Vrijednost posta u mjesecu Šewalu

ČLANCI ID kartica
Naslov: Vrijednost posta u mjesecu Šewalu
Jezik: Ujgurski
Autor: Karloki
Revizija: Temkini
Izvor: www.munber.org
Kratki opis: Nekoliko fadileta ovog posta.
Objavljeno: 2008-03-22
Kratki link: http://IslamHouse.com/81650
Ovaj post je uvršten u sljedeću kategoriju:
Ova ID kartica je prevedena na sljedeće jezike: Ujgurski - Arapski - Bangalski - Tajlandski - Malajalamski - Uzbekistanski - Turski
Atačmenti ( 2 )
1.
شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
559.5 KB
: شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.doc
2.
شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
145.4 KB
: شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا.pdf
Detaljni opis

 

 

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرىغانلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش، جايىدا ئادا قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە رامىزان روزىسىنى ئادا قىلغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنىمىز ئىسلام پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە شەۋۋال ئېيىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بىر كاتتا ئىبادەتتىن خەۋەر بەردى ۋە بۇ ئىبادەتنى ئورۇنداشقا مۇسۇلمانلارنى رىغبەتلەندۈردى.

ئەبۇئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام نەۋەۋىي – ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن- ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەدىس ھەققىدىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ «يىل بويى تۇتقان رۇزىغا تەڭ بولىدۇ؛ چۈنكى، ھەر بىر ياخشىلىققا ئون ساۋاب بېرىلىدۇ، رامىزان روزىسى ئون ئايغا تەڭدۇر، شەۋۋالدا تۇتۇلغان ئالتە كۈن روزا بولسا، ئىككى ئايغا باراۋەردۇر.» دېسە، ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ: «شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان روزا پەزىلەت جەھەتتە رامىزان روزىسىغا ئەگىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساۋابى بىر يىللىق پەرز روزىنىڭ ساۋابىغا باراۋەردۇر.»

جانابى ئاللاھ بىزنى بۇنداق كاتتا ئەجىر ۋە ئىنئامدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، ئامىن!

ئۆلىمالىرىمىز، شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان روزىنىڭ قاچان، قانداق تۇتىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قاتار ئىجتىھادلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ مەسىلەن، ھەنەفىي ۋە شافىئىيلار ئارقا- ئارقىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئارىلىقىدا بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇتسىمۇ، سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئەجىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇش ۋە ياكى كۈن ئاتلىتىپ تۇتۇشنىڭ ئەجىر ۋە ساۋاب جەھەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان بۇ روزا قاچاندىن باشلاپ تۇتۇلىشى كېرەك؟.

- شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر تۇتۇشقا بولىدۇ. ئەمما، ئۆلىمالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ «ياخشىلىققا ئالدىراڭلار» ئەمرىگە ئاساسەن شەۋۋالنىڭ بېشىدا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان بۇ روزىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى رامىزان ئېيىدا تۇتالماي قالغان رۇزىسى بارلارنىڭ ئالدى بىلەن رامىزان رۇزىسىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىشلىرىدۇر. بۇنىڭغا مۇسۇلمان قىز-خانىملارنىڭ بەكرەك دىققەت قىلىشلىرى لازىم.

ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، ئىبادەتنىڭ مۇئەييەن پەسلى يوقتۇر، سالىھ كىشىلەر رامىزاندا پەرۋەردىگارىغا قانداق ئىبادەت قىلغان بولسا، يىلنىڭ باشقا پەيتلىرىدىمۇ شۇنداق ئىبادەت قىلىدۇ، ھەقىقىي مۇسۇلمان، يالغۇز رامىزانلىقلا مۇسۇلمان بولۇپ، يىلنىڭ باشقا ۋاقتىنى ھاۋايى- ھەۋەسلىرىگە قۇربان قىلىۋەتمىگەن كىشىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىمان، ئېتىقادىمىزغا سادىق مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىن!.

 

Go to the Top