Kurbani

ČLANCI ID kartica
Naslov: Kurbani
Jezik: Ujgurski
Autor: Mevlana Jusuf Islahi
Prijevod: Kamil Džan
Revizija: Temkini
Izvor: www.munber.org
Kratki opis: Stvarnost kurbana i njihova vrijednost u islamu.
Objavljeno: 2008-04-06
Kratki link: http://IslamHouse.com/99564
Ovaj post je uvršten u sljedeću kategoriju:
Ova ID kartica je prevedena na sljedeće jezike: Ujgurski - Arapski - Tajlandski - Malajalamski - Bangalski - Uzbekistanski
Atačmenti ( 2 )
1.
قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى
1.3 MB
: قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى.doc
2.
قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى
172.3 KB
: قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى.pdf
Detaljni opis

 

قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى      


 

قۇربان ھىيت كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىردەك  ئاللاھ ئۈچۈن مال ـ ۋارانلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ھەزرەتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننىتىنى خاتىرلەيدۇ.

بىر قىسىم ساھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: "يا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! بۇ قۇربانلىق زادى قانداق ئىش؟" دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۇننىتى" دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى.

دەرۋەقە، بۇ كۈندە دۇنيادىكى بارچە مۇسۇلمانلار نەچچە مىليۇنلىغان مال ــ ۋارانلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، بۇندىن تەخمىنەن چارەك كەم بەش مىڭ يىل ئىلگىرى ئەرەب زېمىنىدا، بولۇپ ئۆتكەن بىر مىسلىسىز جان پىدالىق ۋەقەسەنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.

ئىخلاس ۋە ۋاپادارلىقنىڭ ئۆلمەس ئابىدىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى دەپلا سەبى بالىسىنى يەرگە ياتقۇزۇپ، كۆكرىكىگە تىزىنى قويغانچە  بوينىغا پىچاق سۈرۈشكە تەمشەلىۋاتقان بۇ مىسلىسىز پىداكارەنە روھىغا نىسبەتەن ئاللاھ تائالا: "ئى ئىبراھىم! سەن ئۆز چۈشىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ) بىز راستىنلا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوچۇق بىر سىناق ئىدى"w دەپ نىدا قىلىدۇ. ئاندىن بىر پەرىشتە قۇربانلىق ئۈچۈن قوي ئېلىپ چۈشۈش ئارقىلىق، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جان پىدالىق ئىشتىياقىغا تەسكىنلىك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ  تا قىيامەتكىچە ئەشۇ سۈننەتنى داۋاملاشتۇرىشى شۇنداقلا مال ــ ۋارانلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئەشۇ مىسلىسىز پىداكارلىق ۋەقەسىنى خاتىرلىشى  رەسمىي بەلگىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم بۇ ھەقتە سۈرە ساففاتنىڭ 107 ــ ئايىتىدە:  "بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى بېرىپ، (سەبى بالىنى) ساقلاپ قالدۇق" دەيدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ”چوڭ قۇربانلىق“ دېگەن سۆز دەل ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئەشۇ ۋەقە يۈز بەرگەن مەككىنىڭ مۇقەددەس زېمىنىدا مىليۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ تەڭلا ئېلىپ بارىدىغان قۇربانلىق پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا سۈننەتنى بىلدۈرىدۇ.

ئېنىقكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قانداقتۇر بىردىنلا شۇنداق تەلەپكە دۈچ كېلىپ قالغان، ياكى تۈنجى قېتىم ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار پىداكىرانە ئىرادىگە كېلىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئاللاھغا بولغان پىداكارلىقنىڭ ئۆلمەس نامايەندىسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى قۇربان بېرىشنىڭ بىر پۈتۈن تەپسىرى دېيىشكە بولىدۇ. ناۋادا سىز ئاللاھ يولىدا قۇربان بېرىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئەليھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىز لازىم. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى دەپلا ئاتا ــ ئانىنىڭ شەپقىتىدىن ۋە بايلىق ئاسايىشلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ئۇرۇق ــ جەمەتلىرىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ھەتتا ئاللاھنى دەپلا نەمرۇدنىڭ ئوتىغا پەرۋاسىز ئۆزىنى تاشلايدۇ. ئاللاھنىڭ رىزالىقى ۋە ھۆكمىگە بولغان ئىتائەت يۈزسىدىنلا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۇك ئايالى بىلەن ئارزۇلۇق يىگانە ئوغلىنى سۇسىز ھەم گىياھسىز بىر چۆللۈككە  تاشلاپ كېتىدۇ. ئاندىن ئەشۇ ئەتىۋارلىق ئوغۇل ئەمدى تېخى يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: "ئوغلۇڭنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بوغۇزلاپ، دۇنيادىكى بارلىق رىشتىلەردىن ئۇزۇلگەن ۋە بارلىق تايانچىڭدىن ئايرىلغان ھالدا، ئىخلاسمەن مۇسلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە چىن ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلغۇچى) بولۇپ ئىسلامغا مۇكەممەل كېرىشنىڭ ئوبرازىنى ياراتقىن" دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە: "پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: "مۇسۇلمان (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچى) بولغىن" دېگەندە، ئۇ: "ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ مۇسۇلمانى (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچىسى) بولدۇم" دېدى" دېيىلىدۇ. (سۈرە بەقەرە، 131 ــ ئايەت)

"ئىسلام" دېگەنلىك مۇكەممەل ئىتائەت قىلىش، ئۆزىنى تولۇق تاپشۇرۇش، چىن ۋاپادار بولۇش دېگەنلىك بولۇپ، مانا بۇ مەنىدىن بۇنداق پىداكارلىقنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىش ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە تاپشۇرىۋېتەلىگەن، تۈرمۇشتىكى ھەرقانداق ئىشتا ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەپ، بارلىقىنى ئاللاھغا بىغىشلىيالىغان كىشىنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.

ناۋادا سىزنىڭ ئەمەلىي ھاياتىڭىز ئۆزىڭىزنى ئاللاھنىڭ ۋاپادار مۇسۇلمانىغا (يەنى مۇكەمەل ئىتائەت قىلغۇچىسىغا) ئايلاندۇرالىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ئۇنداقتا بىر قانچە پادىنىڭ قىنىنى ئېقىتىش بىلەنلا ھەرگىزمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى خاتىرلىيەلىگەن شۇنداقلا قۇربانلىق قىلىش ئالدىدا ئاللاھىڭىزغا بەرگەن ئەھدىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالىغان بولالمايسىز. چۈنكى ھېيىت كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۆز پادىلىرىنى قۇربانلىق قىلىش ئالدىدا "ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! مانا بىز سېنىڭ مۇسۇلمانلىرىڭ (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچىلىرىڭ)، ساڭا بارلىقىمىز بىلەن بوي سۇنۇش بىزنىڭ تۇتقان يولىمىز، بىز ساڭا ساداقەتمەنلىكىمىزنى جاكارلىماقتىمىز، سىنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ پىشىۋايىمىز ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بوينىمىزنى تۇتۇپ بىرەلەيمىز. ئى مېھرىبان پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۈزەڭ بۇ سۈننەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىقتىن ساقلىدىڭ، شۇڭا بىزمۇ پادىلىرىمىزنىڭ قېنىنى ئېقىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالماقتىمىز. ھالبۇكى، بىزنىڭ بارلىقىمىز سېنىڭدۇر، ئەگەر بىرلا ئىما قىلىدىغان بولساڭ، دىنىڭنىڭ يولىدا ھەر زامان بوينىمىزنى كەستۈرۈشكە تەييارمىز، مانا بىزمۇ ھەم بارلىقىمىزمۇ سىنىڭ. بىز ھەقىقەتەنمۇ ۋاپادار، جان پىدا بەندىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمىز، پۈتۈن ۋجۇدىمىز بىلەن ئۇلارغا چىن ئەقىدە قىلىمىز" دەپ ئەھدە قىلىدۇ. ئەسلىدە قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى سىز ئوقۇيدىغان دۇئا دەل ئەنە شۇنداق جانپىدالىق ۋە ساداقەتمەنلىك ھېسسىياتىنىڭ ئىزھارىدۇر.

بارلىق مۇسۇلمانلار قۇربانلىققا پىچاق سۈرۈشتىن ئىلگىرى:  "مەن پۈتۈن ئىخلاس بىلەن ھەممە تەرەپتىن بۇرۇلۇپ، زېمىن ئاسمانلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمغا يۈزلەندىم. مەن ھەرگىزمۇ شىرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. شەكسىزكى، مىنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ھەممىسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۈر. ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر، مەن ئىتائەتمەن مۇسۇلمان (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تۇلۇق بويسۇنغۇچى) بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئى ئاللاھ! مانا بۇ سەن ئۈچۈن ھازىردۇر ۋە سىنىڭ ئاتا قىلغىنىڭدۇر" دېگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئاجايىپ بىر خىل ئىخلاسمەنلىك كەيپىياتىغا چۈمگەن ھالدا ئىتتىك پىچاق بىلەن مالنى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى:"ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىدىن كاتتا، ئىي ئاللاھ! بۇ قۇربانلىقىمنى خۇددى دوستۇڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەبىبىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن" دەپ دۇئا قىلىدۇ.

دەرھەقىقەت، ئەنە شۇ ۋەقەنى ئەسلەپ، قەلب، ئىددىيەسىنى ئەشۇنداق پىداكارلىق تۈيغۇسىغا چۈمدۈرۈش قۇربانلىق قىلىشنىڭ روھى ھەم بىردىن بىر مەقسىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بۇنداق ھىس، بۇنداق غايىڭىز،  شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قۇربان بولۇش ئىستىكىڭىز ۋە بارلىقىڭىزنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە تاپشۇرۇۋېتىش ئىرادىڭىز بولمىسا، پەقەتلا پادىلارنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ قويۇش ياكى گۆش يېيىش ۋە تەقسىملەش بىلەن ھەرگىزمۇ ھەقىقىي قۇربانلىق قىلغان ھېسابلانمايسىز. بەلكى ئەكسىچە ھەر يىلى بىر قىتىم گۆش بايرىمى ئۆتكۈزۇپ، "مانا بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلار" دېگەن داۋايىڭىز بىلەن كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىپ يۈرگەن بولىسىز. چۈنكى ئاللاھغا نە پادىلارنىڭ گۆشى، نە پادىلارنىڭ قېنى لازىم ئەمەس، ئاللاھنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى پەقەت قەلبىڭىزدە ئورۇن ئېلىشى موھىم بولغان تەقۋالىق، ۋاپادارلىق،چىن ئىخلاس ۋە پىداكارلىق روھىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا:

"ئاللاھغا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھغا يېتىدىغىنى پەقەتلا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر." دەيدۇ. (سۈرە ھەج، 37 ــ ئايەت)

  مانا بۇ تەقۋالىق، ئىتائەت ھەم ئىخلاسمەنلىكنىڭ جەۋھىرى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي روھىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا پەقەت تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ ساداقەتمەنلىك ۋە پىداكارلىق تۈيغۇسىغا چۈمۈلگەن ھالدا قىلغان قۇربانلىقىلا قوبۇللۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇلارغا ئادەم (ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھىكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ئىككەيلەن قۇربانلىق قىلغان چاغدا، بىرسىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرسىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. (قابىل ھابىلغا) "مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن" دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: "ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى" دېدى. (ھابىل) "ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى." (سۈرە مائىدە، 27 ــ ئايەت)

(يەنى، "سىنىڭ قويۇڭنى چاقماق چىقىپ، ئاللاھ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلمىغان بولسا، مىنىڭ نېمە گۇنايىم؟ نېمە دەپ ماڭا ئۆلۇمنى تەھدىت قىلىسەن؟ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئۆزىڭنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ غېمىنى قىلغىن، چۈنكى كەمچىللىك سىنىڭ ئۆزىڭدە. ئاللاھ بولسا، پەقەت تەقۋادارلارنىڭلا قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىدۇ." دەپ جاۋاپ بەردى.)

ئېنىقكى، ئىخلاس ۋە ۋاپادارلىقنىڭ، تەقۋالىق ھەم پىداكارلىقنىڭ ئۇنداق ئۆلمەس روھى ئانچە ــ مۇنچە ئاللاھنى ئەسلەپ قويۇش بىلەنلا پەيدا بولمايدۇ.  ياكى ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭىزنى شۇنداقلا ئۇنىڭ يولىدا قۇربان بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەللەرنى قىلىپ قويۇپلا، ئىددىيە، تەپەككۈر، ھېس، تۇيغۇ،  ئەخلاق، مۇئامىلە، ئىتائەت ۋە ساداقەت جەھەتتە ئازاد بولىۋېلىپ، خالىغان ئىرادە، خالىغان ئوي، خىيالدا بولۇپ يۈرۈش بىلەن، كۆڭۈل تارتقان ئىشلارنى قىلىپ، خالىغان بىرسىنىڭ ئىتائىتىگە باش ئىگىپ يۈرۈش بىلەن ھەرگىزمۇ  ۋۇجۇدىڭىزدا پەيدا بولمايدۇ. چۈنكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا "بىز ساڭا مۇسۇلمان (يەنى مۇكەممەل ئىتائەت قىلغۇچى) بولدۇق" دەپ ئەھدە قىلغاندىن كىيىن باشقىلارنىڭ يول، ئىزىم، ئىتائەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ يۈرىشكە ياكى ئەلا بىلىپ قوبۇل قىلىشقا زادىلا ئورۇن قالمىغان بولىدۇ. ئەجىبا بىز پادىلارنى فىديە قىلىش بەدىلىگە ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىشتىن ساقلاپ، قۇۋۋەت، سالاھىيەت، ئىقتىدارلىرىمىزنى خالىغانلا يەرگە سەرپ قىلىپ يۈرسەكمۇ، يەنىلا ئاللاھ پادىلىرىمىزنىڭ گۆش، قانلىرىنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ، دېگەن ئۈمۈتتە يۈرىۋېرەمدۇق؟!

ھۆرمەتلىك دوستۇم! ئاللاھنىڭ دىنى سىزدىن بارلىقىڭىزنى ۋە پۈتۈن ھاياتىڭىزنى شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان ئىتائەتكە باشقا ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئىتائىتىنى قوشىۋالماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا سىز سۈننىتىنى خاتىرلەۋاتقان ئەشۇ ئۇلۇغۋار زاتلارنىڭ زادى قانداق ئىشلار بىلەن "مسلم چنيف" (يەنى ئاللاھغا ئىخلاسمەن ئىتائەت قىلغۇچى) بولغانلىقىغا قاراپ چىقىڭ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قايتا ــ قايتا ئوقۇپ چىقىڭ، بولۇپمۇ مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە تېخىمۇ قىتىرقىنىپ ئوقۇشقا تىرىشىڭ، ئەنە شۇ پاك زاتلارنىڭ ھاياتلىق لەۋھىلىرىگە ئويۈلغان پىداكارەنە ھېس ۋە جان پىدالىق روھىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىددىيە، تەپەككۇرىڭىزدا، مەھەللە، جەمئىيەت، ئورگانلىرىڭىزدا پەيدا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان قۇربانلىقىڭىزنىڭ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك گۆش يېۋالغان ياكى گۆش بېرىۋالغاندىن باشقا نەتىجىسى بولمايدۇ. 

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز تائىتىگە مۇيەسسەر قىلسۇن.

Go to the Top