استعدوا ليوم القيامة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: استعدوا ليوم القيامة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي 2/11/1429هجري ، وبين فضيلته في خطبته أن القيامة حق لا محال، وذكر علامات الساعة الكبرى والصغرى، وما يجب على المسلم من الحرص على فعل الخير والتقى، وأن التقوى سبب لدخول الجنة والعافية من النار.
تأريخ الإضافة: 2008-11-08
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/184434
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراڭلار
1004.5 KB
فتح: قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراڭلار.doc
2.
قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراڭلار
153.1 KB
فتح: قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراڭلار.pdf
نبذة موسعة

 

قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراڭلار

 

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى

بىرىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئېسىل كىشىلەرنىڭ ھامىيسى بولغان، خالىغان ئىشنى قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى بىزلەرگە ئاتا قىلغان ئاشكارا- يوشۇرۇن نېمەتلىرى ئۈچۈن ماختايمىز ۋە پەزلى-ئېھسانىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز. كاتتا ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە دەپ ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە، ھەق دىن بىلەن  ئەۋەتىلگەن، بارلىق ياخشىلىق سۈپەتلىرى بىلەن ماختالغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.

ئى ئاللاھ! سەندىن  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تەقۋالىقنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىڭلار.

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق-يامانلىق، بىز ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغان، لەززەتلىنىدىغان ۋە سەسكىنىدىغان بارلىق ئىشلاردىن خەۋەر بەردى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«بىلىڭلاركى! دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن،(كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ-زىنەتتىن، ئۆز ئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل-مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر،(بىرەر يىغىش بىلەن ئۆستۈرگەن)ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ، ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، ( ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت( غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمان بولۇشتۇر»(ھەدىد سۈرىسى 20- ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« سىلەرنى ياخشىلىق- يامانلىقتىن ئىبارەت سىناقلار بىلەن ئىمتىھان قىلىمىز، ئاندىن كىيىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر».

ئاللاھ بىز كۆرۈۋاتقان ۋە ياشاپ تۇرىۋاتقان بۇ كائىناتنى مەلۇم مۇددەتكىچە تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ مۇئەييەن ياشاش بەلگىلىمىسى بولۇپ ھېچ قايسى بۇنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن مەلۇم مۇددەتكىچە ياراتتۇق». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك-شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ( قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر»(رۇم سۈرىسى 8-ئايەت).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ،ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن،( ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ)، كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بىرىمىز، شۈكرى قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز»( ئال-ئىمران سۈرىسى 145- ئايەت).

ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇددەت تۈگىگەندە بىز كۆرۈۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان بۇ كائىناتنى يوق قىلىپ باشقا بىر ئالەمنى پەيدا قىلىدۇ، ئاسمانلار يېرىلىدۇ، زېمىنلار ئارقىمۇ- ئارقا تەۋرىنىدۇ، تاغلار كۈكۈم- تالقان بولىدۇ، كۈننىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ، دېڭىزلار لاۋىلداپ يانىدۇ، ئاسمان- زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ھوشسىزلىنىپ ئۆلىدۇ، ئاللاھ خالىغان جانلىقلار قاپقالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىيامەت بولىدۇ، ئىنسانلار ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر، ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال( قاتتىق قورقۇنچىدىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەس كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ( ھەقىقەتتە) مەس ئەمەس،(دېمەك قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس- ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»( ھەج سۈرىسى 1-2- ئايەت).

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت شۇنداق ئۇشتۇمتۇت بولىدۇكى سودا قىلىۋاتقان ئىككى كىشى سودىسىنى پۈتتۈرمەستىن، تۆگىسىنى سېغىۋاتقان كىشى سۈتنى قولىغا ئالماستىن ئۇلاغلىرىنى سۇغۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كۆلنى رىمونت قىلىۋاتقان كىشى ئىشىنى پۈتتۈرمەستىن قىيامەت بولىدۇ»( مۇسلىمدىن).

ئاللاھ  قىيامەت ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتلىق ئۈچۈن باشقا بىر دۇنيا ۋە جانلىقلارنى يارىتىدۇ، بۇ يەردە  دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر دائىملىق نېمەتلەر بىلەن راھەتلىنىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە پاسىق-پاجىرلار، كاپىرلار داۋاملىشىپ تۇرىدىغان دەرتلىك ئازاب- ئوقۇبەتتە ئۆتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار(يەنى پۈتۈن خالايىق قەبىرلىرىدىن چىقىپ) يىگانە، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا( يەنى مەھشەرگاھتا) ھازىر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆينىكى تىز ئوت ئالىدىغان قارامايدىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ»( ئىبراھىم سۈرىسى 49-50 ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ھېچ كىمگە بىلدۈرمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىشى توغرىسىدا سورىسا، بۇنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھ بىلىدۇ دېگىن........... قىيامەت ئۇشتۇمتۇت بولىدۇ».

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ تائەت- ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىۋېلىشى، ئاسى-گۇناھكارلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ھەققە قايتىشى ئۈچۈن قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن  بەلگە- ئالامەتلەرنى قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكىمۇ بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. قىيامەتنىڭ بەلگە- ئالامەتلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

1- بىرىنچى باسقۇچتىكى ئالامەتلىرى.

2- ئوتتۇرىھال ئالامەتلەر بولۇپ بۇ چوڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگىچە داۋاملىشىدۇ.

3- قىيامەت بولىدىغان چوڭ ئالامەتلەر.

قىيامەتنىڭ ئەۋۋەلدىكى كىچىك ئالامەتلىرى ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن قىيامەتنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلدىم، قىيامەت بىلەن مىنىڭ دەۋرىمنىڭ ئارىلىقى يېقىن» دېگەن ھەدىسىدۇر. يەنە بىر ھەدىستە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مىنىڭ ۋاپاتىم، بەيتىل مەقدىسنىڭ پەتىھ قىلىنىشى، مال-دۇنيانىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ھەممە دۇچ كىلىدىغان ئومۇمى پىتنە قاتارلىقلار قىيامەتنىڭ  ئالامەتلىرىدىن»دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «كىشىلەرنىڭ ئالى، قەۋەتلىك ئىمارەتلەرنى ياساپ ئۆز-ئارا بەسلىشىشىمۇ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن» دېگەن.

ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتتىن بۇرۇن بولىدىغان 72 تۈرلۈك ئالامەتنى ساناپ: «كىشىلەرنىڭ نامازغا سۇسلۇق قىلىشى، ئامانەتنى زايا قىلىۋېتىش، جازانە يېيىش، ئۇيالماستىن يالغان سۆزلەش، ناھەق قان تۆكۈش، قەۋەت-قەۋەت ئىمارەتلەرنى سىلىش، دۇنيانى دەپ دىننى سېتىۋېتىش، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش، ئاياللارنى كۆپ تالاق قىلىش، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش، ئىشەنچىلىك كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىش، سەمىمى كىشىلەرنىڭ قارىلىنىشى، يالغانچى-كاززاپلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشى، تۆھمەتخورلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، يامغۇرنىڭ ئازلاپ كېتىشى، پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىزلىشىپ كېتىشى، ئېسىل كىشىلەرنىڭ ئازلاپ كېتىپ، پەسكەشلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشى، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش، تەلەپ قىلىنمىغان ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىش، ئىلىم - مەرىپەت نۇرلىرى ئۆچۈپ، دىنى ئەھكاملار ئېتىبارغا ئېلىنماي، ئاخىرەت ئەمىلى بىلەن دۇنيانى مەقسەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش-يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ھاراقكەشلىكنىڭ كۆپىيىشى، ئاتا- ئانىنى قاقشىتىشنىڭ ئەۋج ئىلىشى، ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماستىن خوتۇنىنىڭ سىزىقى بويۇنچە ئىش قىلىش ...»قاتارلىقلار.

يەنە بىر ھەدىستە: مىنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلاردىن مەن ۋە ساھابىلىرىمنىڭ پرىنسىپى بىلەن ماڭغانلاردىن باشقا ھەممىسى دوزاختا بولىدۇ  دېگەن.

2-ئىككىنچى باسقۇچتىكى ئوتتۇرىھال ئالامەتلەر بولۇپ، بۇ چوڭ ئالامەتلەر كۆرۈلگىچە قەدەر داۋاملىشىدۇ، بۇ ئالامەتلەر كۆپ بولۇپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، جاھىللارنىڭ كۆپىيىشى، ھاراقكەشلەرنىڭ زىيادە بولىشى ۋە زىنا- پاھىشە ئىشلارنىڭ ئاشكارا قىلىنىشىدىن ئىبارەت».(مۇسلىمدىن).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئەرلەرنىڭ-ئەرلەر بىلەن، ئاياللارنىڭ ئاياللار بىلەن بۇزۇق ئىشلارنى قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»( تىبرانىي رىۋايەت قىلغان).

سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«خولۇم-خوشنىلارنىڭ بىر-بىرىگە ئازار بېرىشلىرى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»( ئىبنى ئەبىي شەيبەدىن). يەنە بىر ھەدىستە: «ياخشى كىشىلەر دۇنيادىن كېتىپ ئاللاھ ھالىغا پەرۋا قىلمايدىغان ناچار كىشىلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ »دېيىلگەن.

3 - قىيامەت بولىدىغان چوڭ ئالامەتلەر بولۇپ دەججالنىڭ چىقىشىدىن ئىبارەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مەن سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن  باشقا پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشىدىن بەك قورقىمەن. دەججال قويۇق بۈدرە چاچلىق، كۆزى تېشىغا پولتىيىپ چىقىپ قالغان بىر ياشتۇر، ئۇ شام بىلەن ئىراقنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ ۋە ئوڭ-سول تەرەپ بولۇپ ھەممە يەردە پاساتچىلىق تېرىيدۇ، ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى شامال ئېتىرگەن كەلكۈندەك بولىدۇ، ئۇ بىر كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىدۇكى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشىنىپ ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ، زېمىننى بۇيرىسا، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوتلىغىلى قويۇۋەتكەن چارۋىلىرى كەچتە سېمىز، يېلىنلىرى سۈتكە تولغان، توقلۇقىدىن بىقىنلىرى چىقىپ كەتكەن ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن كىيىن ئۇ باشقا كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى ئۆزىگە ئېشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەي تەلىپىنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك كېلىپ قوللىرىدا ھېچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ، ئۇ بىر خارابىلىقتىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا: ئېچىڭدىكى بايلىقلارنى چىقارغىن دەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇ- ئارقا چىقىشقا باشلايدۇ........ دەججالنىڭ پېشانىسىغا "كاپىر" دېگەن خەت پۈتۈلگەن بولۇپ بۇنى ھەممە كىشى ئوقۇيالايدۇ، دەججالغا ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، دەججالنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ ............ئۇنىڭدىن كىيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ..........».

قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن كۈننىڭ مەغرىبتىن چىقىشى، چوڭ ھايۋاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، يەئجۇجە- مەجۇجىنىڭ  چېقىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەر سورۇنلىرىدا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنى سۆزلىشەتتى، چۈنكى بۇ كىشىنىڭ ئىمانىنى كۈچلاندۇرۇپ، دۇنياغا بولغان رىغبىتىنى ئازلىتىپ دائىم ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كۈنى قىيامەتنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلىشىپ ئولتۇراتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ قىيامەتنىڭ ئون چوڭ ئالامەتلىرىنى  ئېيتىپ بەردى، بۇنىڭدىن: دەججالنىڭ چېقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ چۈشىشى، چوڭ ھايۋاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، كۈننىڭ مەغرىپتىن چېقىشى.... قاتارلىقلار».

ئى ئىنسانلار! تەقۋالىق بىلەن ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىڭلار، قىيامەتنىڭ كېلىشى ئىنىقدۇر، ھەرقانداق ۋەدە قىلىنغان ئىش چوقۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۇشتۇمتۇت بولىدىغان قىيامەتنى كۈتىۋاتامدۇ؟ ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بولدى».

ئاللاھ تائالا مۇشۇ كاتتا قۇرئان بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇنىڭدىكى ۋەز - نەسىھەت ۋە ھۆكۈملەر بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە مەنپەئەت بەرسۇن، ئاللاھ تائالادىن ئۆزۈمگە، سىلەرگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا گۇناھلاردىن كەچۈرۈم تىلەيمەن، سىلەرمۇ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ گۇناھلارنى بەك كەچۈرگۈچى ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھ ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر، تەڭداشسىز بۈيۈك ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز .

ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، ھەقىقى تەقۋالىق دۇنيا- ئاخىرەتتە سىلەرگە مەنپەت بېرىدۇ، تەقۋالىق قىلغان كىشىلەر بەخت تاپقۇسى، تەقۋاسىزلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! قىيامەتنىڭ ئىشى بەك كاتتا، بۇنىڭ بولىشى ئېنىق، ئاللاھ تائالا قەبرىدىكى جەسەتلەرنى قوزغايدۇ، قىيامەتنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتى ئىنساننىڭ ئۆلۈشى بىلەن باشلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئۆلۈپ دەپنە قىلىنىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىيامىتى باشلىنىدۇ» دەيدۇ.

ئۆلۈم ئىنساننى دۇنيادىن ئاخىرەتكە يەتكۈزىدۇ، ئۆلگەن كىشىلەر ئاخىرەتنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ، ياخشى بولسا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا دوزاختا ئازابلىنىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! ھەقىقى تەقۋالىق بىلەن  دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشقا سەرپ قىلىڭلار، چۈنكى ھەقىقى ھاياتلىق دېگەن ئاخىرەت ھاياتىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« (گۇناھكارلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان( يەنى كاپىر دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ،(بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن، ئۇ ئېيتىدۇ:« كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ»، شۇ كۈندە ھەر كىم ( ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ، ھەمدە ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ».

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:« ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتسا، بۇ دۇرۇتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ھەسسە رەھمەت قىلىدۇ».

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن.

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى،ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن.  سىنىڭ سېخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن. دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن. بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن. بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن ۋە ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغىن. خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دىنىڭغا، كىتابىڭغا ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ياردەم بەرگىن. سەن ھەممىدىن كۈچلۈك غالىبدۇرسەن.

ئى ئاللاھ! سەن ناھايتى مېھرىبان، كۆيۈمچاندۇرسەن، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن، ئەقىلسىز ھاماقەت كىشىلەرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن بىزنى ئازابلىمىغىن. بىزنىڭ رەھبىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغىن، قىلغان ئىشلىرىنى سەن رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن قىلغىن. ئۇلارنىڭ دىن دۇنيا ئىشلىرىغا ياردەم بەرگىن، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلار بىلەن دىنىڭغا ۋە كىتابىڭغا ياردەم بەرگىن. سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا يوشۇرۇن گۇناھلىرىمىزنى، بىز بىلمىگەن سەن بىلىدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلغىن. سەن ھەممىدىن ئەۋۋەل ۋە كېيىن سەندىن باشقا ئىلاھ يوق.

ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن، مۇسۇلمانلاردىن قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى ئاسانلاشتۇرغىن. سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازاۋى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن. بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن. سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن.

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى-ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلەرگە ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كېيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ناھايتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

 

Go to the Top