كيف أتخلص من المعاصي

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: كيف أتخلص من المعاصي
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: كيف أتخلص من المعاصي، فأنا أعرف الخطأ والصواب في الإسلام؟
تأريخ الإضافة: 2009-02-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/193369
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن
525.5 KB
فتح: گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن.doc
2.
گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن
89.5 KB
فتح: گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن.pdf
نبذة موسعة

 

گۇناھ-مەسيەتتىن قانداق قول ئۇزىمەن

 

10280-نومۇرلۇق سوئال

سۇئال :

مەن ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ياخشى-ياماننى بىلىمەن، لېكىن مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان سوئالىم: گۇناھدىن قانداق قىلغاندا  ئۇزۇل-كېسىل قول ئۇزۇش مۇمكىن بولىدۇ؟

جاۋاپ:

جانابى ئاللاھ ئىنساننىڭ روھى گۈزەللىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى بەندىسىگە ھارام قىلغاندا بەندىسىنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويمىدى، بەلكى بەندىسىنىڭ يامان ئىشلاردىن يىراق بولىشىغا ياردەمچى بولىدىغان، ھەر تۈرلۈك قولاي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بەردى.

1- جانابى ئاللاھقا بولغان ئىماننى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن قورقۇش.

2- جانابى ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە كۈزەتكۈچى ئىكەنلىكىنى، بەندىلەرنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىش- ھەرىكەتلىرىنىڭ يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش.

3- گۇناھ ئىشلەپ ۋاقىتلىق ھۇزۇر ئىلىش بىلەن، ئۇ گۇناھ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازانى سېلىشتۇرۇشى، ھەمدە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇتقانلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك مەرھىمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى لازىم.

4- گۇناھ- مەسىيەتكە ھەيدەكچى ۋە ياردەمچى بولىدىغان ۋاسىتىلەردىن يىراق بولىشى، ئەرلەر يات ئاياللارغا، ئاياللار  يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن، يامان ئەخلاقلىق دوستلاردىن، گۇناھ -مەسىيەت سادىر بولىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولۇش، بىلىملىك، سالىھ، تەقۋادار كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئەۋۋەل جانابى ئاللاھنىڭ پەزلى، ئىككىنچىدىن يۇقىرىقى ۋاستىلار ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلاپ قالالايدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

Go to the Top