الحج فرض على المرأة كما هو فرض على الرجل

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الحج فرض على المرأة كما هو فرض على الرجل
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: سمعت خطبة مؤخراً، قال الخطيب فيها أنه ليس بفرض على المرأة تأدية الحج وأنها تجب على الرجال فقط؛ فهل يمكن ذكر أي حديث أو آية كدليل على هذه المقولة، وإذا كان هذا غير صحيح فهل يمكن ذكر حديث أو آية تدل على ذلك؟.
تأريخ الإضافة: 2008-11-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/185400
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر
305.5 KB
فتح: قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر.doc
2.
قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر
93.5 KB
فتح: قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر.pdf
نبذة موسعة

 

قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر

 

20045-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بىر جۈمە خۇتبىسىدە خاتىپ: ھەج قىلىشنىڭ دىنىمىزدا پەقەت ئەرلەرگە پەرز قىلىنغانلىقى، ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ پەرز ئەمەسلىكى توغرىسىدا سۆزلىدى،  بۇ سۆزنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئايەت-ھەدىس بارمۇ؟ ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان  شەرئى دەلىل - ئىسپات بارمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەج قىلىش شەرىئەتتە ئىبادەتكە بۇيرۇلغان ۋە ئىبادەت قىلىشقا قادىر بولالايدىغان ھەر بىر (ئەر-ئايال) مۇسۇلماننىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ئادا قىلىشى بۇيرۇلغان ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ پەرزلىكى قۇرئان- سۈننەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئىسپاتلانغان ئىبادەتتۇر.

1 - بۇنىڭ قۇرئاندىن دەلىلى: ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى، كىمىكى ئىنكار قىلىدىكەن(يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زېيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن(يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن)بىھاجەتتۇر». بۇ ئايەت ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئايەتتىكى« قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى»دېيىلگەن سۆز ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىسپاتلايدۇ. يەنە بۇنى كۈچلاندۇرىدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ سۆزلەنگەن، بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ:« كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن(يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن(يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن)بىھاجەتتۇر» دېگەن ئايەت بولۇپ، پەرزنىڭ باراۋېرىدە كۇفۇرلۇق سۆزلەندى.  بۇ ئايەتنىڭ سىياقىدىن ھەجنى تەرك ئېتىش مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس، ھەقىقەتتە ئۇ كافىرنىڭ ئىشى دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ.

2- بۇنىڭ ھەدىستىن دەلىلى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۇستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھىي مەبۇد يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئادا قىلىش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش»، بۇ ھەدىستە ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دېيىش بىلەن ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە خۇتبە سۆزلەپ: ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ھەج قىلىڭلار دېدى، بىر ئادەم: يارەسۇلۇللاھ! ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاپ بەرمىدى، ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئەگەر -ھەئە-دېسەم سىلەرگە ھەر يىلى ھەج قىلىش پەرز قىلىناتتى، سىلەر بۇنىڭغا قادىر بولالمايتتىڭلار دېدى»، ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ ھەتتا مۇتەۋاتىرلىق(يەنى تەكرار رىۋايەت قىلىنغان) دەرىجىسىگە يەتكەن.

3- ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى: ھەقىقەتەن قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرىدە بىرقېتىم ھەج قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلگەن. ھەج قىلىش دىندا ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر ئىش بولغاچقا بۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

پىقھى توپلاملىرى 17-توم 23- بەت.

ئىمام نەۋەۋىي: قادىر بولالىغان شەرت ھازىرلانغان ئاياللارغىمۇ ھەج قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ .

 

Go to the Top