ആത്മ വിചിന്തനം

ലേഖനങ്ങള്‍ ഇനം-വിവരണം
അഡ്രസ്സ്: ആത്മ വിചിന്തനം
ഭാഷ: ഉയിഗര്‍
എഴുതിയ വ്യക്തി: അഹ്’മദ് അബൂ ഖാസിം ഖസ്ഖരി
പരിശോധകര്‍: എന്‍. തമകീനി
പ്രസാധകര്‍: ഇസ്’ലാമിക് കാള്‍ ആന്‍റ് ഗൈഡന്‍സ് സെന്‍റര്‍ - റബ്’വ
സംക്ഷിപ്തം: അപകടങ്ങള്‍ നിറഞ്ഞു നില്‍ക്കുന്ന ഈ കറുത്ത കാലഘട്ടത്തില്‍ ഒരു മുസ്ലീം എങ്ങിനെ ക്ഷമ അവലംബിക്കണമെന്നും അല്ലാഹുവുമായി ബന്ധം സ്ഥാപിക്കുന്നതെങ്ങണെയെന്നും ചെറുതും വലുതുമായ മുഴുവന്‍ കാര്യങ്ങളും അല്ലാഹുവില്‍ ഭരമേല്‍പ്പിക്കുന്നതിനെ കുറിച്ചും വിവരിക്കുന്ന ഗ്രന്ഥമാണിത്.
ചേര്‍ത്ത തിയ്യതി: 2008-03-01
ബ്രീഫ് ലിങ്ക്: http://IslamHouse.com/77542
താഴെ വരുന്ന ഇനങ്ങള് വിഷയാടസ്ഥാനത്തില് ക്രമീകരിക്കപ്പെട്ടവ
താഴെ പറയുന്ന ഭാഷയിലേക്ക് ഈ കാര്ഢ് ഭാഷാന്തരം ചെയ്തിരിക്കുന്നു: ഉയിഗര്‍ - അറബി - തായ്‌ - ബെങ്കാളി
കൂടെയുള്ള അറ്റാച്മെന്റ് ( 2 )
1.
ئۆزۇمگە خىتاپ
1 MB
: ئۆزۇمگە خىتاپ.doc
2.
ئۆزۇمگە خىتاپ
153 KB
: ئۆزۇمگە خىتاپ.pdf
സംക്ഷിപ്തങ്ങളുടെ വിവരണം

 

 

ئۆزۈمگە خىتاپ

 

 

ئەي ... ھاياتلىقنىڭ ھەلەكچىلىگىدە ئالدىراش يۈرۈپمۇ ، پۇشمان ۋ ە ھەسرەت چېكىۋاتقان ، تېڭىرقاش قايناملىرىغا چۈمۈپ ، ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئېشەنچىنى يوقىتىۋاتقان بېچارە ئىنسان ، توختا ! يەۋاتقان تامىقىڭنى ، ئېچىۋاتقان سۈيۈڭنى قوي ! قىلىۋاتقان ئىشىڭنى تاشلا ! ھۈشۈڭنى يىغىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن سۆزۈمگە قۇلاق سال !

سەن ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان ، ئۆز مەجبۇرىيىتىڭ ۋە مەسئۇلىيىتىڭنىمۇ بىلىپ يەتكەن مۇسۇلمانسەن .. شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمىشقا تىڭىرقايسەن ؟ ھالال ـ مېھنەت بىلەن كەسىپ قىلىپ رىزىقلىنالايسەن . شۇنداق تۇرۇپ ، يەنە نىمىشقا باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىسەن ؟ قىلىۋاتقان ئىشىڭدا   ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەخسەت ، ھالال ـ پاك نەرسىلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇغلۇق يەنە نىمىشقا ئىككىلىنىسەن ؟

ياق .. ياق ، سەن ئىلگىرى باسمىغان تىجارىتىڭ ، دۇچ كەلگەن  زىيانلارنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ـ ئۆزۇڭدىن گۇمانلانما ؟ سىنىڭ رىزقىڭ ـ سىنىڭ قابىلىيىتىڭ ۋە ساداقىتىڭدە ئەمەس بەلكى رەببىڭدە ..! سەن قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەرسىلىرىڭ ئۈچۈن ھەسرەتلەنمە ھەم ئاللاھ يولىدا سەرىپ قىلىۋىتىپ مۇھتاج بولۇپ قالغانلىقىڭدىن ئۆكۈنمە ..! بىلىپ قوي ... ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلىۋاتقان ھەر بىر نىئمەتلىرىنىڭ كەينىدە سان - ساناقسىز سۇئال - سوراق ، ئۈندەشلەر بار ..! سېنىڭ قولغا كەلتۈرەلىگېنىڭ سېنىڭ غەلبە ڭ ئەمەس ، قولغا كەلتۈرەلمىگېنىڭ سېنىڭ مەغلۇبىيېتىڭ ئەمەس . سېنىڭ غەلبە ڭ ۋە مەغلۇبىيېتىڭ ، نىئمەتلەرنىڭ شۈكرانېسىنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلالىشىڭ ياكى قىلالماسلىقىڭدا ۋ ە قىسمەتلىرىڭگە قەتئى سەبىر قىلالىشىڭ ياكى قىلالماسلىقىڭدا .........! شۇ ڭا ھەق ئۈچۈن خازان بولۇپ ، دەھشەتلىك كۈنلەرگە قالغانلىقىڭغا ، ئىززەت ـ ھۆرمىتىڭدىن ئايرىلىپ  كىشلەرنىڭ كۈلكىسىگە ، ھەر خىل ئەيىپلەشلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلانما . سەن ئاللاھنىڭ سەن بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلساڭ ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭغا ھەسرەتلەنمە . ئەكسىچە بۇنداق غېرىپلىقىڭدىن خۇشال بول ....! ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سەندەك غېرىپلارغا خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنۇتۇپ قالما ...!

سەن ، ئاللاھنىڭ زېمىنى كە ڭرې ئەمەسمىدى ..؟ دىگەن ئايەتنى ئوقۇپ ھېجرەت قىلدىڭ ، ئەمدى ئوتۇ ڭدا كۆيۈپ ـ سۈيۈ ڭدە ئاقىدىغان ئاتا ـ ئانا ، خوتۇن ـ باللىرىڭنى مېنىڭسىز قانداق قىلىۋاتقاندۇ ؟ دەپ ئارتۇق غەم قىلما ..!  ئاللاھ ئە ڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلغۇچىدۇر ..! ئاللاھ خالىسا سەنسىزمۇ ھەممە ئىشلار ئۆز ئوقۇدا چۆرگۈلەۋ ىرىدۇ . ئاللاھ ئۆزى تەقدىر قىلغان ئىشلاردا ، ھېچكىمگە ھاجەت ئەمەس . ئۇنداقكەن سەن قانداقمۇ مەن بولمىسام بولمايتتى دېيەلەيسەن ...؟

سەن بۈگۈنكىدەك ھەممە ئىنسان ئۆز غېمىدە قالغان جاھاندا ، ئۆز مەسئۇلىيېتىدىن  قاچقان بالا ، ياكى ئەر ۋ ە ياكى دادا ئەمەس ، بەلكى كۆپىنچە ئىنسانلار ئۈستېگە ئېلىشتىن قېچىۋاتقان تېخىمۇ يۈكسەك ، تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈ ڭ گە ئېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئاددى ئادەمسەن ..! سەن پەقەت ۋ ە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا ، بارلىق غەنېمەتلىرىڭدىن ۋاز كېچىش كىرەكلىگىكى بىلىپ يەتكەن ئاجىز بەندېسەن ..!

سەن بۇ چەكلىك ھاياتتىكى مەنا ۋ ە ئەھمىيەتنى ، باتىلنىڭ سۈلھې - سالالېرىگە بويسۇنغان ، ئاددى بىر ئائىلىدىن ئەمەس  ، بەلكى جاھالەت ۋ ە زۇلۇمنىڭ قارا قۇيۇنلىرى قاپلېغان بەخېتسىز ئىنسانلار ئارېسىدىكى ھەقىقانىيەتنىڭ ئۆچمەس مەشئەللېرىگە ئايلانغان ، مەردانېلارنىڭ جاپا - مۇشەققەت ، خەيىم - خەتەرلەر بىلەن تولغان ، پەقەت قانلىق بەدەللەر بىلەنلا مۇراد ساھېلىغا ئۇلىشالايدىغان ، ئىمان - ئىسلامنىڭ تە ۋە رەنمەس ، ئاشۇ مە ڭگۈ ئۆزگەرمەس  تە ۋ ھېد مەيدانىدىن ئىزدە ۋ اتىسەن !

دىققەت .................!

ئەگەر دە ۋ ايىڭ راستىنلا شۇنداق بولسا ، ئۇنداقتا ھاياتىڭدىكى مۇقۇملۇقنى ، مۇرەسسەچى ئىتائىتېڭدىن ئەمەس ، بەلكى پاك ئىتىقادىڭنىڭ سۇنماس ئىرادېسىدىن ئىزدە ..! ئەگەر دە ۋ ايىڭ راستىنلا شۇنداق بولسا ، ھەقىقى خاتىرجەملىكنى زالىمنىڭ ساخاۋېتىدىن ئەمەس ، بەلكى ئاللاھقا بولغان كامىل ئىمانىڭدىن ئىزدە .. ! ئەگەر دە ۋ ايىڭ راستىنلا شۇنداق بولسا ، مە ڭگۈلۈك بەخىت - سائادىتىڭنى باتىلنىڭ سىياسېتىدىن ئەمەس ..! بەلكى ئىسلامنىڭ ئادالەتلىك سايىسىدىن ئىزدە .. ! ئەگەر دە ۋ ايىڭ راستىنلا شۇنداق بولسا ، يانا بۇ يولدا ئاققۇزغان قان - تەر بەدەللىرىڭنىڭ غەلبىلىك نەتىجېلىرىنى ، كىشىلەرنىڭ مايىللىقىدىن ئەمەس ، بەلكى رەببىڭنىڭ رازىلىقىدىنلا ئىزدە ..!

ئىتىقاد ، ئىمان ۋ ە ئىسلامنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ، كۇفرىنىڭ جاھالېتى ۋ ە زۇلمېتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، ئىماننىڭ نۇرىنى ، ئىسلامنىڭ ئادالېتىنى ، ئىنسانىيەتنىڭ سائادېتىنى ئىزدەپ ئۆي - ماكان ، ئەل -يۇرت ، دوست - يارەنلىرىڭنى تاشلاپ ، ھېجرەت قىلغانكەنسەن ، ئۇنداقتا يول ئۈستىدە مۈگېدەپ قالغان كارۋانلارنىڭ ئازغۇنلىقىدىن ، توپتىن چۈشۈپ قالغان ئىمانى ئاجىز ، ئىرادېسى بوش پىتنە - پاساتچىلارنىڭ بانا - سە ۋە پلىك ئىغۋالىرىدىن ، كۆرەلمەس ھەسەتخور ، تۇغماس توخۇدەك كۇرۇكلارنىڭ غەۋغالىرىدىن ھەرگېز قورقما ..! بەلكى تېخىمۇ قەتئى بول !

ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسېدىڭ بولسا ، رەسۇلۇللاھ نىڭ سۈننېتى ۋاستە ڭ بولسا ، ئەجەل سېنىڭ مەنزىلىڭ بولسا ، قەتئى نىيەت ، ۋ ە مۇستەھكەم ئىرادىنى ئۆزۈ ڭگە مە ڭگۈلۈك ھەمرا قىلالىساڭلا ، سەن ھەقىقى غالىپلاردىن بولالايسەن .

بولدى ئەمدى ئورنۇ ڭدىن تۇر .. ! نېمە قاراپ تۇرىسەن ..؟ تېز بول .. ! ئۆزۈ ڭگە ئارتۇق يۈكلىۋالغان بارلىق غەملىرىڭنى تاشلاپ ، ئاللاھ قا تە ۋە ككۇل قىل ... !

അനുബന്ധ വിഷയങ്ങള് ( 2 )
Go to the Top