا سورىماستىن رىزىق بېرىدۇ، ھەتتا گۇناھكارلارغىمۇ رىزىق بېرىدۇ.

اللَّطِيفُ: ئىشلارنى ۋە شەيئىلەرنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى بىلگۈچى، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا پىنھان قالمايدىغان، ياخشىلىقلارنى بەندىلىرىگە مەخپى ھالدا ھېسابسىز يەتكۈزۈپ بېرىدىغان زاتتۇر.

الخَبِيرُ: شەيئىلەرنىڭ يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى خۇددى ئاشكارا  تەرەپلىرىنى بىلگەندەك تولۇق بىلگۈچى، ئىلمى، مەلۇماتى ھەممىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى زاتتۇر.

الفَتَّاحُ: ياخشىلىق خەزىنىلىردىن، رەھمىتىدىن ۋە رىزقىدىن ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىگە ئاساسەن خالىغانچە ئاچىدىغان ۋە بەندىلىرىنى تەمىنلەيدىغان زاتتۇر.

العَلِيمُ: ئىلمى شەيئىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، ئىچكى ۋە تاشقى پۈتۈن تەرەپلىرىنى تەپسىلى ۋە ئېنىق بىلگۈچى، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كېلەچەككە ئائىت ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچى زاتتۇر.

البَرُّ: بەندىلىرىگە ۋە جىمى مەخلۇقاتلىرىغا ئاتا-ئېھسان قىلىشتا قولى كەڭ، بەرگەنلىرىنى ھېچكىم ساناپ بولالمايدىغان، ۋەدىسىدە راستچىل، بەندىلىرىنىڭ خاتالىقلىرى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچى، ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچى ۋە قوغدىغۇچى زاتتۇر.

الحَكِيمُ: ھەر ئىشنى جايىدا قىلغۇچى، قىلغانلىرىدا ھېچقانداق ناقىسلىق ياكى زىيادىلىك بولمايدىغان زاتتۇر.

الحَكَمُ: بەندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھېچكىمگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدىغان، ئىنسانلار ئارىسىدا ئادالەت مىزانى قىلىپ ئۇلۇغ قۇرئاننى چۈشۈرگەن زاتتۇر.

الشَّاكِرُ: ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ماختايدىغان ۋە شەنىنى كۆتۈرىدىغان، ئاز ئەمەلگە كۆپ ساۋاب بېرىدىغان، نېمەتكە شۈكۈر قىلغۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تېخىمۇ زىيادە بېرىش بىلەن جاۋاب بېرىدىغان زاتتۇر.

الشَّكُورُ: بەندىلەرنىڭ ئاز ئەمەللىرى، ئۇنىڭ دەرگاھىدا كۆپ بولۇپ قوبۇل قىلىنىدىغان، مۇكاپاتنى ھەسسىلەپ بېرىدىغان زاتتۇر. ئاللاھ بەندىلەرنىڭ شۈكۈرلىرىگە ساۋاب بېرىدۇ ۋە ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

الجَمِيلُ: زاتىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە پۈتۈن ئىشلىرىدا گۈزەل بولغۇچى، ياراتقانلىرىدىكى پۈتۈن گۈزەللىك ئۇنىڭدىن كەلگەن زاتتۇر.

المَجيدُ: ئاسمان ۋە زېمىندە مۇتلەق پەخرى، ھۆرمەت، ئىززەت  ئۇنىڭغىلا خاس بولغان زاتتۇر.

الوَلِيُّ: مەخلۇقاتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى، پادىشاھلىقىنى مۇكەممەل ئىدارە قىلغۇچى، مۆمىنلەرگە ياردەم ۋە نۇسرەت بەرگۇچى زاتتۇر.

الحَميدُ: زاتى، ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە پۈتۈن ئىشلىرى ماختالغۇچى، باياشاتلىق ۋە قىيىنچىلىق، قاتتىقلىق ۋە خوشاللىق ھەممە ھالەتتە مەدھىيە ئوقۇلغۇچى، ھەمدۇسانا ۋە شۈكرىگە ھەقىقىي ھەقلىق بولغۇچى زاتتۇر.

المَوْلَى: رەب، پادىشاھ، خوجايىن، مۆمىنلەرنى قوللىغۇچى ۋە ياردەم قىلغۇچى زاتتۇر.

النَّصِيرُ: ياردىمى بىلەن خالىغان بەندىسىنى قوللىغۇچى، ئۇ ياردەم بەرگۇچىگە غالىپ كەلگۇچى ۋە رەزىل قىلغۇچىنى ئىززەتلىك قىلغۇچى بولمىغان، ھەمىشە ھەرئىشتا غالىب كەلگۈچى زاتتۇر.

السَّمِيعُ: ھەر قانداق چاقىرىق، مۇناجاتلارنى، دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ھەر قانداق مەخپى ۋە ئاشكارا ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى، دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە تىلىگەنلىرىنى بەرگۈچى زاتتۇر.

البَصِيرُ: غەيب ۋە ئاشكارا ئالەملەردىكى پۈتۈن شەيئىلەرنى ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، ھەر قانداق مەخپى نەرسىنىمۇ-مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن- ئېنىق ۋە ئوچۇق كۆرگۈچى زاتتۇر.

الشَّهيدُ: بەندىلىرىنى كۈزەتكۈچى، ئۆزىنىڭ يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولغۇچى، مۆمىنلەرنىڭ راستچىللىقىغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى زاتتۇر.

الرَّقيبُ: بەندىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن جىمى ئىشلىرىنى، ھەتتا گەپ- سۆزلىرىنى بىلىپ، كۈزىتىپ تۇرغۇچى، بىر لەھزىدە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ، بىلىپ، كۈزىتىپ ئۈلگۈرگۈچى زاتتۇر.

الرِّفيقُ: ئىشلىرىدا، تەقدىرلىرىدە مېھرىبانلىقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويغۇچى، بەندىلىرىگە شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن قارىغۇچى، بەندىلەرگە ئاسانلىقنى كۆزلەپ  شەرىئەت تەكلىپلىرىنىمۇ تەدرىجىلىك بىلەن چۈشۈرگۈچى، ئۇلار تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلمايدىغان زاتتۇر.

القَرِيبُ: ئىلمى، قۇدرىتى ۋە شەپقىتى بىلەن پۈتۈن خەلقىگە ئەڭ يېقىن بولغۇچى، مۆمىنلەرگە ياردىمى،  نۇسرىتى ۋە مېھرىبانلىقى بىلەن ھەمىشە يېقىن تۇرغۇچى زاتتۇر.

المُجيبُ: دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ۋە سورىغۇچىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغۇچى، ھېكمىتى ۋە ئىلمىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن خالىغانچە بەرگۈچى زاتتۇر.

الْمُقِيتُ: رىزىقلارنى ۋە ئوزۇقلۇقلارنى ياراتقان، مەخلۇقاتلىرىغا ئۇلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلغان، بەندىلىرىنى ۋە رىزىقلىرىنى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى نوقسانسىز مۇھاپىزەت قىلغۇچى زاتتۇر.

الحَسيبُ: بەندىلىرىنىڭ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلغۇچى، مۆمىنلەرگە ئالاھىدە ئىنئام قىلغۇچى ۋە قوغدىغۇچى، بەندىلەرنىڭ دۇنيادا قىلغانلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالغۇچى زاتتۇر.

المُؤْمِنُ: پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ راستچىللىقىغا گۇۋاھ بولغۇچى، تەستىقلىغۇچى، ياخشى ئىش قىلغانلارغا قىيامەت كۈنىدە زۇلۇم قىلماستىن، كەم قىلماستىن ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغۇچى زاتتۇر.

المَنانَّ: ئاتا-ئېھسانى بەك كۆپ، نېمەتلىرى ناھايىتى مول، بەندىلىرىگە ياخشىلىقلىرى ھېسابسىز زاتتۇر.

الطَّيِّبُ: ھەر قانداق ئەيىب ۋە نوقسانلاردىن پاك، پاكىز، ساق ۋە تولۇق، كامالەتتە مۇتلەقلىك ئۇنىڭفا خاس بولغان، بەندىلىرىگە ئاتا-ئېھسانلىرى كۆپ بولغان، پاك بولمىغان زاكات ۋە سەدىقىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان، ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنمىغان ئەمەللەرنى رەت قىلىدىغان زاتتۇر.

الشَّافِي: قەلبلەرگە ۋە بەدەنلەرگە شىپالىق بەرگۈچى زاتتۇر. كېسەللەرنىڭ شىپالىق تېپىشى بەندىلەرنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى شىپالىق ئاللاھتىندۇر. ئاللاھ ساقايتىشنى خالىغان كېسەل ئۈچۈن داۋالىنىش يوللىرىنى ۋە پايدىلىق دورىلارنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىدۇ.

الحَفيظُ: مۆمىن بەندىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى قوغدىغۇچى ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ساقلىغۇچى زاتتۇر.

الوَكيلُ: ئالەملەرنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، يارىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىدا يېگانە بولغۇچى، ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىتائەتمەن مۆمىنلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى، ئۇلارغا ھالال رىزىق تېپىش، ئىبادەت ۋە پۈتۈن ھاياتلىق ئىشلىرىدا ياردەم بەرگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ شۈكۈرلىرى ئۈچۈن نېمىتىنى زىيادە قىلىپ بەرگۈچى زاتتۇر.

الخَلاَّقُ: ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنىڭ كۆپلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىسىم. ئاللاھ ھەمىشە يارىتىپ تۇرىدۇ. ياراتقۇچىلىقى بىلەن ئەبەدى سۈپەتلىنىدۇ.

الخَالِقُ: ھەر نەرسىنى تەڭداشسىز  ۋە ياردەمسىز ياراتقۇچى زاتتۇر.

البَارِئُ: ئۆزى تەقدىر قىلىپ بەلگىلىگەنلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى زاتتۇر.

المُصَوِّرُ: ھەر بىر مەخلۇقاتنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتى تەقەززا قىلغان شەكىلدە شەكىللەندۈرگۈچى ۋە گۈزەل سۈرەتلەردە ياراتقۇچى زاتتۇر.

الرَّبُّ: مەخلۇقاتلىرىنى نېمەتلىرى ۋە ئاتا-ئېھسانلىرى بىلەن پەرۋىش قىلغۇچى زات. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىتائەتمەن مۆمىن بەندىلىرىنى مەخسۇس تەربىيىلەيدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ياراتقۇچى ۋە ئىگە بولغۇچى خوجايىندۇر.

العَظِيمُ: زاتىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە جىمى ئىشلىرىدا  مۇتلەق كامالەت ۋە مۇتلەق ئۇلۇغلۇققا ئىگە زات. شۇنىڭ ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ۋە قەدىرلىشى پەرزدۇر. شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى بۈيۈك بىلىش پەرزدۇر.

القَاهِرُ: بەندىلىرىنى بويسۇندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، مەخلۇقاتلار ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا باش ئەگكۈچى زاتتۇر. بەندىلەرنى مۇتلەق بويسۇندۇرغۇچى كامالەتلىك زاتتۇر.

المُهَيْمِنُ: ھەر شەيئىنى ئىدارە قىلغۇچى ۋە ساقلىغۇچى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەر تەرىپىنى بىلگۈچى زاتتۇر.

العَزِيزُ: ئىززەت ۋە قۇدرەت مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، ھېچكىم ئۇنىڭغا غالىب كېلەلمەيدىغان، ھېچكىمگە ھېچ ئىشتا مۇھتاج بولمايدىغان، ئۇنىڭ ئىزنىسىز ھېچ نەرسە ئورنىدىن مىدىرلىمايدىغان مىسلىسىز قۇدرەت ۋە كۈچ ئىگىسى بولغان زاتتۇر.

الجَبَّارُ: خالىغىنىنى قىلغۇچى، بەندىلىرىنى قەھرى ۋە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇتقۇچى، ھەر نەرسە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئالدىدا باش ئەگكۈچى، ئۇنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغۇچى، قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلغۇچى، پېقىرنى باي قىلغۇچى، ئاساننى قىيىن قىلغۇچى، كېسەللەرنى ساقايتقۇچى، يارىدارلارغا ھايات ئاتا قىلغۇچى زاتتۇر.

المُتَكَبِّرُ: ھەر قانداق ناقىسلىق ۋە يامانلىقتىن ئۈستۈن، بەندىلەرگە زۇلۇم قىلىشتىن يىراق، كاتتىلىق ۋە بىلەن ھەمىشە سۈپەتلەنگۈچى ئۇنىڭدىن بۇ كاتتىلىقنى تالاشقۇچىلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگۈچى زاتتۇر.

الكَبِيرُ: زاتىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا كاتتا ۋە ئۇلۇغ زات. ئاللاھتىن ئۇلۇغ ۋە كاتتا ھېچكىم يوق. ئاللاھتىن باشقا ھەممە  ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىچىك ۋە ئاددى سانىلىدۇ.

الحَيِيُّ: ئۆزىنىڭ كاتتا ماقامىغا لايىق ھالدا ھايا ئىگىسى بولغان زات. ئاللاھنىڭ ھاياسى سېخىيلىق ۋە پەزلى-ئېھساننى بۈيۈكلىكنى تەقەززا قىلىدىغان ھايادۇر.

الحَيُّ: ھەقىقىي مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئىگىسى، ئەۋۋىلى ۋە ئاخىرى بولمىغان ئەبەدىي ھاياتنىڭ ئىگىسى بولغان زات. دۇنيادىكى ھاياتنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن كەلگەن. ئاللاھ ھاياتلىقنىڭ يېگانە مەنبىئىدۇر.

القَيُّومُ: ئۆز زاتى بىلەن ھەممە ئىشنى ئىدارە قىلغۇچى، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ياردىمىدىن بىھاجەت بولغۇچى ۋە ئاسمانلار ھەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى يالغۇز ئىدارە قىلغۇچى، ھەممە ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغۇچى زاتتۇر.

الوَارِثُ: پۈتۈن مەۋجۇدات يوقالغاندىن كېيىنمۇ داۋام قىلغۇچى زات. ھەممە نەرسە پانىيلىققا يۈز تۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ. قولىمىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن بىزگە ئامانەت بولۇپ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايتىدۇ.

الديَّانُ: پۈتۈن مەۋجۇداتنى بويسۇندۇرغۇچى ۋە ئىدارە قىلغۇچى، بەندىلىرىنىڭ قىلغانلىرىغا مۇكاپات ۋە جازا بەرگۈچى، ياخشىلارنىڭ ياخشىلىقىغا كۆپ ساۋاب بەرگۈچى، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرگۈچى ياكى قىلغانلىرىغا كۆرە جازالىغۇچى زاتتۇر.

المَلِكُ: خەلقى ئۈستىدە مۇتلەق ھاكىمىيىتى بولغان خالىغان ئىشقا بۇيرۇپ، خالىغان ئىشتىن توسىدىغان، ھەممىنى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدىغان ، ھەممىنى ئۆزى قىلىدىغان زاتتۇر.

الْمَالِكُ: پادىشاھلىقى ئۆزىنىڭ ھەققى ۋە ئۆزىگىلا خاس بولغان، مەۋجۇداتنى ياراتقاندا يېنىدا ھېچكىم بولمىغان، بارچە مەخلۇقاتلار يوق قىلىنغان ۋاقىتتىمۇ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى داۋام قىلىدىغان زاتتۇر.

المَلِيكُ: مۇتلەق پادىشاھلىققا دالالەت قىلىدىغان ئىسىم بولۇپ، «الملك» سۆزىدىن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە.

السُّبوحُ: ھەر قانداق ئەيىب ۋە نۇقساندىن پۈتۈنلەي پاك زاتتۇر. چۈنكى بارلىق گۈزەل كامالىي سۈپەتلەر، ئاللاھقىلا مەنسۇپ.

القُدُّوسُ: قايسى بىر تەرەپتىن بولمىسۇن، ھەر قانداق ناقىسلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن پاكتۇر. چۈنكى ئاللاھ مۇتلەق كامالىي سۈپىتى بىلەن يېگانە سۈپەتلەنگەن زاتتۇر.

السَّلامُ: ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ۋە پۈتۈن ئىشلىرىدا ھەر قانداق نوقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن خالى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق تىنچلىق ۋە سالامەتلىكلەرنىڭ مەنبىئى بولغان زاتتۇر.

الحَقُّ: ئىلاھلىقىدا، ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ھەق ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك بولمىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ مەبۇد بەرھەق بولمىغان زاتتۇر.

المُبِينُ: يېگانە ئىلاھلىقىدا، ھېكمەتلىرىدە ۋە رەھمىتىدە ئوچۇق، ئېنىق ۋە ئاشكارا بولغان، بەندىلىرىگە ھەقكە ئەگىشىشى ئۈچۈن ھەق يولنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگۇچى، ئازغۇن يوللاردىن ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئۇلارنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلغۇچى زاتتۇر.

القَوِيُّ: مۇتلەق ئىختىيار بىلەن كامالىي قۇدرەتنىڭ ئىگىسى بولغان زاتتۇر.

المَتِينُ: قۇدرىتىدە، كۈچىدە كۈچلۈك، ھېچقانداق ئىشتا جاپا تارتىپ قالمايدىغان، ھېرىپ قالمايدىغان زاتتۇر.

القَادِرُ: ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان، ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچ نەرسە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرالمايدىغان ۋە خالىغان نەرسىنى ئۆز خاھىشى بىلەن ئىرادە قىلىدىغان زاتتۇر.

القَدِيرُ: «القادر» سۈپىتىنىڭ ئەڭ كامالىي ئىپادىسى بولۇپ، ئاللاھنىڭ مۇتلەق قۇدرەت ۋە كۈچ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

المُقْتَدِرْ: ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشتە كامالىي مۇتلەق قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان سۈپەت.

العَلِيُّ الأعْلى: ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ، قەھرى كۈچىنىڭ، شەنىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ۋە ھەر نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قولىدا ۋە خاھىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۈپەت. ئاللاھقا ئۈستۈن كېلىدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر.

المُتَعَالُ: ئۇلۇغلىقى ۋە قۇدرىتى ئالدىدا ھەر نەرسە خارلىق ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدىغان، تەڭدىشى بولمىغان، بەلكى ھەر نەرسە ۋە ھەر قانداق مەخلۇقات ئۇنىڭ تەسەررۇپى، پادىشاھلىقى ۋە قەھرى ئاستىدا بولىدىغان زاتتۇر.

المُقَدِّمُ: ھەر نەرسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ئىلمى ۋە ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن خەلقلىرىدىن بەزىسىنى بەزىسىگە ئۈستۈن ياكى ئىلگىرى قىلىدىغان زاتتۇر.

المُؤخِّرُ: بەزى نەرسىلەرنى تۆۋەن قىلىپ، خالىغانلىرىنى ئىلگىرى ياكى ئۈستۈن قىلىدىغان، خالىغان ئىشنى ئۆز خاھىشى ۋە ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە كېچىكتۈرىدىغان، بەندىلىرىنى تەۋبە قىلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئۇلارنى ئازابلاشنى كېچىكتۈرىدىغان زاتتۇر.

المُسَعِّرُ: شەيئىلەرنىڭ قىممىتىنى، ئورنىنى ۋە ماقامىنى ۋە تەسىرىنى خالىغانچە كۆتۈرىدىغان ياكى كەم قىلىدىغان، ھېكمىتىگە ئاساسەن بەزى نەرسىلەرنى باھالىق ۋە بەزىسىنى ئەرزان قىلىدىغان زاتتۇر.

القَابِضُ: روھلارنى قەبز قىلىدىغان، ھېكمىتى بويىچە بەزى بەندىلىرىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇدرىتىنى، كۈچىنى ۋە قابىلىيىتىنى، شۇنداقلا رىزىقلىرىنى تار قىلىدىغان زاتتۇر.

البَاسِطُ: رەھمىتى، شەپقىتى بىلەن بەزى بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى مول، تۇرمۇشىنى باياشات قىلىدىغان، ئاندىن ھېكمىتى بويىچە ئۇلارنى سىنايدىغان، تەۋبە قىلغۇچىلارغا مەغپىرەت قولىنى سۇنىدىغان زاتتۇر.

الأَوَّلُ: ھېچ نەرسە يوق ۋاقىتتىمۇ بولغان، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ يارىتىشى ۋە ئىجاد قىلىشى بىلەن پەيدا بولغان، ئۆزىنىڭ باشلىنىش تارىخى بولمىغان زاتتۇر.

الآخِرُ: ھەر نەرسە پانى بولغاندىمۇ داۋام قىلىدىغان، تۈگەنجىسى بولمىغان، ھەممە نەرسە ئاخىرى ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغان، تۈگەنجىسى يوق مەڭگۈلۈك باقى زاتتۇر.

الظَّاهِرُ: ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئاشكارا بولغۇچى، قۇدرىتى نامايان بولۇپ تۇرغۇچى، ئاللاھتىن ئۈستۈن ھېچ نەرسە يوق، ئۇ ھەممىگە ھامىي ۋە ھەممىنى ئىدراك قىلغۇچى زاتتۇر.

البَاطِنُ: ئاللاھ مەخپىيدۇر ۋە بەندىلىرىگە ئەڭ يېقىندۇر يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ.

الوِتْرُ: يەككە-يېگانە، شېرىكى يوق ياكى ياردەمچىسى ياكى بالىسى ياكى ئوخشىشى بولمىغان زاتتۇر.

السَّيِّدُ: مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسى، ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ياراتقۇچىسى زاتتۇر. پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر.

الصَّمَدُ: ھېچكىمگە مۇھتاج بولمىغان، خوجايىنلىقىدا، مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىقىدا تەڭدىشى بولمىغان، ھەممە ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغان، مەخلۇقاتلىرىنى رىزىقلاندۇرىدىغان ۋە ئۇلاردىن رىزىق كۈتمەيدىغان يېگانە زاتتۇر.

الوَاحِدُ الأَحَدُ: كامالى مۇتلەقتە يېگانە بولغان، ئوخشىشى بولمىغان، شېرىكى بولمىغان زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنى بىر بىلىپ ئېتىقاد قىلىش، ئىبادەتلەرنى ئۇنىڭغىلا قىلىش مۇسۇلمانچىلىقنىڭ تەقەززاسى. ئېتىقاد ۋە ئىبادەتنى ئۇنىڭغىلا خالىس قىلىش زۆرۈر بولغان تەڭداشسىز زات.

الإِلَهُ: ھەقىقىي مەبۇد بەرھەق ئىبادەت قىلىشقا تولىمۇ ھەقلىق بولغان زاتتۇر.


 

 

Go to the Top