المبادرة في أداء فريضة الحج

پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە
36526- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مېنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرىم ھازىرلاندى، لېكىن ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ يىل ھەج قىلسام يەنە ئىككى يىلغىچە ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەجنى كېچىكتۇرۇشۇم ياكى ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمان كىشى ئىمكانىيىتى يەتكەنگە قەدەر ھەج قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:« پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار، سىلەرنىڭ بېرىڭلار كېيىن نېمە ئىشلارغا دۈچ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد(1314) رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي ئىرۋائۇل غەلىلدە (990) ھەسەن دېگەن.
ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.
