كيد الشيطان وكيفية دفعه

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: كيد الشيطان وكيفية دفعه
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذه خطبة جمعة في المسجد النبوي ألقاها فضيلة الشيخ علي بن عبد الرحمن الحذيفي 21/8/1429هجري، وبين فضيلته في خطبته أن الحياة الدنيا دار ابتلاء واختبار ومصير للجنة والنار، وجعل الله الإسلام طريقا للجنة، وجعل لها أهلا ً يعملون الصالحات، وكما جعل أهلا للنار يعملون عمل أهل النار، وذكر كيفية إضلال الشيطان للإنسان وطرقه، وكيف يقي المسلم نفسه من كيد الشيطان وينال رضى الله-تعالى.
تأريخ الإضافة: 2008-08-30
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/174403
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىسىدىن ساقلىنايلى
1017 KB
فتح: شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىسىدىن ساقلىنايلى.doc
2.
شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىسىدىن ساقلىنايلى
155.5 KB
فتح: شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىسىدىن ساقلىنايلى.pdf
نبذة موسعة

 

شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكرىسىدىن ساقلىنايلى

 

2008 -يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى.  

 

بىرىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، قۇدرەتلىك، قىيامەتتە ھەر كىشىنى قىلغان ئەمەللىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ئۆزى خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، ئەڭ مەرھەمەتلىك، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ئەگەر خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئاللاھغا مەنسۇپتۇر. پەرۋەردىگارىم ئاللاھنى ماختايمەن. نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، تەۋبە قىلىمەن، ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئىشەنچىلىك، ۋاپادار، سەمىمى بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ كەسكىن گۇۋاھلىق بىرىمەن.

ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە دائىم كۆپلەپ رەھمەت ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاشكارا - يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھدىن قورقۇڭلار، قىيامەت كۈنىنىڭ ساۋابىنى ئۈمىت قىلىڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا ئەگەشمەڭلار، بىلىڭلاركى ھەر ئىشنىڭ باشلىنىشى ۋە تۈگەنچىسى بولىدۇ، ھەرقانداق ئېلگىرلەشنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، ھازىر سىلەر سىناق دۇنياسىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ ئېلگىرلىشىڭلار جەننەتنىڭ ياكى دوزاخنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىسلامنى جەننەتكە ماڭىدىغان يول قىلىپ بېكىتتى. كىمكى ئىسلامدىن باشقا يولنى تەلەپ قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ كىشى قىيامەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ دىن كىشىلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، زىيان تارتىشتىن ساقلاپ قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى بېكىتتى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچى كىشىلەر ئۈچۈن جەننەتنى مەڭگۈ نېمەتلىنىدىغان جاي قىلىپ تەييارلىدى. كىشىلەرنى جەننەتكە چاقىرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشكەن، ئالى ئورۇنلارغا مۇيەسسەر بولغان، ياخشى ئىشلاردا ئىلگىرلەشكە مۇۋەپپەق بولغان كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ بۇ ھەقتە  ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«كىملەركى ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار( يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمە دېگەن ياخشى ھەمراھلار. بۇ پەزىل ئاللاھ تەرەپتىندۇر، ئاللاھ پەزلى - ئېھسانغا تىگىشلىك بولغانلارنى بىلىشتە يىتەرلىكتۇر». ئۇلار قەلبى ساغلام- پاك، ئىشلىرى گۈزەل، ماختالغۇچى، دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت تاپقۇچى، مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەت بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى كىشىلەردىن ئىبارەت.

شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى بېكىتتى، مەڭگۈلۈك بولغان دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان دەرتلىك ئازاب - ئوقۇبەتكە سەۋەپ بولىدىغان يوللارنى بايان قىلىپ بەردى. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىگە، خارلىققا ۋە دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان  يامانلىق ۋە چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنى قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:« كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ بارار جايى دەرتلىك ئازاب - ئوقۇبەتتە مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمدىن ئىبارەت». ئاللاھ تائالا تۈرلۈك ئازاب - ئوقۇبەتلىك  قىلىپ تەييارلىغان دوزاخقا چاقىرىدىغان كىشىلەرنى بېكىتتى، ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى:«ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشىۋالار قىلدۇق،(يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفىرنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق) قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ( يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى توسىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ.  ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەتنى ئەگەشتۈردۇق( يەنى ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر لەنەت ئوقۇيدۇ)، قىيامەت كۈنى  ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردۇر».

دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشىۋالار گۇناھ - مەسىيەتلەرنى زىننەتلەپ كىشىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ  ئۇلارنى دۇنيا - ئاخىرەتتە لەنەتكە قالىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ، كىشىلەرنى دوزاخقا ئۈندەيدىغان پىشىۋالارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى پۈتۈن ۋۇجۇدى ئىپلاسلىق - بۇزۇقچىلىققا تولغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە ئاداۋىتى كۈچلۈك، ئوچۇق - ئاشكارا، ئاللاھنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە دۇچار بولغۇچى ئىبلىس شەيتاندىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچى ئەۋلادلىرىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىسۇن !. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلار بىلەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئايرىپ ئۇلارغا مۇكاپات ۋە جازا بېكىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ رەب ۋە ئىلاھلىق خۇسۇسىيىتىگە لايىق بولغان خاس بىلىش ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بېكىتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئىبلىس ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى، چۈنكى بىر تۈركۈم مۆمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى. ئىبلىسنىڭ ئۇلار( يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئۈستىدىن ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىش پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«  سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق):« ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟، شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟».

ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى ھەر تۈرلۈك پاھىشە - بۇزۇقچىلىق ۋە ئەسكىلىككە دەۋەت قىلىدىغان شەيتاندىن ئىبارەت ئىپلاس مەخلۇققا مەلۇم دائىرە ئىچىدە كۈچ - قۇدرەت بەردى، مۆمىنلەرگە بۇنىڭدىن ساقلىنىپ تاقابىل تۇرىدىغان كۈچ - قۇدرەت ۋە قورال ئاتا قىلدى، ئاللاھ ئىبلىسنى پەقەت مۇسۇلمانلارنى ۋەسۋەسە قىلىدىغان، قەلبلەرنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان، كۆڭۈلگە ئازغۇن خىياللارنى پەيدا  قىلىپ گۇناھ - مەسىيەتكە  قىزىقتۇرىدىغان خۇسۇسىيەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىبلىس كىشىلەرنىڭ گۇناھ - مەسىيەتكە بولغان رىغبىتىنى قوزغاپ، ئىرادىسىنى كۈچلاندۇرۇپ بۇنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئىنسان قەلبىدە بۇنى قىلىش پىكرى پەيدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا شەيتانغا يەنە گۇناھ - مەسىيەتنى زىننەتلەپ چىرايلىق كۆرسىتىدىغان قابىلىيەتنى بەردى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« شەيتان ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ»، ئاللاھ تائالا شەيتانغا كىشىلەرگە بىر نەرسىنى ياخشى كۆرسىتەلەيدىغان كۈچ بەرمىدى، بۇ كۈچ - قۇۋۋەتكە ئاللاھ تائالا دىن باشقا ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىللىرىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە فىسقنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».

ئاللاھ تائالا ئىبلىستىن ئىبارەت بۇ بۇزۇق مەخلۇققا كاپىرلارنى يامان ئىش ۋە بۇزۇقچىلىققا ئۈندەيدىغان ۋە قىزىقتۇرۇپ بۇنىڭغا يېتەكلەيدىغان كۈچ - قۇدرەت بەرگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« بىزنىڭ شەيتانلارنى كافىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى (يەنى مۇسەللەت قىلغانلىقىمىزنى) بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز». ئاللاھ ئىبلىس بىلەن شەيتانغا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىگە كىشىلەرنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان، ئۇلارنىڭ تىزدىن غەزىپىنى قوزغايدىغان، قەلبكە ھەرخىل ۋەسۋەسىلەرنى پەيدا قىلىپ توغرا يولدىن ئازدۇرىدىغان  خاسلىق بەرگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىبلىسقا بەرگەن كۈچلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاجىز، بۇ ئاللاھغا چىڭ ئىسىلغان، مۇستەھكەم تەۋرەنمەس ئىمانغا دۈچكەلگەندە يىمىرىلىپ پارچە - پارچە بولۇپ يوقىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ ھىلى - مىكىرلىرى ناھايىتى ئاجىزدۇر». ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« شۈبھىسىزكى مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ). شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوسىت تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ».

ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋاتقان، ئىمانى كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمانلارغا ھەرگىزمۇ شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ، بىز بۇ ئوچۇق دۈشمىنىمىز بولغان شەيتاننىڭ مەۋجۇدلىقىغا ۋە ئىغۋالىرىنىڭ تەسىرىگە ئېشىنىمىز، ئۆزىمىزنى بۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاك دەپ قارىمايمىز، ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىسۇن!.

ئىبلىستىن ئىبارەت بۇ دۈشمەن  ياخشىلىق يوللارنىڭ ھەممىسىدە كىشىلەرنى توسۇشقا ئۇرىنىدۇ، بۇنىڭ ئەكسى بولغان يامانلىققا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئىبلىس ئېيتتى:«سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتڭگە) شۈكرى قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن».

ئاللاھنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولغان ئىبلىسنىڭ يامانلىققا ئۈندەيدىغان ۋەسۋەسىسىدىن، ھىيلە - مىكىرلىرى ۋە بۇزۇقچىلىققا بولغان قۇتراتقۇلىقىدىن پەقەت ئاللاھقا چىڭ ئېسىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئاللاھغا چىڭ ئېسىلىدىكەن، توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولدى».

شەيتاننىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ۋە پىتنە - پاساتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان- ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىش ۋە كىشىلەرنى بۇنىڭغا چاقىرىش كېرەك.  

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ تائالا بىزگە شەيتاننىڭ  ئىنساننى ھەرخىل ئىشلارغا قىزىقتۇرۇپ، ئۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا، ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن ھىچ پەرقى يوقلىقىنى بىلىپ، ئىنساننى خارلىققا ۋە رەسۋالىق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ مەسخىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەر) ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ».

شەيتان نۇھ ئەلەيھسسالامنىڭ قەۋمىگە، ئاد قەۋمىگە، سەمۇد قەۋمىگە، ئىبراھىم ئەلەيھسسالامنىڭ قەۋمىگە، مەديەن ئەھلىگە ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، كۇفۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەسىيەتلەرنى زىننەتلەپ چىرايلىق كۆرسەتتى. لۇت ئەلەيھسسالامنىڭ قەۋمىگە پاھىشە ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي ھەر خىل گۇناھ - مەسىيەتلەرنى قىلىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەندە ھىچ نەرسە ئۇلارغا مەنپەئەت قىلمىدى ۋە پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: « ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشتا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كافىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كافىر بولغان چاغدا شەيتان: «مەن سەندىن ئادا- جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھدىن قورقىمەن» دېدى. ئۇلارنىڭ (يەنى شەيتان بىلەن ئىنساننىڭ) ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قېلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر». ئەمما ئاخىرەتتە بۇ شەيتانلار كۈچلۈك ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئاد - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئازاب چېكىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ ھىچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دەۋزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راسىت ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققىلا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھغا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ»دەيدۇ».

بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۈچۈن ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئىڭراپ دات - پەرياد سىلىپ، پۇشايمان قىلىپ يىغلاشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا:« ئىغىزىڭلارنى يۇمۇڭلار، سۆزلىمەڭلار» دەيدۇ. مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبلىس شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان نەرسە ئاللاھتىن دائىم بۇ ئىپلاسنىڭ شەررىدىن ساقلاشنى تەلەپ قىلىپ پانالىق تىلەشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«  ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا،(شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن».

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىدا ئىككى كىشى قىزىرىشىپ قىلىپ بىرىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى:« مەن بىر سۆزنى بىلىمەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى بۇ سۆزنى دىسە ئۇنىڭ ئاچچىقى دەرھال كېتەتتى، ئۇ: پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ  شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەندىن ئىبارەت دېدى».

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە نامازنى دائىم جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن ناماز ئىنساننى گۇناھ ۋە پاھىشە ئىشلاردىن توسىدۇ».

شەيتان ھەققىدە مۇنداق دېگەن:« كىمكى شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇ كىشىنى گۇناھ ۋە پاھىشە ئىشلارغا بۇيرىيدۇ».   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:« كىمكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا ئۇ كىشى كەچ كىرگىچە ئاللاھنىڭ كىپىللىكىدە بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھنىڭ كىپىللىكىدىن بىر نەرسىنى سورىمىسۇن» دېگەن. (يەنى بەندە  ئاللاھنىڭ ساقلىشىدىنمۇبۈيۈك شەرەپ يوقلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ-م-)                         

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ئايەتەل كۇرسىنى، ئىخلاسنى، مۇئەۋۋىزەتەيننى(قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناس ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەقنى) سۈرە غاپىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتلەرنى ھەر نامازدىن كىيىن  كۆپ ئوقۇش، مۇسۇلمان كىشى ھەر قېتىم مەسچىتكە كىرگەندە :« بىسمىللاھ، ۋەسسالاتۇ ۋەسسەلامۇ ئەلا رەسۇلىللاھ، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ، ئېسىل زاتىڭ، بۇرۇندىن بولغان ھۆكۈمرانلىقىڭ بىلەن  شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن»دىسە، شەيتان:«بۇ كۈننىڭ قالغىنىدا مەندىن ساقلىنىپ قالدىڭ» دەيدۇ.    

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش بولۇپ قۇرئاننىڭ شەيتاننى قوغلاشتا ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بار، ئىنسان قۇرئاننى قانچە كۆپ ئوقۇسا ئۆزىنى شەيتاندىن ناھايىتى ياخشى ساقلايدۇ.

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە زاكاتنى تولۇق ئادا قىلىش، سەدىقە قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ياخشىلىق يوللىرىغا مال سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك سەدىقە خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ». مۇسۇلمان خاتالىقتىن ساقلانغاندا كاتتا نىجاتلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ، ياخشىلىق قىلىش بىلەن يامانلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، (سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ) دېيىش، ئىستىغپار ئېيتىشتىن ئىبارەت بولۇپ بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:« قانداق بىر كىشى«لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكەلەھۇ، لەھۇلمۈلكۈ ۋەلەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلە كۇللى شەيئىن قەدىر»(بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، پۈتكۈل ھۆكۈمرانلىق ۋە ماختىلىش ئاللاھغا خاستۇر ۋە ئاللاھ ھەرنەرسىگە قادىردۇر) دېگەن كەلىمىنى بىر كۈندە100 قېتىم ئوقۇسا ساۋابى ئون قۇل ئازات قىلغاننىڭ بارابىرىدە بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە100 ياخشىلىق يېزىلىپ، ئۇنىڭدىن 100 يامانلىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە ئۇ كىشى ئۈچۈن شەيتاندىن قالقان بولىدۇ».

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىش، ئۆز نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش، ئۆز نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش بولسا بۈيۈك جىھاد ھېسابلىنىدۇ.

شەيتاننىڭ ھىلى - مىكرىسىدىن ساقلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ياخشىلىق ۋە ئېلىم، ۋەز-نەسىھەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئويۇن - تاماشا، ئەيشى - ئىشرەت سورۇنلىرىدىن ۋە توغرا بولمىغان جايلاردىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى بۇنداق سورۇنلارغا شەيتانلار ھازىر بولۇپ بۇ يەرگە ھازىر بولغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا بىر - بىرىنى ئۆچ كۆرۈش، ھەسەت قىلىش، ئاداۋەت قىلىش، يامان ۋە ھارام ئىشلارغا ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە باش رول ئالىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى كىشىلەرنى ئادەم ئۆلتۈرۈش، ھاراق ئېچىش، زىنا قىلىش قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىگە داغ چۇشۇدىغان ئىشلارنى قىلىپلا قالماستىن، ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرىدىغان چوڭ گۇناھلارنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. باشتىن ئاخىرى بۇ ئىبلىسنىڭ يامانلىق ھىلى - مىكرىسىدىن قۇتۇلىدىغان ئاساسلىق ئامىل  تەۋھىد ئەقىدىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىش، ئىخلاس بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)».

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋالىق قىلىڭلار، شەيتاننىڭ سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇرۇپ ئازدۇرۇشىدىن ۋە ھىلى - مىكىرلىرىدىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر. سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».

ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە بەك مېھرىباندۇر.

ئىككىنچى خۇتبە

بارلىق گۈزەل ماختاشلار تەقۋالىق بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىنى ئىززەتلىك قىلغان، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى خارقىلغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى ھىچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە دەپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن. ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئىبلىس ئىنسانلارنى يامانلىق يوللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۈندەيدۇ، ياخشىلىق يوللىرىنىڭ ھەممىسىدە تۇرۇۋېلىپ كىشىلەرنى ياخشىلىقتىن توسۇشقا ئۇرىنىدۇ، ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچى كىشىلەردىن ھىچ بىرىنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ ۋە چالا قويمايدۇ، شەيتاننىڭ ئىنسانلار ئازدۇرۇشتىكى دەسلەپكى چاقىرىقى ئاللاھغا كۇفۇرلۇق قىلىشقا ئۈندەش بولۇپ ئەگەر بۇنىڭغا بويسۇنسا ئۇ كىشىنى شەيتان دۇنيا - ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يامانلىق تەرەپكە باشلايدۇ، ئەگەر ئىنسان شەيتاننىڭ كۇفۇرلۇققا ئۈندىشىگە بويسۇنمىسا، شەيتان ئۇ كىشىنى دىندا  بىدئەتچىلىككە ئۈندەيدۇ، چۈنكى بىدئەتچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تەۋبە قىلمايدۇ. بىدئەتنى توغرا دىن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شەيتان خۇرسەن بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان شەيتاننىڭ چوڭ گۇناھلارنى قىلىشقا ئۈندىشىگە بويسۇنمىسا شەيتان ئۇ كىشىنى كىچىك گۇناھلارنى داۋاملىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئەگەر بۇنىڭغىمۇ بويسۇنمىسا شەيتان ئۇ كىشىنى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن توسۇپ مۇھىم بولمىغان ئىشلارنى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شەيتاننىڭ ۋۇجۇدى شۇملۇققا تولغان بولۇپ ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئىنساننى ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ھەر تەرەپتىن ئىنسان رىغبەتلىنىدىغان نەرسىلەرگە يامانلىقنىڭ ئېشىكىنى ئېچىپ تۇرىدۇ. نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرىيدۇ. پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ ساقلىغان  ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشقا يول قويماڭلار. شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ».

ھەقىقەتەن شەيتان  ئىنساننىڭ گۇناھ - مەسىيەتلەرنى كۆزگە ئىلماي تۆۋەن كۆرۈشىدىن قانائەتلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر شەيتاننىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدىن ئاگاھ بولۇڭلار، ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« شەيتان ئەرەب يىرىم ئارىلىدا كىشىلەرنى بۇتقا چوقۇندۇرۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، لېكىن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا پىتنە تېرىپ ئازدۇرۇشقا رازى بولدى».

بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى:« « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».

ئى مۆمىنلەر!بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولباشچىسى، ئىلگىركى ۋە كىيىنكى كىشىلەرنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.                                              

ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن. سىنىڭ سىخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.

ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن. دىن دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن. قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرغىن. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن. مۇسۇلمانلاردىن قەرىزدارلارنىڭ قەرزىنى ئاسانلاشتۇرغىن. سىنىڭ رەھمەت شەپقىتىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن كېسەللىك ئازابى تارتىۋاتقان كىشىلەرگە شىپالىق بەرگىن. سەن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيانىڭ خارلىقى ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، بالا - مۇسىبەتنى سەندىن باشقا ھېچكىم توسىيالمايدۇ. بىزنى ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن. بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەيتاندىن ۋە ئىنسان جىندىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىغىن. سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بۇ شەھەرنى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى  تىنىچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن. سەن ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان،خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. 

ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرىيدۇ. پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

 

 

Go to the Top