হজের বিপদাপদ

প্রবন্ধ পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: হজের বিপদাপদ
ভাষা: উইগুর
লেখক: সুমাইয়া রমাদান
অনুবাদক: সিরাজুদ্দীন উযাইযী
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.munber.org
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: এ প্রবন্ধটি পাঠকদের কাছে হজের গুরুত্ব, ইসলামে তার অবস্থান, মুসলিম জীবনে তার প্রভাব, প্রথমবার কাবা শরীফ দেখার সময় মুসলিম ব্যক্তির অনুভুতি, এ স্থানে মুসলিম আল্লাহর যে সকল নিদর্শনাবলী দেখতে পান তার বিবরন ইত্যাদি আলোচিত হয়েছে।
সংযোজন তারিখ: 2008-01-01
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/70725
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
ھەج تۇيغۇلىرى
1.4 MB
: ھەج تۇيغۇلىرى.doc
2.
ھەج تۇيغۇلىرى
154.2 KB
: ھەج تۇيغۇلىرى.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

ھەج تۇيغۇلىرى

 


 

ئى ئاللاھ! ھازىرمىز، چاقىرىقىڭغا ھازىرمىز!

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى : "ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك زېمىن" دەپ سۈپەتلىگەن مۇقەددەس زېمىنغا دەسسىگەن ھەربىر قەدەمگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ زېمىن )ھەرەم) تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ تاغلار خۇددى ئاللاھنىڭ بۇ ئەمىن شەھرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەسكەرلەردەك قەددىنى تىكلەپ تۇرماقتا. بۇ شەھەرنىڭ قەلبى ئۆز كۈچىنى "لا ئىلاھە ئىللەللاھ" تىن ئالىدىغان ئادەم توپانى بىلەن سوقۇپ تۇرىدۇ. بۇ، "لائىلاھە ئىللەللاھ" بىلەن دىللىرىنى يورۇتۇپ، تىللىرىنى نەملەپ تۇرغان ئادەملەردىكى "مەنمەنلىك" توڭىنى ئېرىتىپ تاشلايدىغان مۇقەددەس زېمىندۇر. سۇبھانەللاھ ...

 مەسجىدىلھەرەمگە كىرگەن ھەربىر شەخس ئۆشنىسىدە "مەن" ناملىق ئېغىر يۈكنى ئارتىۋالغان ھالدا كىرىدۇ، ئۇ ئاستا ـ ئاستا ھاكىمىيەت ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ رەھمان تائالانىڭ ئاجىز بىر بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. بىز بۇ مەقەددەس ھەرەمگە قەدەم باسقىنىمىزدا ھەممە نەرسە بىزگە مەنسۇپ بولۇشىنى، كەبىنىڭ ئالدىدا، چىرايلىق گىلەم ئۈستىدە كەڭ ـ كۇشادە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇشنى، ئازادە، بىمالال تاۋاپ قىلىشنى، يەڭگىللا تاۋاپ ـ ساپانى تاماملاشنى، ئارامىمىز بىلەن زەمزەم سۈيىدىن قانغۇچە ئوتلاشنى ئويلاپ كىرىمىز. بەيتۇللاھنىڭ دەرۋازىسىدىن ھەرەم ئىچىگە قاراپ قەدەم ئېلىشىمىزدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. رەڭگارەڭ ئىنسانلار... بىر ـ بىرىگە ئوخشاشمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى، ھەممە ئادەمنىڭ ئاللاھقا يېلىنىپ سەجدە قىلىشلىرى، ئاللاھنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى ئىنسانلارنى يارىتىشىدىكى ئاجايىپ قۇدرىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىزنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاسانلىرىدىن بىرى بولغان تاۋاپقا باشلىغىنىمىزدا، ئاجايىپ رېتىملىق، يۆنىلىشى بەلگىلەنگەن ئاپاراتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز، جىسىملىرىمىزنى ھەركەتلەندۈرۈش ھالىتى ئىنتايىن رېتىملىق، ئاجايىپ "سىمفونىك" شەكىلدە دۇئا، تەسبىھ، يىىغا ـ زارە، تەكبىر ـ تەھلىللەر دىلللارنى ئېرىتىپ، ئەقىل، ۋىجدانلارنى ئويغۇتىدۇ.

بۇ قورقۇنچلۇق يىغا ـ زارىلەرنىڭ پەس ئاۋازى ئىچىدە: "مەن كىم؟" ھېچ نەرسە ئەمەس.. ئادەم توپى ئىچىدە يەتتە تاۋاپنى توختىماستىن ئاخىرلاشتۇرىمىز، مېنىڭ ھەرەمدە ئىكەنلىكىمنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ھېس قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۆزى يالغۇزلا بارلىقىمنى، تاۋاپ ـ ئىبادەتلىرىمنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىدۇ. مېنى ئاڭلايدۇ بەلكى ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرىمنى ئورۇنداپ بېرىدۇ. بۇ قانداق؟ قانداقلىقىنى بىلمەيمىز. لېكىن بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئاللاھنىڭ بىزگە بەكمۇ يېقىن، ئارىمىزدا داۋاملىق بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكى بىز ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك بەخت. دىللىرىمىزدا شۇنداق ئىشەنچ باركى، ئاللاھ مۇشۇ كائىناتنىڭ ئىلاھى، ھەممىگە قادىر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ھېچبىر كۈچ ـ قۇدرەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ..

سۇبھانەللاھ! بۇ موماي، بۇ كېلىشكەن ياش، بۇ بوۋاي، بۇ قارا تەنلىك، بۇ ئاق تەنلىك، بۇ سېرىق چىراي، بۇ ئېگىز، بۇ پاكار، رەڭگارەڭ چىرايلار ھەقىقەتەن ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ھەممىسى بىردەك: "لائىلاھە ئىللەللاھ ئاللاھۇ ئەكبەر" دەيدۇ. ھەممە كىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، يۈزلەرچە تىلللاردا سۆزلىشىدىغان، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەن تۇرۇپ،  قانداقسىگە: "لائىلاھە ئىللەللاھ" تا بىرلىشەلىدى؟ جاۋاب : "بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئۆزى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ".

پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى:

مۇئەززىن ھەر نامازغا ئەزان ئوقۇغاندا، بەندىلەر پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئالدىدا سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ، ئادەم سانى قانچە كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىر شەخس ئۆزىگە لايىق ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇن تاپالايدۇ. نامازدىن بورۇن ئورۇن ئىزدەپ ئۇياق ـ بۇياقنى ئايلىنىدۇ، ئورۇن تاپالمايدۇ. ئورۇن توشۇپ كەتكەن، جىسىملار ئارىسىدا بارماق پاتقۇدەك ئورۇن قالمىغان، سەپلەر ئاجايىپ ھىكمەت بىلەن تىزىلغان، سەپنى تۈزۈش بۇيرىقى مۇھەممەد مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن بولغان. سەپتىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئىزدىگەن ئادەم خۇددى جەننەتتىن ئورۇن ئىزدىگەن ھېسسىياتتا بولىدۇ، ئاللاھتىن ئارزۇ ـ ئارمانلىرىغا يەتكۈزۈشنى تىلەپ دۇئا ـ تەسبىھلەرنى ئوقۇيدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە شۇنداق سوئال پەيدا بولىدۇ: ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئورۇن ئىزدىسەك، توشۇپ كەتكەننى كۆرۈپ ئورۇن تاپالمىساق، ھالىمىز نېمە بولار؟ ئى ئاللاھ! بىزنى ئۇ كۈنگە قالدۇرمىغايسەن ـ ئامىن !!

نېمە ئۈچۈن جېدەللىشىمىز، سۈركىلىشىمىز؟!:

ياراتقۇچى ئاللاھ پاكتۇر! نامازغا تەكبىر ئوقۇلۇشى بىلەن تەڭ ھەممە بىردەك سەپكە تىزىلىدۇ، خۇددى ئاللاھ ئاسماندىن بىرپارچە يەرنى زېمىنغا چۈشۈرۈپًًًً، ناماز ئوقۇغۇچىنى قارشى ئالغاندەك، نامازغا تەكبىردىن بۇرۇن تېپىلمىغان ئورۇن تەكبىردىن كېيىنلا چىقىپ قالىدۇ. سەپلەر راۋرۇس تىزىلىدۇ، سىرتتىن قارىغۇچىغا ھەيۋەتلىك بىرمەنزىرە كۆرىنىدۇ. مۇسۇلمانلار قانداق قىلىپ بۇنداق مۇنتىزىم ـ تەرتىپلىك بولۇپ قالدى؟ ئۇلار نورمال تۇرمۇشىدا بۇنداق تەرتىپلىك ئەمەستىغۇ؟! بىز ئەنە شۇ بەختلىك مۇسۇلمانلاردىن تۇرساق، نېمە دەپ جېدەللىشىمىز؟! نېمە دەپ سۈركىلىشىمىز؟!...

زەمزەم سۈيى:

زەمزەم سۈيى قېشىغا كەلگىنىمىزدە، ئاللاھنىڭ بۇ تۈگىمەيدىغان بەرىكەتلىك سۇنى بىزگە نېمەت قىلىپ بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. زەمزەم ئەسىرلەر بويى مىليونلارچە ئىنسان ئىچىپمۇ تۈگىمەيدۇ، بەندىلەر ئىچكەنسېرى قودۇقنىڭ سۈيى ئاۋۇپ قالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈز قاچىلار، باكلار ۋە چوڭ ماشىنىلارغا قاچىلىغان بىلەنمۇ تۈگەپ قالمايدۇ. زەمزەمگە ئېرىشكەن ھەربىر كىشى، ئۇنى ئىچمەي قالمايدۇ، ھەتتا بەس ـ بەستە تالىشىپ ئىچىشىدۇ.

مەسجىدىلھەرەمدە مۇسۇلمانلار بىر ـ  بىرگە ئازار بەرمەيدۇ، تىللاشمايدۇ، زەمزەم سۈيىنى ئىچكىنىمىزدە تىللار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بەندە ئۆزىدىكى"مەنمەنچىلىك"نىڭ ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر، ئۇنىڭسىز كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە بولالمايمىز.

زەمزەم بىزگە قىيامەتتىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بېرىلگەن ھەۋزى كەۋسەرنى ئەسلىتىدۇ، ھەۋزى كەۋسەردىن سۇ ئىچىشتىن مەھرۇم قالساق، ھالىمىز نېمە بولۇپ كېتەر ـ ھە؟! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ نىجاتلىقىمىز بولغان ھەۋزى كەۋسەردىن بىزنى قايتۇرۇپ قالسا، ھالىمىز قانداق بولۇپ كېتەر؟! شۇنداق تۇيغۇغا كېلىمىزكى، بىز تۈگەشكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە ئۇ كۈننى كۆرسەتمىگىن...  ئى رەببىمىز! بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقىلىغىن ...

سافا ـ مەرۋە:

سافا ـ مەرۋەگە يۈزلەنگىنىمىزدە، يەنە شۇنچە كۆپ ئادەم توپى بىلەن ئۇچرىشىمىز، نىمانچە كۆپ ئادەم ـ بۇ؟! بۇ نېمىنىڭ بەلگىلىرىدۇ؟! ئۇلار بىر ـ بىرىگە زىت ئىككى يۆنىلىشكە قاراپ ئېقىۋاتقان ئادەم دېڭىزىغۇ؟! ئادەملەر بىر گەۋدىگە ئايلانغان، سەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، سېنىڭ ھېچكىم بىلەن كارىڭ يوق. ھەممە ئاللاھنىڭ ئىشقىدا ئۆزىنى ئۇنۇتقان. بۇ توپ ئارىسىدا كېتىۋاتقانلاردىن چىپ ـ چىپ تەر ئېقىۋاتقان، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەھشەر كۈنى بولىدىغان دەھشەتلىك تەرنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىن سۇ ئاققاندەك ئېقىشلىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىمىزغا كۆزىمىز يېتىدۇكى، قىيامەتتىكى تەرلىرىمىز ئوشۇقتىن ئېشىپ، پاچاققا يېتىدىغانلىقىنى خىيال قىلىمىز. ئى رەببىمىز! بىزنى ساقلىغايسەن.. ھالىمىز نېمە بولۇپ كېتەر؟!...

چاش چۈشۈرۈش ياكى كېسىش:

چاچ چۈشۈرۈش ياكى كېسىش بىلەن "مەنمەنلىك" يەنە يەرگە تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. ھەربىر مۇسۇلمان ئەتراپىدىكىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا پەرۋانىدەك ھەرتەرەپكە تارقىلىدۇ. مۇبارەك مەيدانلاردا تەمكىن ئايلىنىپ يۈرىدۇ، بىر ئايال مەيدانغا جاينامازىنى سېلىپ ئولتۇرىشىغا ئەتراپىغا ئاياللار كېلىپ تىزىلىپ ئورۇن تۇتىدۇ. بىر ئەر كىشى كېلىپ جايناماز سالسا، ئۇنىڭمۇ ئەتراپىغا باشقا ئەرلەر كېلىپ جاينامازلىرىنى سېلىشىپ سەپ تۈزۈپ نامازغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى يەككە يېگانە ئاللاھنىڭ يەر يۈزىگە تارقالغان ئىتائەتچان ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ.

بەندە ھەج ئىبادىتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھقا ئالدىراپ ئىبادەت قىلىدىغان، گۇناھتىن ھەزەر ئەيلەپ قاچىدىغان بىر روھ تىكلىنىدۇ. ئۆز يۇرتىڭىزدەك ھېس ـ تۇيغۇ بىلەن ئاللاھقا قۇللۇق قىلغان مەسجىدىلھەرەم زېمىنى سىزنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغاچقا، بۇ مۇقەددەس زېمىندىن ئايرىلغىڭىز كەلمىسىمۇ، لېكىن دۇنيانى گۈللەندۈرۈش بۇرچىڭىز سىزنى قايتىشقا مەجبۇرلىغان ھالدا كېتىپ قالىسىز. ساماۋى ئاۋاز سىزگە: "كېلىڭ! دۇنيانى بىرگە گۈللەندۈرەيلى، ئىسلاھ قىلايلى، ئاللاھنى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا سۆز ـ ھەرىكىتىمىز بىلەن ياد ئېتەيلى!" دەپ نىدا قىلىدۇ. بەندە ــــ ھەرەمنىڭ قەلبىدىكى مۇجەسسەم گەۋدە سەپەرگە ئاتلاندى... ھەرەمنىڭ كەپتەرلىرى ئۇنى: "راست سۆزلىگەن بولساڭ، نىجات تاپتىڭ!" دەپ ئۇزىتىپ قويدى...

Go to the Top