هل تشاركين بعيد الحب؟

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: هل تشاركين بعيد الحب؟
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: فقد انتشر في الآونة الأخيرة الاحتفال بعيد الحب ــ خاصة بين الطالبات ــ وهو عيد من أعياد النصارى ، ويكون الزي كاملاً باللون الأحمر الملبس والحذاء ويتبادلن الزهور الحمراء.
نأمل من فضيلتكم بيان حكم الاحتفال بمثل هذا العيد ، وما توجيهكم للمسلمين في مثل هذه الأمور والله يحفظكم ويرعاكم
تأريخ الإضافة: 2009-02-09
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/192598
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
435 KB
فتح: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.doc
2.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟
83 KB
فتح: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟

 

سوئال:

يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ.

بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاب:

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»غا ئىشتىراك قىلىش دىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەچچە تەرەپلىمىلىك دۇرۇس ئەمەس:

بىرىنچى: بۇ بايرام بىدئەت بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىدە ھېچ قانداق ئاساسى يوق.

ئىككىنچى: بۇ بايرامغا قاتنىشىش دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان بىنورمال ئىشىق-مۇھەببەتكە تەرغىب قىلىدۇ.

بۇ بايرامغا قاتنىشىش ئىنسان قەلبىنى سۈننەت ۋە سەلەپ ئالىملارنىڭ ساغلام يوللىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بىمەنە ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.

مۇسۇلمان كىشى  بۇ كۈندە( يەنى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى) بايرامغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، يېمەك-ئىچمەك ياكى كېيىم -كېچەك، دوستلار، ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا قۇتلۇقلىشىش ۋە بۇ كۈننى پەرقلىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسى ۋە دىنى بىلەن پەخىرلىنىشى، شامال چىققان تەرەپكە كىتىۋەرمەستىن ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئاشكارا ۋە مەخپى پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىشىنى سورايمەن.  

5-11-1420-ھىجرى


 

 

موضوعات متعلقة ( 3 )
Go to the Top