حكم الاحتجاج بالقدر على فعل المعاصي أو ترك الواجبات؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: حكم الاحتجاج بالقدر على فعل المعاصي أو ترك الواجبات؟
اللغة: أيغوري
ترجمة: محمد يوسف
نبذة مختصرة: هل يصح للمذنب أن يحتج على وقوعه في المعصية بأن هذا ما قدره الله عليه؟.
تأريخ الإضافة: 2008-08-10
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/172329
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
گۇناھكارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرىمۇ؟
150.8 KB
فتح: گۇناھكارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرىمۇ؟.pdf
2.
گۇناھكارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرىمۇ؟
545.5 KB
فتح: گۇناھكارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرىمۇ؟.doc
نبذة موسعة

 

 

گۇناھكارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرىمۇ؟

 

49039 نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىنسان گۇناھ -مەسىيەت ئىشلىشىنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن دەپ تەقدىرگە يۈكلەپ قويۇشى توغرىمۇ؟

جاۋاب:

بەزى كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن قىلغان گۇناھ - مەسىيەتلىرى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ مالامەتلىرىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن كۆرىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. شەكسىزكى، تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش دېگەنلىك كىشىلەرنىڭ پەرزلەرنى تەرك ئېتىش ۋە گۇناھ -مەسىيەتلەرنى ئىشلەشلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشىگە ئورۇن بەرمەيدۇ. بۇ پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋە ئەقىل ئىگىلىرى بۇ توغرىدا بىرلىككە كەلگەن.

ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ھېچكىمنىڭ گۇناھ ئىشلىگەنلىكىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرا ئەمەس. بۇ پۈتۈن مۇسۇلمانلار، ئەقىل ئىگىلىرى، باشقا دىن ئەھلى بىردەك ئىتتىپاقلاشقان مەسىلىدۇر. ئەگەر بۇنداق قىلىش جايىز بولىدىغان بولسا، ھەركىم خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرگەن، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئالغان ۋە پۈتۈن يامانلىقلارنى قىلغان، ئاندىن ھەممىنى قەدەرگە ئارتىپ قويۇپ قۇتۇلغان بولاتتى. قەدەرگە ئارتىپ قويۇپ باشقىلارغا يامانلىق قىلغان ئادەم ئەگەر ئۇنىڭغا بىراۋ يامانلىق قىلىپ ئۇنى قەدەرگە ئارتىپ قويسا ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى بۇنى ئەقىل قوبۇل قىلمايدۇ. (پەتىۋا 8/179)

گۇناھ -مەسىيەت ئىشلەشنى، پەرزلەرنى تەرك ئېتىشنى قەدەرگە ئارتىپ قويۇشنىڭ ئەقىل، دىن ۋە مەنتىق ھەر تەرەپتىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىغا دەلىللەر كۆپ.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: « مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ  خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك)ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا،  بىزگە كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»(ئەنئام سۈرىسى 148- ئايەت). مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى تەقدىردىن كۆرگەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ  قىلغىنى دۇرۇس بولىدىغان بولسا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلاشقا ۋەدە قىلمىغان بولاتتى. كىمكى گۇناھلىرى ئۈچۈن تەقدىرنى باھانە قىلىدىكەن، ئۇ كۇففارلارنىڭ مەزھىبىنى ياقلىغۇچىلار ۋە ئاللاھقا زۇلۇم بىلەن تۆھمەت قىلغۇچىلاردۇر.

« ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(نىسا 165).

قەدەر بىلەن ھۆججەت كەلتۈرۈش قوبۇل بولىدىغان بولسا ئىدى. پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن بۇ ھۆججەت كېسىلمىگەن ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشنىڭ پايدىسى بولمىغان بولاتتى.

ئاللاھ بەندىلىرىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇمىغان. ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ(بەقەرە 286- ئايەت).

ئەگەر ئىنسان ئىختىيار ئىگىسى بولماستىن بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر يارىتىلغان بولسا، ئۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولاتتى. بۇ توغرا ئەمەس. ئاللاھ  ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىغان ئەمەس. شۇڭا بىلمەستىن، زورلىنىپ قىلىنغان گۇناھ ئەپۇ قىلىنىدۇ.

تەقدىر دېگەن يوشۇرۇن بەلگىلىمە ئۇنى ھېچكىم بولۇشتىن بۇرۇن بىلمەيدۇ. بىر ئىشنى قىلماي تۇرۇپ بۇ ئىشنى ئاللاھ ماڭا تەقدىر قىلدى دېگەنلىك يالغانچىلىقتۇر. چۈنكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاس. غەيبنى بىلمىگەن بىرى قانداقمۇ بولمىغان ئىشنى ئاللاھ تەقدىر قىلدى دېيەلىسۇن.

گۇناھنى تەقدىردىن كۆرۈش شەرىئەتنىڭ ھېساب، مۇكاپات ۋە جازا پرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدۇ. قەدەر بىلەن ھۆججەت كەلتۈرۈش قوبۇل قىلىنىدىغان بولسا ئىدى. دوزاخ ئەھلى دوزاخنى كۆرگەندە ھەممىنى قەدەرگە ئارتىپ قويالىغان بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ. بەلكى ئوتنى كۆرگەندە « پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى»دەيدۇ(ئىبراھىم44). ۋە« ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ(مۈلۈك سۈرىسى10).

(دېمەك؛ يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردىن شۇنى چۈشىنىۋالالايمىزكى، بىز ئاللاھنىڭ بىزگە پۇتكىنىدىن ھېساب ئالماستىن، بەلكى، نېمە قىلمىشلارنى قىلغانلىقىمىزنى تەكشۇرۇشىمىز لازىملىقى، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغانلىقى بىلەن ھېساپلىشىشقا بۇيرۇلماستىن، بەلكى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە ئەمرى پەرمانلىرىنى بىجانىدىل بەجا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغانلىقىمىز، بىزگە ئاللاھنىڭ نېمە ئىرادە قىلغانلىقى بىلەن، بىزدىن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقى، ئاللاھنىڭ بىزگە نېمە ئىرادە قىلغانلىقى توغرىسىدا دە-تالاش قىلماستىن، بىزدىن قىلىشىمىز ئىرادە قىلىنغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بەجا كەلتۇرۇشۇمىزنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز.مىسالغا ئالىدىغان بولساق: مۇئەللىم ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئويۇن-تاماششاغا بېرىلىپ، دەرسلىرىگە كۆڭۈل بەرمەيۋاتقانلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىمتىھاندا ئۆتەلمەسلىكىنى بىلسە، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، ئەقىل ئىگىسى بولغان بىر ئىنسان مۇئەللىم ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىككە سەۋەبچى ۋە مەجبۇرلىغان دەپ قارىشى توغرىمۇ؟! ۋەياكى ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەللىم مېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىمنى بىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم دېيىشى توغرىمۇ؟! گەپنىڭ نېگىزى، گۇناھ مەسىيەت قىلىش ۋەياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەرك ئېتىشىنى ئاللاھ مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمنى تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن دەپ دەۋا قىلىش، شەرىئەت، ئەقىل، مەنتىق ۋە رېئاللىقمۇ قوبۇل قىلمايدىغان باتىل كۆز قاراشتۇر.دېمەك؛ ئىنساننىڭ ئۆ ئىختىيارلىقى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولغان قىلمىشلارنىڭ ھىچ قايسىسىنى ئاللاھ مۇشۇنداق تەقدىر قىلىپتىكەن دەپ تەقدىرگە ئارتىپ قويۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىدىن سىرت يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى تەقدىردىن كۆرۈشنىڭ جايىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.-مۇھەررىر-)

 

 

Go to the Top