كارثة عائلية بسبب أب لا يخاف الله

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: كارثة عائلية بسبب أب لا يخاف الله
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: وعندي أسئلة بخصوص هذه الحالة المذكورة:
1-زوجي قال أننا لن نزور أبي ولن نسمح له بزيارتنا حتى يقلع عن كل المحرمات التي يفعلها ويتوب لله توبة صادقة فهل هذا صحيح ام لا ؟
2-ماذا يجب أن نعمل لكي يقلع عن كل العادات التي يعملها ؟
3-أنا أعرف أن أختي يجب أن لا تسكن معنا فما الحكم في هذه الحالة ؟

تأريخ الإضافة: 2009-05-17
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/207886
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
ئاللاھتىن قورقمايدىغان ئاتىنىڭ بىر ئائىلىگە كەلتۈرگەن ئاپىتى
504.5 KB
فتح: ئاللاھتىن قورقمايدىغان ئاتىنىڭ بىر ئائىلىگە كەلتۈرگەن ئاپىتى.doc
نبذة موسعة

 

ئاللاھتىن قورقمايدىغان ئاتىنىڭ بىر ئائىلىگە كەلتۈرگەن ئاپىتى

 

3089-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن، سىڭلىم ۋە ئىنىم ئۈچىمىز دادام بىلەن بىللە تۇراتتۇق. دادام مېنىڭ ئاپامنى قوشۇپ جەمئىي ئۈچ ئايال بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى. ئۇ پەقەت پۇلغىلا كۆڭۈل بۆلەتتى. پەقەت بىز ئۇنىڭغا پۇل بەرسەك بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ئىنىم دادامنىڭ قوپاللىقلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىقلىرىغا چىدىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

 دادام پىۋا ۋە ھاراق ئىچىدۇ ۋە پاھىشە ئىشلارنى قىلىدۇ. بىزگە زادىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بەزىدە ئاياللارنى بىزنىڭ ئالدىمىزغىلا باشلاپ كىرىدۇ، ئەگەر بىز ئۇنى توسماقچى بولساق بىزنى سىلكىۋېتىدۇ، ھەتتا ئۇرىدۇ. ئۇ مېنىڭ ئاپامنى ھارام ئىش قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلدى، ھەتتا ئۆز ئوغلىدىن كېچىپ كەتتى، چۈنكى ئىنىم ئۇنىڭغا پۇل بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن بىزنى ناماز ئوقۇشقا، رامزان روزىسىنى تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان ئەمەس، ئۆزىمۇ ئەزەلدىن بۇلارنى قىلمايدۇ. ھەتتا مېنى بىر قانچە قېتىم پىۋا ئىچىشكە زورلاپ مەن پىۋىمۇ ئىچكەن ئىدىم.

ئەلھەمدۇلىللاھ، مەن ھازىر توي قىلدىم. ھازىر يولدىشىم ئىككىمىز نامازلىرىمىزنى ۋاقتىدا ئوقۇيمىز، مەن ئادەتتە ئىلگىرى تۇتۇلمىغان رامزاننىڭ قازاسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن روزا تۇتىۋاتىمەن. دائىم ئىلگىرى بىلىپ ياكى بىلمەسلىكتىن  ئۆتكۈزۈپ قالغان گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىمەن. يولدىشىم بۇ ئىشلىرىمدا ماڭا ناھايىتى يېقىن ياردەمدە بولۇۋاتىدۇ. مەن توي قىلىپ باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ سىڭلىمغا بولغان مۇئامىلىسى بەكلا ناچارلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ نەچچە قېتىم سىڭلىمنى ئۆزى ۋە ئاشىقىغا ھەمراھ بولۇپ پىۋا ئىچىشكە زورلاپتۇ، لېكىن سىڭلىم ئۇنى قەتئىي رەت قىپتۇ. ھازىر سىڭلىم ئۇخلىغاندىمۇ ئىشىكنى تاقاپ ياتىدىغان بوپتۇ، ئىشقىلىپ دادامغا زادىلا ئىشىنەلمەيدىكەن. شۇڭا مەن سىڭلىمنى بىز بىلەن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ باشقا بارىدىغان يېرى يوق. ( ئاپام باشقا دۆلەتتە تۇرىدۇ.)

مېنىڭ سوئاللىرىم تۆۋەندىكىچە:

1.مېنىڭ يولدىشىم دادام تاكى پۈتۈن ھارام ئەمەللەرنى تاشلاپ سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغۇچە ئۇنىڭ بىزنى كۆرگىلى كېلىشىگە ياكى بىزنىڭ ئۇنى كۆرگىلى بېرىشىمىزغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟

2. ئۇنىڭ يامان ئەمەللىرىنى تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن بىز نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟

3. سىڭلىم بىز بىلەن بىللە تۇرسا شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

جاۋاب:

بارچە مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

ئەگەر ئەھۋال سىز دېگەندەك بولسا، بىز مۇشۇنداق ناماز ئوقۇمايدىغان، روزا تۇتمايدىغان، ھاراق ئىچىدىغان ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدىغان مۇشۇنداق ئاتىنى ئائىلىگە نىسبەتەن بىر بالايى-ئاپەت، دېيىشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ لاھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ. ھەسبۇناللاھۇ ۋە نىئمەل ۋەكىل، ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن. ( ئاللاھتىن باشقا ھېچ قۇدرەت ۋە قۇۋۋەت ئىگىسى يوقتۇر. ئاللاھ بىزگە يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي- ھە!. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئېلكىدىمىز ۋە يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز.)  [بۇ مۇسۇلمانلار بىرەر ئاپەتكە ئۇچرىغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا-ت]

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنى ۋە بالاـچاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ». سۈرە تەھرىم 6- ئايەت.

ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟!: «كىمگە ئاللاھ بىرەر مەسئۇلىيەتنى بەرسە، ئاندىن شۇ كىشى ئۇ مەسئۇلىيەتكە سەل قارىسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتتە ئىنكار قىلىدۇ» . سەھىھ مۇسلىم، 203-ھەدىس.

يەنە بىر ھەدىستە: «سىلەر ھەممىڭلار پادىچىسىلەر، ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلارغا مەسئۇل بولىسىلەر...بىر ئەر ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن پادىچىدۇر، ئۇ ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ.» سەھىھ تىرمىزى. 1627- ھەدىس.

«كىمگە ئاللاھ بىرەر مەسئۇلىيەتنى بېرىدىكەن، ئۇ كىشى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» سەھىھۇلبۇخارى، 6617- ھەدىس.

بىز ئاللاھتىن ئۇ كىشىنى ھەققە قايتۇرۇپ كېلىشىنى سورايمىز.

گەرچە دادىڭىز سىزنى شۇنچە ئازابلارغا دۇچار قىلغان بولسىمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىڭىزگە يول قويۇلمايدۇ. سىز چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. سىز ۋە قېرىنداشلىرىڭىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭلار، ئۇنىڭغا بولغان قورقۇنچىڭلارنى ۋە مۇھەببىتىڭلارنى ئىپادىلەپ تۇرۇشۇڭلار كېرەك، بۇ ئۇنىڭ دادىلىق ھەققىدۇر. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلە قىلىشىڭلار ئىشنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سىز ۋە سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىزمۇ گۇناھتا ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىقىڭلار كېرەك. سىز خېتىڭىزدە سىلەر پۇل بەرسەڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلىسىنىڭ ياخشىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەنسىز. ئەگەر ئۇنىڭغا پۇل بېرىش بىلەن ئۇنىڭ ناچار مۇئامىلىسىنى تۈگىتىپ ئىشلارنى نورمال ئىزىغا چۈشۈرگىلى بولسا، بىر-بىرىڭلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ ياخشىلىغىلى بولسا نېمىشقا شۇنداق قىلمايسىلەر؟ لېكىن بۇنىڭ شەرتى ئۇنىڭ بۇ پۇللارنى ھارام ئىشقا سەرپ قىلماسلىقى بولۇشى كېرەك. ئاچچىقىڭىزنى پەسەيتىشكە، ئۇنىڭ بۇرۇن سىزگە قىلغان ناچار ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىڭ. ئۇنى خۇشال قىلىشقا، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشكە ھەرىكەت قىلىڭ. ئۇنى يوقلاڭ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ. بەلكىم بۇ ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاتىلىق تۇيغۇسى ئويغىنىپ قېلىشى، ئۇنى ھارام ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن توسۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈشنى ئويلىماڭ. مۇمكىن بولسا ئىنىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنى دادىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشقا كۆندۈرۈڭ. بىلىڭكى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا سەۋر بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىزمۇ بىرخىل جىھادتۇر، زور ئەجىر بېرىلىدۇ. تاكى ئۇ تەۋبە قىلغۇچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەيمەن، دېيىش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن سۈرە لوقمان 15-ئايەت.

ئەگەر ئۇ سىزگە چىداپ تۇرالمايدىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمىسە، ياكى سىزنى خاتا ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىسىلا ئۇنى يوقلاپ تۇرۇڭ. بىرەر كىشىنى تەۋبە قىلدۇرۇشنىڭ بىر يولى باشقىلارنىڭ ئۇنى ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىغا ئۇلار ھەتتا مۇشرىك بولغان تەقدىردىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشلىرى كېرەك. قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدىكى ئايەت كاپىر ئاتا-ئانىلارغا ئەگەر كەمبەغەل بولسا پۇل-مال بېرىپ، ئۇلارغا سىلىق- سىپايە مۇئامىلە قىلىپ ھەم ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرىش بىلەن ياخشىلىق قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

سىڭلىڭىزغا كەلسەك، ئەخلاقسىز دادىسى بىلەن بىللە تۇرغاندا چوقۇم ناھايىتى دىققەت قىلىشى، زۆرۈر بولغاندا ئىشىكنى مەھكەم تاقىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر دادىسىنىڭ يېنىدا ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمىسا، بىخەتەر بولىدىغان جايغا بېرىپ تۇرغىنى ياخشى. ئەگەر قولايسىز بولمىسا سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كەلسە بولىدۇ. بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغان بىر سالىھ ئەرنى ئۇنىڭغا نېسىپ قىلار.

بىز ئاللاھتىن دادىڭىزنى ھىدايىتىگە باشلىشىنى تىلەيمىز، ئۇنى قاراڭغۇلۇقتىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇپ يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈشىنى سورايمىز. ئاللاھتىن سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى، سىڭلىڭىزغا ياردەم قىلىشىنى، ھەقتە چىڭ تۇرۇشقا نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمىز.

ئاللاھنىڭ رەھمىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.

 

Go to the Top