യുവത്വവും ധീരതയും

ആഡിയോസ് ഇനം-വിവരണം
അഡ്രസ്സ്: യുവത്വവും ധീരതയും
ഭാഷ: ഉയിഗര്‍
പ്രഭാഷകന്‍: അഹ്’മദ് അബൂ ഖാസിം ഖസ്ഖരി
പരിഭാഷകര്‍: കാമില്‍ജാന്‍
പരിശോധകര്‍: എന്‍. തമകീനി
പ്രസാധകര്‍: www.munber.org
സംക്ഷിപ്തം: പ്രവാചക അനുചരന്‍ മിസ്വ്’അബ് ഇബ്’നു ഉമൈറിന്‍റെ സംഭവ ബഹുലമായ ജീവിതം സമഗ്രമായി വിവരിക്കുന്ന കേസറ്റ്.
ചേര്‍ത്ത തിയ്യതി: 2008-01-08
ബ്രീഫ് ലിങ്ക്: http://IslamHouse.com/72424
താഴെ വരുന്ന ഇനങ്ങള് വിഷയാടസ്ഥാനത്തില് ക്രമീകരിക്കപ്പെട്ടവ
താഴെ പറയുന്ന ഭാഷയിലേക്ക് ഈ കാര്ഢ് ഭാഷാന്തരം ചെയ്തിരിക്കുന്നു: ഉയിഗര്‍ - അറബി - ബെങ്കാളി - തായ്‌ - ബോസ്നിയന്‍
കൂടെയുള്ള അറ്റാച്മെന്റ് ( 3 )
1.
ياشلىق ۋە پىداكارلىق
1.4 MB
: ياشلىق ۋە پىداكارلىق.doc
2.
ياشلىق ۋە پىداكارلىق
207.6 KB
: ياشلىق ۋە پىداكارلىق.pdf
3.
ياشلىق ۋە پىداكارلىق
6.6 MB
: ياشلىق ۋە پىداكارلىق.mp3
സംക്ഷിപ്തങ്ങളുടെ വിവരണം

 

ياشلىق ۋە پىداكارلىق

 

دەرۋەقە، ياشلىق ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ھاياتلىق سۆيگۈسىگە ئىستىتىك تەم، ياشاش رىغبىتىگە جاسارەتتىن دەم بەخىش ئېتىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بىر چاغ. شۇڭا ئىنسانغا ياش ۋاختىدا دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنىشكە باشلايدۇ. ئەمما ھەزرەتى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاخىرەت ئۈچۈن پىدا قىلغان ئەشۇ ياشلىقى تارىختا ئەڭ گۈزەل، نادىر ئوبرازنى ياراتقان بولۇپ، ئۇ ياشلىق مۇھەببىتىنى دۇنيانىڭ جەلىپكار رەڭ، پۇراقلىرىغا ياكى قىزلارنىڭ ھۆسنى ـ جامال، مەپتۇنكارلىقىغا ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا كەلتۈرگەن ئىماننىڭ ئىشقىغىلا ئاتىۋەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ئىمان ئېيتىپلا ئىلگىركىدىن باشقىچىلا بىر ئىنسانغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ناۋادا ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىشتىن سەللا ئىلگىركى ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئانا مىھرىنىڭ شەپقەتلىك سايىسىدا ۋە مال ـ بايلىقنىڭ خۇمارلىق ئاسايىشلىقىدا، ئۆلۈم ھەم ئۆلومدىن كېيىنكى ھاياتلىق ساھىلىنى قىلچە پەرۋايىغا ئالماستىن، مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش كوچىسىنىلا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئۇ كېلىشكەن قامىتى ۋە ئاجايىپ ئېسىل كېيىم ـ كىچەكلىرى ئارقىلىق ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىنى ۋە تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، ئىشلەتكەن ئالى دەرىجىلىك ئەتىرلىرى بىلەن مەككە كوچىلىرىنى خۇشپۇراققا تولدورۈپ، يولدىن ئۆتكەنلىرىدە، پۈتۈن مەككە نازىنىنلىرى لەۋ چىشلىگەنچە قارىشىپ قالاتتى. شۇڭا ھېچ كىممۇ بۇنداق بىر ئامەتلىك يىگىتنىڭ ھاياتىدا، ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشۈش بىلەنلا ئەيشى ـ ئاراملىرىنى تاشلاپ، غەم ـ قايغۇغا قۇچاق ئاچىدىغان  ئۇنداق ئۆزگىرىش بولۇپ قالار،  ئېسىل، خۇشپۇراق كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا كىرلىنىپ، توپا ـ چاڭغا مىلېنىشنى ئەلا بىلىدىغان، دۇنيا ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ راھەت ـ پاراغەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئەمەس، ئاخىرەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن جان تەقدىم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۆز ئۆلىمى ئارقىلىق پۈتكۈل ئاسمان ـ زېمىننى، جۈملىدىن ئۆز پەرۋەردىگارىنى مەمنۇن قىلغان ھالدا ئاخىرەتكە يول ئالىدىغان، ئۇنچە كاتتا ئىنقىلاپ  بەرپا بولۇپ قالار، دېگەننى قەتئىي تەسەۋۋر قىلالمايتى.

ئەمما ئۇنىڭغا ھەقىقىي خۇداسىنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىرلا تونۇشتۇرۇشى بىلەن، مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا، دۇنيانىڭ بارچە خۇشنەما پەردىلىرى بىراقلا قايرىلىپ، ئاخىرەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي جامالى بىلەن ئەينەن ئەكىس ئېتىشكە باشلىغان ئىدى.

شۇنداق...

ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش ئىنسانغا ياشاشنىمۇ ھەم ئۆلۈشنىمۇ ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن ئۆگىتىپ قويىدىغان ئەشۇ ئاخىرەت...

ئۇنىڭغا بولغان ئىماندىن مەھرۇم كىشى گەرچە دۇنيادا ھەرقانچە كاتتا مەرتىۋېلىك بولالىسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي "ئىنسان" بولالمايدىغان ئەشۇ ئاخىرەت...  

ئۇنىڭدىن جەننەتنىڭ ھىدىنى ئېلىش بىلەنلا ئىنسان دۇنيادا تىكەن ـ چاتقاللار ئۈستىدە مېڭىۋىتىپمۇ، گۈل ياپراقلىرى ئۈستىدە ماڭىۋاتقاندەك، بەدەنلىرى زەخمىلىنىپ تۇرۇپمۇ، مەلھەم سۈركىلىۋاتقاندەك، ئوت، يالقۇنلار ئىچىدە قىلىپمۇ، باغۇ ـ بوستاندا سەيرى قىلىۋاتقاندەك ئىچ ـ ئىچىدىن تەبەسسۇم قىلىشقا باشلايدىغان ئەشۇ ئاخىرەت...

شۇنداق...

ئىنسان ھەرقانچە ئۇنى ئىنكار قىلغان بىلەنمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەشۇ ئاخىرەت ئۆز مەنزىرىسىنى مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.  

شۇڭا ئۇ قەلبىدىكى پۈتۈن بۇتلارنى دەرھال چىقىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەقىقىي خۇداسىنىڭ زىكرىنى چوڭقۇر يەرلەشتۈرۈپ، تۆت ئەرتاپقا باققىنىدا، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى ھايات ماماتلىق ئۇزۇلمەس كۆرەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆيىدە، ئۇنى جان دىلىدىن ئەزىر كۆرىدىغان مېھرىبان ئانىسىمۇ تېخىچە تاشتىن ياسالغان ساختا ئىلاھلار ئالدىدا بۇرنىنى يەرگە سۇۋاشتىن توختىمىغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاتتىق ئۆرتۈنۈشكە سىلىۋاتقان ھەققانىيەتنىڭ مەنىۋىي چوغلىرىنى ئۇ، ئۈن ـ تىن چىقارماستىن، سۈكۈت قىلىپ، ئۆز باغرىدا يوشۇرون ساقلاشقا تىرىشتى. ئەمما چوغنى سۈكۈت پەردىلىرى بىلەن يۆگەپ قىلىش نەدىمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئاخىرى پەردىلەر كۆيۈپ چوغ "مانا مەن" دەپلا ئوتتۇرىغا چىقتى. دۇنيا گەرچە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئۆزى پۈتۈن مەۋجۇتلىقنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بىردىن ـ بىر قۇردەتلىك ئاللاھنىڭ ئالدىدا، مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سەجدىگە باش قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەختسىزلىكىگە ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت تەتۈرلىكىگە ھەسرەتلىك ياش تۆكىۋاتقان ھالدا كۆرۈپ قالدى.  

ـ بۇ سېنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىڭ؟! ـ ئانىسى گويا دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ گۇناھكارنى جىنايەت ئۈستىدىلا تۇتىۋالغاندەك غەزەپلىك ۋاقىرىماقتا ئىدى.

ـ مەن ھەقىقىي ئىلاھىمىز بولغان ئاللاھغا سەجدە قىلىۋاتىمەن ـ ئۇ ئاجايىپ جاسارەت بىلەن ھەققانىيەتنىڭ شۇئارىنى جاكارلاشقا باشلىدى.

ـ جېنىم ئانا! ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. مۇھەمەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبىرى.

بۇنى ئاڭلاپ چىداپ تۇرالمىغان ئانىنىڭ جاھىلانە جۇدىنى تۇتۇپ، بىردىنلا چالۋاقىغانچە: "بولدى بەس! ئاغزىڭنى يۇم!" دەپ نەپرەت بىلەن ۋاقىراشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا پۈتۈن قان رىشتىلەرنىمۇ قويماي ئۈزۈپ تاشلايدىغان ھەقىقەت بىلەن ساختىلىقنىڭ زىلزىلىك كۆرەشلىرى باشلىنىپ كەتتى.

شۇنىسى ئىنىقكى، مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنىڭ بارچە تۇيغۇلىرى ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن توپلۇنۇپ، بىرلا نۇقتىغا مەركەزلەشكەندە ۋە بىرلا دائىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا تىركىشىشكە چۈشكەندە، ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق مەيدانغا چىققان بولىدۇ. ئىنسان دەل ئەنە شۇ چاغدىلا دۇنيانىڭ پۈتۈن ھىيلە ـ نەيرەڭ، ئەپسۇنكارلىقى بىلەن يالىڭاچلانغان ئەپتى ـ بەشىرىسىنى تۇلۇق كۆرۈشكە سازاۋەر بولالايدۇ. بۇنداق چاغدا ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بەندە بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭلا ھەقىقىي ئۈزۈلمەس مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چىن ھەقىقەتنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالماي تۇرالمايدۇ. ھەمدە دۇنيادىكى "تايانچ" بولۇپ تۇيىلىۋاتقان بارلىق تايانچ، ۋاسىتىلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەڭ ئىپلاس ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئىشەنگەن مۇستەھكەم قەلئەلەرنىڭمۇ قەلئە ئەمەس، بەلكى ھەققانىيەتنىڭ يېنىككىنە بىر شامىلى بىلەن توزۇپ تۈگەيدىغان قۇم دۆۋىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىدۇ. مانا شۇنداق بوران ـ چاپقۇنلۇق، ئىنتايىن نازۇك ئىمتىھان باسقۇچىدىلا ھەقىقىي ئىمان بىلەن مۇناپىقلىقنىڭ پەرقى "ئېقى ئاق، قارىسى سىياھ" بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ باسقۇچتا ھەق سۆيەرلىكنىڭ ۋە ئاللاھ سۆيەرلىكنىڭ ئېغىزدىلا كۈچەپ توۋلىنىۋاتقان قۇرۇق شۇئارۋازلىقلىرى زادىلا ئاقمايدۇ. بەلكى باتىلنىڭ غەزەپلىك تۇنجى زەربىسى بىلەنلا خىرقىراپ قىلىشقا باشلايدۇ.

ھە... ئەمما بۇ، يەنە شۇنداقمۇ باسقۇچكى، ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئىماننىڭ باستۇرۇلغان ئۈچقۇنلىرى مۆمىن ۋۇجۇدىدىن ھەيۋەتلىك ۋۇلقان كەبى پارتلاپ چىقىپ، باتىلنىڭ ئاتالمىش "يىمرىلمەس لەشكەرلىرىنى" كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغانچە، دەپىن قىلىۋېتىشكە باشلايدۇ. مۆمىننىڭ بېچارىلەرچە ئامالسىزلىقىلا ھەممىدىن كاتتا كۈچ ـ قۈۋۋىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مۆمىننىڭ يوقسىزلىقى ئۇنى شۇنداق قوراللاندۇرىدۇكى، ھەتتا تەنھا بىرلا ئىسلام لەشكىرى ئۆز ۋۇجۇدىدا گويا پۈتۈن دۇنياغا يالغۇز جەڭ ئاچالايدىغان، يالغۇز ئۆزىلا جەڭ قىلىپ، ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدىغان قەتئىي ئىرادىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. شۇڭلاشقا باتىل ھەرقانچە بولغاندا مۆمىننىڭ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا تىرىشالىسىمۇ، ئەمما ھەرگىز باش ئەگدۈرەلمەيدۇ.

ھەزرەتى مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بىرلا چامداش بىلەن يۈكسەكلىكنىڭ ئەنە شۇنداق كاتتا مەقامىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، گەرچە ئۇنى لەززەت، راھەت ـ پاراغەتلەر بەدىلىگە سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەڭرى تورلار يېيېلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيانىڭ بۇنداق رەزىل تىرىشچانلىقلىرىغا بىر تەرەپتىن نەپرەتلىنىپ كۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچ ئاغرىتىپ ياش تۆكتى. مېھرى ـ شەپقەت، كۆيىنىشلەر بىلەن ئۇنى ئېرىتمەكچى بولغان باتىل ئالدىدا، ئۆزىنىڭ گوياكى بىر تەۋرەنمەس تاغ چوقىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىدى. دۇنيانىڭ نامراتلىق ۋە يوقسىزلىق بىلەن قورقۇتۇشلىرى ئالدىدا، ئاخىرەتنىڭ ھالاكەتلىك شەرمسارلىقىدىن باشقا ھەرقانداق غەم ـ ئەندىشىلەرنى پىسەنتىگىمۇ ئالمىدى. ئەنە شۇ چاغدىلا كەرەملىك ئاللاھۇ تائالا بۇ ياپ ـ ياشلا بەندىسىنىڭ قەلبىنى مەڭگۈ تامام بولماس قەلب بايلىقىنىڭ خەزىنىسىگە ئايلاندۇرۇپ بەردى.

ئۇ پۈتۈن دۇنيادىن پىشىنى قېقىپ ئورنىدىن دەس تۇردى. مېھرىبان ئانىسىدىن، ھەيۋەتلىك كاتتا قورو ـ جايىدىن، قىممەتلىك ئېسىل كىيىم ـ كىچەكلىرىدىن ۋاز كەچتى. لەززەتلىك تائاملارغا تولغان داستىخانلاردىن قوپۇپ، ھەتتا ۋەتىنىدىنمۇ ئايرىلدى. بىرلا ئاللاھ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياسىنى تاشلاپ چىقتى. يېڭى بىر ئىسلام ۋەتىنىنى ئىزدەش كويىدا ئۆزلىرى ۋەتەنسىزلىشىپ كېتىۋاتقان يوقسۇل مۇسۇلمانلار كارۋىنىغا قوشۇلۇپ، مەككىدىن ھەبىشىستانغا يۈرۈپ كەتتى.

دېمىسىمۇ ۋەتەنسىزلىشىش ئۇنچە ئاددى ئىش ئەمەس. ئەمما بۇ ئىش دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە ھەقىقىي ئۆيىنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن، ھەمدە ئەسلىدىكى ھەقىقىي ئۆيىنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىنلا باشلىنىپ كېتىدىغان يەنە بىر ئىككىنچى دۇنيادا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ كۆڭۈللۈك پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىناتتى. چۈنكى ئۇلار ئەشۇ ئىككىنچى دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە نەزەر سېلىپ، كىمنىڭ ئاخىرەتنى دۇنياغا تېگىشىپ، يەنە كىمنىڭ دۇنيانى ئاخىرەتكە تېگىشىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى، ئۇ دۇنيانىڭ بىر تەرىپى ئاستىدىن ئۈستەڭلەر ئېقىپ، ھەسەل بولدۇقلايدىغان، ياپ ـ يېشىل بوستان، گۈل ـ گۈلىستان، چېمەن، باغلار، خۇشپۇراق مەيىن شاماللار، خۇشناۋا ھەمدۇ ـ سانالار بىلەن تولغان، غەم ـ ئەندىشىلەردىن پۈتۈنلەي خالىي، زەپمۇ گۈزەل، ئاجايىپ يېقىملىق، پۈتۈن ئارزۇ ـ تىلەكلەرنىڭ رىئال دۇنياسى بولغان جەننەت ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرىپى بولسا، ھەممە يىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان، تاش، كېسەكلەر بىلەن تاش يۈرەك ئىنسانلارنىڭلا ئۈستىخانلىرىنى ئۆزىگە يېقىلغۇ قىلىدىغان، مىڭلىغان ئىنسانلارنى يۈتۈپ تۇرۇپمۇ،  "يەنە بارمۇ؟!" دەپ توختىماي تۇۋلاپ تۇرىدىغان تويماس ئوتلار ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلسا، ئاچكۆز ئىنسانلار دوزاق ئۇتىنى يەپ، ئىپلاس جاراھەتلىرىدىن ئاققان قان يېرىڭلارنى ئۇسسۇزلۇق قىلىدىغان قاباھەتلىك جەھەننەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى.

ھەزرەتى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەبىشىستانغا يول ئالغاندا، ئۇنىڭ كۆركەم جىسمىدا غەزەپلىك ئانىسىنىڭ زەنجىرلەشلىرى تۇپەيلىدىن قىلىپ قالغان زەخىم، يارىلارنىڭ داغلىرىلا بار ئىدى. ئەمما قايتىپ كەلگىنىدە بولسا، گۈلدەك يۇمران بەدەنلىرى جىھاد ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ يالقۇنلۇقلۇق خۇمدانلىرىدا بولۇشىغا كۆيۈپ، قارىداپ تاۋلىنىپ كەلگەن ئىدى. مەككە كۆچىلىرى تېخى يېقىندىلا شۇنچە قىممەتلىك ئېسىل كىيىملەر بىلەن ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرۈپ، ئۆتكەنلا كۆچىنى سائەتلەرگىچە ئەتىر پۇرىقىغا تولدۇرۇپ، مەغرۇرانە قەدەم تاشلاپ يۈرىيدىغان بۇ سۆلەتلىك يىگىتنىڭ ئەمدىلىكتە بولسا، بىر پارچە يىرتىق ئورانجىنى ئۈستىگە ئارتالغانلىقىنى، يەنە كېلىپ، ئورانجىسىغىمۇ رەخ تېپىلماي، ئەسكى تىرىلەردىن ياماق چۈشكەنلىكىنى كۆرمەكتە ئىدى.

گۈلدەك چىرايى سارغىيىپ قالغان، ھۆپپىدە ئاناردەك مەڭزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، پارقىراق نۇرانە پىشاينىسىدىن ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئەلەملىك غۇبارلىرى تۆكۈلۈپ تۈرغان، ئەركە ياشلىقى ئاخىرەت بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ غىمىدە ۋاقىتتىن ئىلگىرى ياشىنىپ قالغان...

ئەمما قەلبىچۇ؟! قەلبىنىڭ ھەربىر سوقۇشلىرى شات خوراملىققا، قەتئىي ئىشەنچ، جاسارەت ۋە غەيرەتنىڭ نۈرلۇق فونتانلىرىغا چۆمۈلۈپ، ئاخىرەت سەپىرىنىڭ ھەر بىر مەنزىلىنى جاھالەت ۋە ئاسىيلىق تۈپەيلى جەھەننەم تەرەپكە يول ئالغان ھالدا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل زېمىن، ئاسمانلارنىڭ نۇرى ئاللاھۇ سۇبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ جەننىتى تەرەپكە يول ئالغان ھالدا بېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بېسىلغان ھەر بىر قەدەمنىڭ ئۇنى بارغانچە جەھەننەمدىن يىراقلاشتۇرۇپ، جەننەتۇل پىردەۋس تەرەپكە يېقىنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى چەكسىز بەختىيارلىق ئىچىدە ھېس قىلدۇرىۋاتقان...

ئەنە شۇنداق روھىي مەمنۇنىيەت بىلەن ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئاللاھنىڭ رەسۇلى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا سالامغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇ ئەركە ئۈممىتى بىلەن قاتتىق سېغىنىش ئىچىدە دىدارلاشقاندىن كېيىن مۇبارەك لەۋلىرىدە تەبەسسۇم، دەرتمەن كۆزلىرىدە ياشلار لىغىرلاشقا باشلىدى ۋە ئۆزىنى تۇتالماي "مانا قاراڭلار! بۇ دەل ئاللاھنىڭ ئىشقىغىلا پۈتۈن دۇنياسىنى تەسەددۇق ئەيلىگەن يىگىت ئەمەسمۇ؟!" دەپ چاراڭلىق قەلب ساداسىنى ياڭراتتى.

ئىككىنچى تەرەپتە، ئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئانا "ئى ۋاپاسىز! شەھەرگە قايتىپ كەپسەنۇ ـ ئاناڭ بىلەن كۆرۈشكۈڭ كەلمىدىمۇ؟" دەپ خەت ئەۋەتتى.

ھەزرەتى مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئانىغا جاۋابەن "ئى جېنىم ئانا! ئەمدى مەن ئاللاھنىڭ رەسۇلىغىلا تەئەللۇق. ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئىككىنچى بىرسى بىلەن كۆرۈشىشنى قەتئىي خالىمايمەن" دەپ سۆز يوللىدى.

ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى بىلەن قانغىچە دىدارلىشىپ، قەلبىنى تەسكىن تاپقۇزغاندىن كېيىن ئۆز ئانىسىنى جەھەننەمنىڭ يالقۇنلىرىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم تىرىشىپ بېقىش كويىدا يەنە ئۆيىگە راۋان بولدى.

ـ ۋاي تېخىچە سەن ئەشۇ دىندىمۇ؟! ئانا ھەيرانلىق ئىچىدە غەزەپلىك ئاۋاز بىلەن ئۆغلىدىن سورىماقتا ئىدى.

ـ شۇنداق، ئانا! ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى ئۈچۈن تاللىغان ئەشۇ مۇقەددەس دىندىمەن. ئوغۇل ئانىسىغا قاتتىق قايغۇرغان ھالدا جاۋاپ بېرىپ، دوزاق ئوتىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئانىسىنىڭ پىشىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قولىنى ئۇزاتتى. ئەمما ئانا يەنىلا ئۈنىمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇ جان پىدا بەندىسىگە نىسبەتەن "ئانىنىڭ مۇھەببىتىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۈچۈن قۇربان قىلالامدۇ، يوقمۇ؟" دېگەن نازۇك ئىمتىھان يەنە داۋاملىشىشقا باشلىدى.

بەختسىز ئانا بەختىيار ئوغلىنىڭ چەكسىز كۆيۈمچانلىق ئىچىدە ئۇزاتقان قولىنى ئېتتىرىپ تاشلاپ، "يولتۇزلار بىلەن قەسەمكى، مەن ھەرگىزمۇ سېنىڭ دىنىڭغا كىرمەيمەن. ئەجىبا كىشىلەر مىنىڭمۇ پىكرىمنى ئەيىپلەپ، "ئەقىلدىن ئاجرىغان" دەپ باھا بەرسۇنمۇ؟ يوقال! دەرھال كۆزۈمدىن يوقال! مەن يالغۇز دىنىڭنىلا ئەمەس، بەلكى سېنىمۇ قوشۇپ مەڭگۈگە ئۆيۈمدىن ھەيدىدىم" دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.

ئەمىلىيەت راستىنلا شۇنداق بولدى. ئىمان بىلەن كۇپىر ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە ئاقىۋەت ئانا بىلەن بالا بىر ـ بىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلدى. قارىماققا ھەر ئىككەيلەننىڭ بەرگەن قۇربانلىقى ئوخشاشلا بىر خىل بولسىمۇ، نەتىجە ۋە خاراكتىر ئېتىبارى بىلەن ئاسمان، زېمىن پەرقلىنەتتى. ئانا قۇربانلىق بېرىش بەدىلىگە غەزەپلىك ئۆرتىنشلەرنىڭ ئازابلىق تۇيغۇ كەلكۈنلىرىنى ھاسىل قىلغان بولسا، ئوغۇل قوربانلىق بېرىپ، ئىتائەت ۋە قانائەتنىڭ ئىلاھىي سوۋغىسىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. بىر قەلب قۇربان بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ قېتىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر قەلىبتە ئىلگىركىدىنمۇ كۈچلۈك سەمىمىيەت ۋە تەقۋالىق پەيدا بولۇپ، "ئانام ماڭا ئەمەس، ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى" دېگەن تونۇش بارلىققا كەلگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەدىنىدە ئىسلامنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەپ، يولغا سالغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆز ـ ئۆزىگە زۇلۇم سالغۇچى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن نەقەدەر چوڭقۇر، تەسىرچان ئىزگۈ، ھەسرەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى رەسمىي نامايەن بولۇشقا باشلىدى. تۇنجى ئۇقبە بەيئىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان 12 مۇسۇلماننى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۈتكۈل مەدىنە شەھىرى جاھالەت ۋە شېرىكچىلىكنىڭ قايناق بازىرىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنداق بىر جايدا ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاتالمىش مەبۇدلارنىڭ ساختىلىقىنى ئېلان قىلىش ھەقىقەتەن ئوينىشىدىغان كېچىك ئىش ئەمەس ئىدى. بۇنداق ئېلاننى جاكارلاش ھەرىنىڭ كۆنىكىگە قول تىققاندەكلا ئىش بولاتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئىش قەلبىدە ئاللاھنىڭ زاتى ـ سۈپەتلىرىگە نىسبەتەن ھېچ بولمىغاندا ئۆز ۋۇجۇدىغا ئىشەنگەندەك قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزالىغان، ھاياتىنى ھەق يولىدا پىدا قىلىشنىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىك دەپ بىلەلەيدىغان كىشنىڭلا قولىدىن كېلەتتى.

ئەمما شۇنىسى ئايانكى، ھەزرىتى مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆكرەكلىرى، خۇددى ھازىرقى بىز مۇسۇلمانلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىمان، ئىشەنچنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدىن ۋە ئازاپتىن ھوزۇرلىنىشتەك ئۇنداق  كاتتا بەختىيارلىقتىن خالىي ئەمەس ئىدى. بەلكى دەل ئەكسىچە ئەشۇ ئىشەنچ ئۈچۈنلا پۈتۈن ھاياتىنى قوربان قىلىش يولىدا تىنماي تىپىرلاپ تۇراتتى.

ئاھ! ئۇنداق قەتئىي ئىشەنچنىڭ زادى نېمىلىكىنى ۋە قايسى خىل ھاياتىي كۈچكە تولغان بولىدىغانلىقىنى ئارىمىزدىن قېنى كىممۇ ھەقىقىي تۇردە تەسەۋۋۈر قىلالىسۇن؟! چۈنكى كۆكرەكلىرىمىز ئىمان، ئىشەنچتىن مەھرۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىن ھالاۋىتىنى تېخىچە بىرەر قېتىم تېتىپ باقمىدى. راستىنى ئېيتقاندا، بىز ئۇ ھەقتە پەقەت باشقىلاردىن ئاڭلىدۇق ۋە كىتابلاردىن ئوقۇدۇق. ئەمما ھېچ بىر زامان ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا ئۇنداق ئىشەنچنىڭ ئۆركەشلىك ئېقىنلىرىنى دولقۇنلاۋاتقان ھالدا ھېس قىلىپ باقمىدۇق.

ھەزرەتى مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەل ئەنە شۇنداق ئىشەنچنىڭ ئۆركەشلىك ئېقىنىنى مەھكەم باغرىغا باسقان ھالدا مەككىدىن چىقىپ، چۆللۈكلەرنىڭ چاڭقاق قۈم، زەررىلىرىنى زەخىملىك پۈتلىرىدىن ئېقىۋاتقان قانلىرى بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىشقىدا تىنىمسىز تۆكىۋاتقان كۆز ياشلىرى بىلەن نەملەپ، ئاخىرى مەدىنىگە يېتىپ كەلدى. مەنزىلگە يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭلا ئۇنىڭ قەلبى ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى باتىلدىن ھەقكە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن دۈپۈرلەپ سوقۇشقا باشلىدى. قەلبىدىكى بۇ ئۆركەشلىك دولقۇنلار ئۇزۇنغا قالمايلا مەدىنە دۇنياسىغا باشقىچە رەڭ بېرىشكە باشلىدى. جاھالەت بىلەن جۇھۇدلۇق دەستىدىن قاتقان يۈرەكلەر ئېرىپ، ئۇنىڭدا ئىماننىڭ يالقۇنلۇق ھارارىتى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي باتىلمۇ ئۇنىڭغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ، ھەرقانداق بىر ھەققانىيەتچى ئەشۇنداق خەتەرلەرنى بېسىپ ئۆتمەي تۇرۇپ، ھەرگىز ئۇتۇق قازىنالمايدىغان ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۆرەش باشلىنىپ كەتتى.

بەنى ئەشھەل قەبىلىسىنىڭ سەردارى سەئد ئىبنى مۇئاز بۇ يېڭى ھەرىكەتتىن خەۋەر تىپىپ، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بوپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاچچىقى يامان، سەپرا خىزمەتىكارى ئۇسەيدگە نەيزە تۇتقۇزۇپ: "سەن ئالدى بىلەن مەككىدىن كېلىپ بىزنىڭ ياشلىرىمىزنى يولدىن چىقىرىۋاتقان ئۇ ئەبلەخنىڭ كىملىكىنى بىلگىن، ئاندىن مەيلى قانداق قىلساڭ قىلىپ، ھەتتا ئۆلتۈرسەڭمۇ ئۆلتۇرۈپ، مەدىنىدىن قوغلاپ چىقارماي قايتىپ كەلمە" دەپ تاپىلىدى. ئۇسەيد كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچراتقىنىچە مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئەسەبىيلەشكەن ھالدا: "سەن زادى كىم؟ بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۇرىيسەن؟ ئەگەر ئۆلۈشنى خالىمىساڭ، دەرھال كەلگەن يېرىڭگە تىكىۋەت!" دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.

ئاجايىپ تەڭداشسىز ئىمانغا ئىگە مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بۇ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالمىدى ياكى ئاچچىقلاپمۇ كەتمىدى. بەلكى مەخسۇس مۆمىنلەرنىڭلا خۇسۇسىيىتى بولغان ھېكمەت دۇردانىلىرىدىن گۈلدەستە تىزىپ، تەرسا ئۇسەيدنى ئولتۇرۇپ سۆزنى تىڭشاپ بېقىشقا كۆندۈردى. ئۇسەيد قولىدىكى نەيزىنى يەرگە سانجىپ قويۇپ، غەزەپتىن قاپاق تۇرگىنىچە يەردە ئولتۇردى. مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاجايىپ دىلكەش، مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن قۇرئاننىڭ تېخى بىر قانچە ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىشى بىلەن تەڭلا ئۇسەيدنىڭ چىرايى سارغىيىپ، ئەھۋالى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. تۈرۈلگەن قاپاقلىرىمۇ لەسسىدە بوشۇشۇپ قالدى. ئەلەملىك ھېس، تۇيغۇلىرى چىرايىدا نامايەن بولۇپ، تېخى بايىلا غەزەپتىن ئوت چاچرىتىپ تۇرغان كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. قىسقىسى، ئۇسەيدنىڭ قەلبى ئۆزىنىڭ كونتروللىقىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ بىردەم ئىچىدىلا ئۆزىنى ئىسلامنىڭ ئېتىكىدىن ئورۇن ئالغان ھالدا ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنى ئەۋەتكەن كاپىر سەردارنى ئىسلامغا باشلاپ كېلىش ئۈچۈن كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ چاقىرىشى بىلەن سەئىد ئىبنى مۇئازمۇ يېتىپ كېلىپلا ھەققانىيەتنىڭ قەلب ناۋاسىغا مەھلىيا بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، شام ۋاقتى كېرىپ بولغىچە پۈتۈن قەبىلىنىڭ قەلبىنى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەرتلىك سادالىرى ئىسلامغا تارتىپ بولدى. ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەدىنە شەھىرىنى ئۇرۇشسىز فەتھىي قىلىنىشقا ھازىر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئىسلام شەھىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئەمما مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەلاھۇ ئەنھۇ بۇ ئۇرۇشسىز جىھادتا كۇپىر ھەم شېرىكچىلىكنىڭ ئەنە شۇنداق قانچىلىغان سەپلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ بولۇپمۇ، يەنىلا "ئاللاھغا بولغان بەندىچىلىكنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمىدىم" دەپ ئۆكۈنۈپ يىغلايتى. شۇڭا ئۇ بەدىر ۋە ئوھۇدتىن ئىبارەت قۇراللىق ئۇرۇشلارغىمۇ بېقارارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئاخىرى ئوھۇد مەيدانىدا ئىسلام ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، شېھىتلىك ۋېسالىغا يەتتى.

بۇ ئۇرۇشتا ئىسلامنىڭ بايرىقى ئۇنىڭ قولىدا بولۇپ، گەرچە دۈشمەننىڭ قىلىچلىرى ئۇنىڭ قولىنى ئۈزۈپ تاشلىيالىغان بولسىمۇ، ئەمما بايراقنى يەرگە چۈشىرەلمىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يالغۇز بىرلا قولىنىڭ قالغانلىقىنى ۋە بۇ يالغۇز قول بىلەن قىلىچنى كۆتۈرۈپ ئۆز جېنىنى قوغداش ياكى قىلىچنى تاشلاپ، ئىسلام بايراغىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشتىن پەقەت بىرنىلا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ھېچ ئىككىلەنمەستىن قىلىچنى تاشلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتەردى. چۈنكى ئۇ بىر دەم بولسىمۇ ئىسلام بايرىغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرىشنىڭ دۇنيادا مەڭگۈ ئۆلمەي ياشاشتىنمۇ بەك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇنىڭ ياشلىق ھاياتى ئىمانىي تۇيغۇلىرىنىڭ ئىشارىلىرى بىلەنلا ئەنە شۇنداق ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، بايراقنى دەرھال ئېگىز كۆتۈرگەن ئىككىنچى قولى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن شېھىت بولۇپ، كېسىلىپ چۈشىشنى كۈتمەكتە ئىدى. دۈشمەننىڭ ياۋۇز قىلىچى ئۇنىڭ ئىككىنچى قولىغىمۇ ئۈرۇلدى. ئەمما ئۇ ئۈزۈلگەن قوللىرى بىلەن يەرگە چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام بايرىقىنى مەھكەم كۆكرىكىگە بېسىۋالدى. بۇنى كۆرۈپ، ئەسەبىيلەشكەن دۈشمەننىڭ ئۇرغان نەيزىسى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تېگىش بىلەن سۇنۇپ، يېرىمى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆكرىكىدە قادىلىپ تۇرۇپ قالدى.

       ئۇنىڭ جىسمى بىر ئاز دەلدۈگىنىشتىن كېيىن يەرگە يېقىلدى، ئەمما ئىسلام بايرىقى يەنىلا يەرگە چۈشمەستىن، بەلكى ئۇنىڭ تىپىرلاپ تۇرغان جىسمى ئۈستىگە چۈشتى.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جەسىتى يېنىغا كېلىپ، مەككىنىڭ شۇنچە كېلىشكەن سۆلەتلىك يىگىتىنىڭ ئاللاھ يولىدا قانغا مېلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق كۆڭلى بۇزۇلدى. كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلۇپ، مۇبارەك ئاۋازى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن پارتلاپ چىقماي تۇرالمىدى.

ـ ئىي مۇسئەب! ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شېھىتنىڭ روھىغا خىتاب قىلىۋاتاتتى.

ـ مەن مەككىدە سىنىڭدەك كېلىشكەن، ئېسىل كىيىملىك ئىككىنچى بىرسىنى كۆرمىگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن چاچلىرىڭ چۇۋۇلغان، جىسمىڭدا بىر ئورانجىدىن باشقا نەرسە بولمىغان ھالدا يېتىپسەن.... مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، قىيامەت كۈنى چوقۇم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئىنتايىن كاتتا مەرتىۋە بىلەن ھازىر قىلىنىسەن.

ئاھ! ئۇنىڭ ئەشۇ بىر تال ئورانجىسىمۇ كىپەنلىكىگە يەتمەي، بېشىنى ياپسا پۇتى، پۇتىنى ياپسا بېشى ئېچىلىپ قالدى. ئاخىرى شېھىتلەر يىگىتىنىڭ پۈتىنى ئوت ـ چۆپلەر بىلەن يىپىپ، دەپىنە قىلىندى.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەنە شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىمانى ئادەمنىڭ نەقەدەر رەشكىنى قوزغايدۇ ۋە بىزنىڭ ئۆز قەلبىمىز گۇۋاھلىق بىرىۋېتىپ، نېمىلەردىندۇ قورققانچە جىمىپ قالىدىغان نۆۋەتتىكى پۈچۈك ئىمانىمىز نەقەدەر ئىنساننىڭ يېغىسىنى قوزغايدۇ، ھە؟! ئەتىگە ھەشىر مەيدانىدا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزى گۇۋاھلىق بېرىپ "مۇسئەب ھەقىقەت مېنىڭ بەندەم ئىدى" دەۋاتقان ۋە ئۇنىڭ ئەشۇ قانغا بويالغان ۋۇجۇدى ئاللاھنىڭ كاتتا مەرھىمىتىگە نائىل بولىۋاتقان پەيتلەردە، بىز زادى نەدە، قانداق ھالدا بولارمىز ؟!

قېرىنداشلار! بىر دەم بولسىمۇ ئاقىۋىتىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قېنى ئويلاپ باقمايلىمۇ؟! بىز ئاللاھ ئۈچۈن جان بېرىش ۋە كۆكرەككە نەيزە يىيىشقۇ ئۇياقتا، ھەتتا ئىنسان ياكى ھايۋان ئىكەنلىكىمىزنىمۇ پەرىقلەندۈرگىلى بولمىغۇدەك نۆۋەتتىكى ئاسىيلىق ۋە ھاياسىزلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقىمۇ چارىسىز قالماقتىمىز. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، بىز ئاللاھنىڭ ھېسابسىز، نازۇ ـ نېمەتلىرىگە ھەتتا ئېگىسىنىڭ كىچىككىنە ياخشىلىقىدىن مىننەتدار ئىتچىلىكمۇ جاۋاپ قايتۇرالمايۋاتىمىز. شۇنداق ئىكەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئەمدى قايسى يۈزۈمىز بىلەن بارامىز؟! زادى قايسى يۈزىمىز بارامىز؟

بىز ھەنىفىي، ھەنبىلىي، مالىكىي، شافىئىي، ئەھلى ھەدىس ۋە ھەتتا مۇنكەرى ھەدىس... ھەممە نەرسە بولالىدۇق، يۇ ـ ئەمما قەلب، ۋۇجۇدىمىز ھەردائىم كەلىمە تەۋھىدنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا تىپىرلاپ تۇرىدىغان ئاقكۆڭۈل، ساددا "مۇسۇلمان" بولالمىدۇق.

ئاھ! كەلىمە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتكەن ھامانلا ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق كۈرەشكە كۆكرەك كىرىپ سەكرەپ چۈشىدىغان، بەدەنلىرىمىز تىتما ـ تىتما بولۇپ، روھىمىز "ئەلۋىدا!" دەۋاتقان مىنۇتلاردىمۇ، قەلبىمىز تەكتىدىن "ئىي ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! مۇشۇنداق ھاياتنى يەنە مىڭ قېتىم ئاتا قىلساڭ، ۋە ئۇنى بىز يەنە مىڭ قېتىم سېنىڭ رىزالىقىڭ ئۈچۈنلا قۇربان قىلساق" دەپ سادا ياڭرىتالايدىغان پىداكار مۇسۇلمانلار بولالمىدۇق.

كاشكى ۋىجدانىمىزدىن سوراپ باقساق ئىدۇق، بىز يەنىلا مۇسۇلمانمۇ؟!

 

Go to the Top