?islam diini islaminnal macah muggaqsimee

fatwa Bitaaka
qinwaana: ?islam diini islaminnal macah muggaqsimee
Afa: aygoori
Addition Date: 2015-05-09
Short Link: http://IslamHouse.com/886564
This address categorized objectively under the following classifications
a bitaaka ahaak gubal tan afittet geetton: aygoori - Qarab afa - ingiiz afa - sanhaali - tigreyna - burtugaali
Attachments ( 2 )
1.
دىنىمىز نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى دەپ ئاتىلىدۇ
507.5 KB
Open: دىنىمىز نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى دەپ ئاتىلىدۇ.doc
2.
دىنىمىز نېمە ئۈچۈن «ئىسلام» دەپ ئاتىلىدۇ؟
106 KB
Open: دىنىمىز نېمە ئۈچۈن «ئىسلام» دەپ ئاتىلىدۇ؟.pdf
Baar le addaffakootu

 

دىنىمىز نېمە ئۈچۈن «ئىسلام» دەپ ئاتىلىدۇ؟

 

13695- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىسلام دىنى نېمە ئۈچۈن ئىسلام نامى بىلەن ئاتالغان؟

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئادەم ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىغانلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دەپ ئاتالدى. بۇ مۇقەددەس دىنغا، بۇ ئىسىمنى ئاللاھ تائالا ئۆز رازىلىقى بىلەن تاللىغان بولۇپ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك- شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: (پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن»دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى» دەيدۇ. بەقەرە سۈرىسى 130-131- ئايەتلەر.

يەنە بىر ئايەتتە: «كىمكى ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ» دەيدۇ.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللاھتۇر.

 

 

 

Related Topics ( 1 )
Go to the Top