والله يريد أن يتوب عليكم
ئاللاھ تەۋبە قىلىشىڭلارنى خالايدۇ
2008 - يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى
بىرىنچى خۇتبە
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھنى ماختايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمىز. ئاللاھدىن كەچۈرۈم ۋە ھىدايەت تەلەپ قىلىمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەممەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئاللاھدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغان كىشىنى ئازدۇرىۋەتكۇچى، ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى يوقتۇر. ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز .
ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋالىق قىلىڭلار. ئاشكارا، يوشۇرۇن ئىشلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرنى كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار .
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ ئىنسانلارنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن ياراتتى، شەيتان ئىنساننى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ . نەپسى-خاھىش ھەقىقەتەن ئىنساننى يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرىيدۇ، ئۆز خاھىشىغا يېتەكلەيدۇ، ئىنساننى مۇھىم ئىشلارغا سەل قاراش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشقا قۇترىتىدۇ. ئاللاھ يامان ئىشنى، شۇنىڭدەك يەنە بىر يامان ئىش بىلەن جازالايدۇ، بەزى يامانلىقلارنىڭ جازاسى بەزىسىگە نىسبەتەن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، ھەتتا ئىنساننى ھالاك قىلىدۇ. گۇناھ مەسىيەت ئىنساننىڭ ئەھۋالىنى بۇزۇپ، ئۇنى بىئارام قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ گۇناھىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا :« ئى ئاللاھ! مەن بىلىپ تۇرۇپ سىلىگە شېرىك كەلتۈرۈشتىن سىلە بىلەن پاناھلىنىمەن، بىلمىگەنلىرىم ئۈچۈن سىلىدىن كەچۈرۈم سورايمەن» دېيىشنى تەلىم بەرگەن. (بۇخارىيدىن).
ئاللاھ ئۆز رەھمىتى بىلەن بەندىلە ئۈچۈن كاتتا ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىبادەتلەرنى قىلىش بىلەن ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىگە يېقىنلىق ھاسىل بولىدۇ، ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلمىغان كىشى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئاللاھغا تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر»، تەۋبە قىلىش بىلەن ئىنسان ئالى بەخت - سائادەتلىك يولدا ماڭىدۇ، بۇ بەختنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىلىرىگە بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ»، بۇ ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ئاللاھغا ئەڭ يېقىن بولغان كىشىلەرمۇ بۇ سۈپەتكە ئىگە بولالمايدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن:« ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلار سىنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس». ئاللاھ تەرەپكە قايتىش كەمچىللىك ئەمەس بەلكى دىنىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك ئىشلاردىن، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى، دىننىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرەپكە قايتىش دېگەن سۆزگە مەركەزلىشىدۇ، بۇ بارلىق مۆمىنلەرنىڭ غايىسى، ھەربىر ئىنساننىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىش ۋە تۈگەنچىسىنىڭ تەقەززاسى. سەمىمىيەت بىلەن قىلىنغان تەۋبە ئاللاھغا كۆپلىگەن نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلغاندىن ياخشى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا كۆپ تەۋبە قىلىش كېرەك.
ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك كىشىلەر تەۋبىنىڭ قىممىتىنى ۋە ھەقىقىتىنى بىلمەيدۇ.
ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلەرگە بولغان چەكسىز مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن مەلۇم ئورۇن ياكى ۋاقىت بېكىتمىدى، بەلكى قەيەردە قايسى ۋاقىتتا ئادا قىلسا، قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«شەك شۈبھىسىزكى، كۈن غەربتىن چىققۇچە ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە قولىنى يېيىپ بېرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن، كۈندۈزدە قولىنى يېيىپ بېرىدۇ» مۇسلىمدىن.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ تەۋبىگە يۈزلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «تەۋۋاب» تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى دېگەن ئىسمىنى ئۇلارغا ئەسلەتتى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ تەرىپىگە قايتقۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ئىنسانلار بىلىدىغان ئەڭ چوڭ شاتلىقتا خۇرسەن بولىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەزىلىتى بىلەن بارلىق كىشىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشىنى خالايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تەۋبە قىلىشىڭلارنى خالايدۇ».
پەرىشتىلەرمۇ تەۋبە قىلغۇچى كىشىلەر ئۈچۈن رەھمەت، مەغپىرەت ۋە دوزاختىن ئامانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدە ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئۇلار ئېيتىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر بۇ ئايەتنى قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاللاھغا يەنىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىشقا دەلىل قىلاتتى.
ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كىيىن ئاللاھدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى، يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى .
مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇرتاغىنىڭ تەۋراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتا: «ئى ئاللاھ! سىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، مەن ساڭا تەۋبە قىلدىم دېدى».
داۋۇت ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ بىر ئىشقا ھۆكۈم قىلىش بىلەن سىنىغان ۋاقتىدا «ئۇ پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى، ئاللاھغا تەۋبە قىلدى».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مىنىڭ تەۋبەم ئاللاھنىڭ تەرىپىگىدۇر»، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھدىن تەۋبىدىن ئىبارەت بولغان بۇ كاتتا ئىبادەتنى قوبۇل قىلىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلدى.
ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار مۇنداق دېدى:«تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن» .
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ئورۇندا :«ئى ئاللاھ! مىنى كەچۈرگىن، مىنىڭ تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن،چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن» دېگەن سۆزنى يۈز قېتىمدىن كۆپرەك دەيتتى. (تىرمىزىيدىن) .
ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىپ بەخىتلىك بولىشىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمىنى تەۋبىگە چاقىرغان .
ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن:« پەرۋەردىگارىڭلاردىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كىيىن تەۋبە قىلىڭلار».
سالىھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلدى ۋە ماكانلاشتۇردى، سىلەر ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن كىيىن تەۋبە قىلىڭلار» .
شۇئەيب ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن كىيىن تەۋبە قىلىڭلار».
ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۇممىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى:«ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن كىيىن تەۋبە قىلىڭلار». ئاللاھ تائالا مەدىنە سۈرىلىرىدىن بولغان ئايەتلەردە مۆمىنلەر ۋە ياخشى كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى، سەۋىرچانلىقى، ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان ھىجرەت ۋە جىھادلىرى بىلەن بىرگە ئاللاھغا تەۋبە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. چۈنكى ئۇلارمۇ ئاللاھغا تەۋبە قىلماستىن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار».
ئاللاھغا تەۋبە قىلىش بىلەن ئاسماندىن رىزىق چۈشىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلاردىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار ۋە تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ ئاسماندا بۇلۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن سىلەرگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، بەدەنگە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ سىلەرنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىڭلارنى زىيادە قىلىدۇ». تەۋبە قىلىش بىلەن ئىنسان دۇنيادا بەخىتلىك بولىدۇ، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ياخشى نەرسىلىرى بېرىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلاردىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار ۋ ە تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ ئەجىلىڭلار توشقىچە سىلەرنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ، ھەربىر پەزىلەت ئىگىسىگە ئۆز پەزلىدىن زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، بەندىلەرنىڭ ئاللاھغا تەۋبە قىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ روزا تۇتقان كۈنىدىن ئىبارەت بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «بۈگۇن سەن ئاناڭدىن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭ ئىچىدىكى ئەڭ خوشاللىق بىر كۈندۇر، خوش بېشارەت ئالغىن». ھەرۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىرەر كىشى تەۋبە قىلىپ كەلسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا كەئەب ئىبنى مالىكنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزلىرى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ گوياكى تولۇن ئايدەك بولۇپ كەتتى، ساھابىلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى مۇبارەكلەيىتتى. كەئەب ئىبنى مالىك مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا مىنىڭ تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولغانلىقى توغرىسىدا ئايەت چۈشۈرگەندە مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا چاپتىم، يول بويى كىشىلەر ماڭا توپ - توپ ئۇچرىشىپ، ماڭا ئاللاھنىڭ تەۋبە ئاتا قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىشىپ، ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان تەۋبىسى، مۇبارەك بولغاي! دېيىشتى. كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ خوش بېشارەت بەرگەن ئادەمگە بەرگەن خوش بېشارىتى ئۈچۈن ئۇچىسىدىكى ئىككى كىيىمنى ئۇ كىشىگە كىيدۈرۈپ قويغان، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ كۆپ سەدىقە قىلاتتى. كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:« ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! تەۋبە قوبۇل بولغانلىغى ئۈچۈن مېنىڭ بارلىق نەرسىلىرىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن سەدىقە بولسۇن». (بۇخارىيدىن).
تەۋبە ئاللاھغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ گۇناھنىمۇ ئۆچۈرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ » .
مۇناپىقلارغا مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، تەۋبە قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ياخشى». بۇزۇقچىلىق ۋە پاساتچىلىق قىلغۇچىلارنى، ئوغرىلىق قىلغۇچىلارنى، زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ۋە رىيا قىلغۇچىلارنى تەۋبە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېدى:« كىمكى ئوغۇرلۇق قىلىپ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغاندىن كىيىن تەۋبە قىلسا، ئەمىلىنى تۈزىسە يەنى ئوغۇرلۇق قىلىشتىن يانسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن مۇنداق دېدى:«ئى مۇھەممەد! مىنىڭ تىلىمدىم ئېيتقىنكى، گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
ئاللاھ تائالا مەغپىرەت تىلەپ تەۋبە قىلغۇچىنى جازالىمايدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ». تەۋبە قىلىش بىلەن گۇناھنىڭ ئەسىرى قالمايدۇ، بەلكى يامانلىق ياخشىلىققا، ئاللاھنىڭ غەزىپى رازىلىققا ئۆزگىرىدۇ، ئىنساننىڭ تەۋبە قىلغاندىن كىيىنكى ئەھۋالى تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرىگە قارىغاندا ياخشى بولىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھغا تەۋبە قىلدى، ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا تاللىدى، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھغا تەۋبە قىلغاندىن كىيىن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە يېقىن قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ». سەلەپلەرنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: داۋۇت ئەلەيھىسسالام تەۋبە قىلغاندىن كىيىن خاتالىق سادىر بولۇشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەك ياخشى بولۇپ كەتتى.
يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلىقنىڭ قارنىدىن چىققاندىن كىيىنكى تەۋبىسى ئىززەت ۋە كاتتىلىق جەھەتتە بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇپ كەتتى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« ئاللاھ ئۇنى تاللىدى، ئۇنى ياخشى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلدى». كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ راستچىللىق بىلەن ئاللاھغا تەۋبە قىلغانلىق سەۋەبىدىن نامى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنىپ مېھرابلاردا ئاشكارا تىلاۋەت قىلىنىدىغان بولدى.
ئاللاھنىڭ پەزلى ناھايىتى كاتتا، رەھمىتى ھەممە نەرسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. كىمكى تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىدىكەن، ئاللاھ بۇ كىشىنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھقا تەۋبە قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، نامىنى ئۈستۈن قىلدى. ئۇلارنىڭ مىساللىرىدىن؛ ئۆمەر پارۇق رەزىيەللاھۇئەنھۇ بۇرۇن جاھىلىيەتتە بۇتقا ئىبادەت قىلاتتى، كىيىن ئاللاھغا تەۋبە قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ جەننەت بىلەن بىشارەت بەردى. بىر ئادەم يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ كىيىن تەۋبە قىلدى، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. بىر قىسىم كىشىلەر تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەندى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەپۇ قىلدى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتىنى كەڭرى قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى:« ھالاك بولغان شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە يۈنۈس قەۋمىدىن باشقىسىغا ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۈنۈس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن بەھرىمان قىلدۇق».
سېھرىگەرلەر ئۇلارنى ئەتتىگەن تەرەپتە ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشتىن توستى، كۈندۈزنىڭ ئاخىردا ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئاللاھ ئۈچۈن سەجدە قىلىپ ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ئايلاندى، سېھرىگەرلەر سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ: «ئالەملەرنىڭ ۋە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق دېيىشتى».
ئى ئىنسان! ناھايىتى مېھرىبان، تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگىن، ئۈمىدنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلغىن، مېھرىبان، تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھنىڭ دەرۋازىسى، ئۇ ئاسمان - زېمىننى ياراتقاندىن بىرى ئوچۇق، ئۇ ئۈمىد ئارزۇ ۋ ە رىزقنىڭ مەركىزى . ئىسلام ئۇممىتىنىڭ تەۋبىسى ھەممە ئۇممەتنىڭ تەۋبىسىدىن ئاسان ۋە يەڭگىل.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممەتلىرىنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلىشتىن بولغان تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتى: خاتالىقنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بولغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن دېدى، مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر».
ئەمما ئىسلام ئۇممىتىنىڭ خاتالىقلىرى ۋە ئۇنتۇلۇپ قىلىپ قىلغان ئىشلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تەۋبىسى بولسا، گۇناھدىن يېنىش، قىلغان گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، شۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاشتىن ئىبارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭدىن كىيىن تەھارەتنى كامىل ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ».(تىرمىزىي).
مۇئاز ئىبنى مازىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كەلدى، ئۇ كىشى زىنا قىلغان ئىدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مىنى گۇناھدىن پاكلاپ قويسىلا؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىسىت ساڭا! قايتىپ بېرىپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ، تەۋبە قىلغىن دېدى». ( مۇسلىمدىن).
ھەر بىر تەۋبە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تەۋبىسىدە گۇناھتىن ئايرىلغانلىقىغا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، تەۋبىدىن كىيىنكى خۇرسەنلىك ۋە خوشلۇق، تەۋبە قىلغان ۋاقىتتىكى بىئاراملىقنىڭ نىسبىتى بىلەن بولىدۇ، غەم - قايغۇ ۋە بىئاراملىق قانچە يۇقىرى ۋە كۈچلۈك بولىدىكەن، تەۋبىدىن كىيىنكى خۇرسەنلىك ۋە خوشلۇقمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئىشنىڭ بېشىدا گۇناھتىن ئۈزۈلگەنلىككە بىئارام بولۇش دېگەن، قەلبنىڭ ھايات ۋە گۇناھ - مەسىيەتتىن ئايرىلىشقا دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. گۇناھ - مەسىيەتنىڭ زۇلمىتىدىن چىقىپ تائەت - ئىبادەت بىلەن نۇرلىنىپ خۇرسەن بولۇش نېمە دېگەن خوشاللىق ھە!. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئاللاھدىن پاناھلىق تىلەيلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« مەن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، تەۋبە قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ھىدايەت تاپقان كىشىلەرنى بەك مەغپىرەت قىلىمەن».
ئاللاھ تائالا مۇشۇ كاتتا قۇرئان بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، بۇنىڭدىكى ۋەز - نەسىھەت ۋە ھۆكۈملەر بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە مەنپەئەت بەرسۇن، ئاللاھ تائالادىن ئۆزۈمگە، سىلەرگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا گۇناھلاردىن كەچۈرۈم تىلەيمەن، سىلەرمۇ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ گۇناھلارنى بەك كەچۈرگۈچى ۋە بەك مېھرىباندۇر.
ئىككىنچى خۇتبە
ئاللاھنى، بىزگە قىلغان خەيرى - ئېھسان، چەكسىز نېمەتلىرىگە، سان-ساناقسىز ماختايمىز، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ، ئاللاھنى ھىچ شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.
ئى ئاللاھ! سىلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق تاللانغان ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.
ئى مۇسۇلمانلار! ئىنسان ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئاللاھغا كۆپ شۈكۈر ئېيتىشقا ئېھتىياجلىق، گۇناھ - مەسىيەتنىڭ ئىچىدە ئىستىغپار ئېيتىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق، گۇناھ - مەسىيەت بىلەن سىنالغان كىشىگە ئۆزىنى گۇناھ - مەسىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن چەكلىنىشى زۆرۈر. مۇسۇلمان ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەر، دەۋەت ۋە نەسىھەت قاتارلىق ئىشلارنى تەرك قىلىشتىن چەكلىنىشى لازىم. گۇناھدىن قول ئۈزۈش تەۋبە قىلىشتىن ئاسانراق، گۇناھ - مەسىيەتنىڭ ئىلاجى ئىستىغپار ئېيتىپ تەۋبە قىلىشتىن ئىبارەت. تەۋبىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن: ئىنساننىڭ گۇناھ - مەسىيەتكە ئۆچ بولۇپ ئۇنى سەت كۆرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، دائىم گۇناھ - مەسىيەتنىڭ قورقۇنچىسىدىن ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. تولۇق بولغان تەۋبىنىڭ ئالامىتى تەۋبىدىن كىيىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىمكى گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمىلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھغا يۈزلەنگەن بولىدۇ، يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ».
كىمكى گۇناھ - مەسىيەتلەرگە تەۋبە قىلماستىن ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىدىكەن، ئۇ كىشى كىيىن بەك پۇشايمان قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلگەندە: ئى پەرۋەردىگارىم! مىنى دۇنياغا قايتۇرغىن، دۇنيادا بۇرۇن قىلالمىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالاي دەيدۇ.
تەۋبىنى چوقۇم ئاللاھنىڭ كاتتىلىغىدىن ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن قورقۇپ قىلىش كېرەك، دۇنيا مەنپەتىنىڭ يوقىلىشىدىن ئەنسىرەپ قىلغان تەۋبە تەۋبە ھېسابلانمايدۇ . ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:« ئىنسان ئاللاھدىن باشقىنى ئۈمىت قىلماسلىق، ئۆز گۇناھىدىن باشقا نەرسىدىن قورقماسلىق، گۇناھ - مەسىيەت بىلەن خۇرسەن بولۇش، ئاسىيلىق قىلغۇچى كىشىنىڭ جاھىل، بىلىمسىزلىك ۋە گەدەنكەشلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يامان، خەتىرى چوڭدۇر. بەندىنىڭ خار قىلىنغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىنىڭ گۇناھ - مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئاللاھ تەرەپتىن تەۋبە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنماسلىقىدىن ئىبارەت.
بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى: « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار» .
ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.
ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى،ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ۋە باشقا بارلىق ساھابىلەردىن رازى بولغىن. سىنىڭ سىخىلىقىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن .
ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خارقىلغىن، دىن دۇشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، بىزنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تىنچ، خاتىرجەم، پاراۋان قىلغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز.
پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن بەندىلىرىڭگە ئېھساننى بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن .
ئى ئاللاھ!بىزگە دۇنيا ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، بارلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى سىنىڭ كىتابىڭ ۋە پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان، خەلقىگە، ۋەتىنىگە كۆيىنىدىغان قىلغىن.
ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىڭنى ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىشىڭنى سورايمىز، بىزگە توغرا ئىشنى ئىلھام قىلىشىڭنى، ھەققە مۇۋەپپەق قىلىشىڭنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىشىڭنى سورايمىز .
ئى ئاللاھ! بىزنى بالا - قازالاردىن، جازانىدىن، زىنادىن، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن، يەرتەۋرەش ئاپەتلىرىدىن، قىيىنچىلىقلاردىن، ئاشكارا - يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىغىن .
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرىيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر . ناھايىتى كاتتا بولغان ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.