রমজানে রোজাদারের আচার-ব্যবহার

প্রবন্ধ পেইজ পরিচিতি
শিরোনাম: রমজানে রোজাদারের আচার-ব্যবহার
ভাষা: উইগুর
লেখক: আ. কারলুকী
সম্পাদক: ন. তামকীনী
প্রকাশনায়: www.munber.org - আইগুরি ভাষা অনুবাদকেন্দ্র
সংক্ষিপ্ত বর্ণনা: সওম হল একটি ঐশী বিদ্যালয়। ঈমানী বন্দর। রোযাদার সওম থেকে শিক্ষা লাভ করে উত্তম চরিত্র, আচরণ ও লেনদেন
সংযোজন তারিখ: 2007-11-15
শর্ট লিংক: http://IslamHouse.com/61970
:: এই শিরোনামটি বিষয় অনুসারে নিম্নের ক্যাটাগরিগুলোতে বিন্যস্ত ::
এই ‘বিষয় পরিচিতি’টি নিম্নোক্ত ভাষায় অনূদিত:: উইগুর - আরবী - বসনিয়ান - থাই - মালয়ালাম - উযবেক - ইংরেজি
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە
44.5 KB
: روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە.doc
2.
روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە
87.3 KB
: روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە.pdf
বিস্তারিত বিবরণ

 

روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىق ئەخلاق ۋە چۇشەنچە

 

 

بارلىق كائىناتنى يوقتىن بار قىلىپ، ھەممىگە مۇۋاپىق رىزق ئاتا قىلغان جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىزگە بەرگەن بارلىق نىئمەتلىرىگە مىليۇنلارچە ھەمدىلەر بولسۇن، پەخرى كائىنات پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە، تابىئىنلارغا ۋە تا قىيامەتكە قەدەر توغرا يولغا ئەگەشكەن سالىھ كىشىلەر مىڭلارچە سالام!!!

ئىي ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىزنى بۇ مۇبارەك ئايغا ساق- سالامەت، ساغلام ھالدا يەتكۈزگىن، رامىزان ئېيىدا ساڭا خالىس ۋە ھەر ۋاقىت ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن، بۇ ئايدا بىزنى ئەڭ ياخشى، سېنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە رازى قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن!!! سەن ھەممىگە قادىرسەن، تىلەكلىرىمىزنى قورۇق قايتۇرمىغىن!!! ...

ئىلگىرىكى ماقالىمىزدە خاتىرلەپ ئۆتكۈنىمىزدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ، ساھابىلەر، تابىئىنلار، ۋە باشقا بارلىق توغرا يولدىكى كىشىلەر رامىزان ئېيىغا ئىنتايىن بەك كۆڭۈل بۆلەتتى، رامىزان ئىيىنىڭ كىلىشى بىلەن تولىمۇ خوشال كەيپىياتقا چۈمىلىشەتتى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى رامىزان ئېيىغا ساغلام روھ، ساغلام بەدەن ۋە ياخشى بىر خىل كەيپىيات بىلەن يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تىلەپ كېچە- كۈندۈز دۇئا قىلىشاتتى. رامىزان يىتىپ كەلگەندە كۈندۈزلىرى رۇزا تۇتۇپ، رۇزىنى بۇزىدىغان ياكى ئۇنىڭ بىرىلىدىغان ساۋابىغا نوقسان يەتكۈزىدىغان ھاۋايى- ھەۋەس، ئويۇن- تاماشا، غەيۋەت- شىكايەت، ھەسەت ۋە يالغانچىلىققا ئوخشاش بولمىغۇر ئىشلاردىن يىراق تۇرىشاتتى. كېچىلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىشەتتى. نامرات، كەمبەغەل، ئاجىز-ئۇرۇقلارنى سەدىقە ئىھسانلىرى بىلەن يوقلاپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، رۇزىدارلارنى ئىپتار قىلدۇرۇشقا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىشەتتى. ئۆزلىرىىنىڭ ئىچكى دۇنيالىرى بىلەن كۆرەش قىلىپ، روھلىرىنى ئاللاھنىڭ تائىتىگە يىتەكلىسە، ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ يەنى قۇرئان كەرىم ھۆكمىنىڭ، ئۇمۇمەن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەق يولىدا جىھاد قىلىشاتتى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇسۇلمانلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن بۈيۈك بەدر غازىتى رامىزان ئېيىنىڭ 17- كۈنىدە يۈز بەرگەنىدەك، كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا توپ- توپى بىلەن كىرىشىگە، مەككىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەركىزى شەھرىگە ئايلىنىشغا سەۋەپ بولغان مەككىنىڭ فەتھى قىلىنىش غازىتىمۇ رامىزان ئېيىنىڭ 20- كۈنى يۈز بەرگەن ئىدى.

شۇنداق رامىزان ئېيى بىر قىسىم كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇيقىنىڭ، يارىماسلىقنىڭ، ھورۇنلۇقنىڭ، لىڭتاسمىلىقنىڭ ئېيى ئەمەس، ئۇ ئىش- ھەرىكەتنىڭ، ئىبادەتنىڭ، جىھادنىڭ ئېيى. شۇڭا ئۇنى خوشاللىق ۋە سۈيۈنچ بىلەن قارشى ئېلىشىمىز لازىم. نېمىشقا ئۇنداق قارشى ئالمايدىكەنمىز؟!! ئاللاھ تائالا ئۇ ئاينى ئۆزىنىڭ رۇزىدىن ئىبارەت شۇ ئۇلۇغ ئىبادىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاللىغان، يەنە شۇ ئايدا ئىنسانلارنىڭ ھېدايەت تېپپ، زۇلمەتتىن يۇرۇقلۇققا چېقىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان تۇرسا.  جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ، جەھەننەمنىڭ تاقىلىدىغان، شەيتانلارغا كىشەن سېلىنىدىغان، ياخشىلىققا ھەسسىلەپ ئەجىر بىرىلىپ، گۇناھ- مەئسىيەتلەر ئەپۇ قىلىنىدىغان بۇ مۇبارەك ئاي ئۈچۈن قانداقمۇ خوشاللانماي تورالايمىز!!!

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئىنتايىن روشەن كۆرىنىپ تۇرۇپتۇكى، بىزنىڭ ياشلىق ۋە ساغلام مەزگىلىمىزنى غەنىمەت بىلىشىمىز، ئۇنى ئاللاھقا تائەت ۋە ياخشى ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە قاتتىق ھېرىسمەن بولۇشىمىز لازىم. بۇ ئاينى چىڭ تۇتۇپ ئاللاھقا بارلىق گۇناھ، مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا سەمىمىي ۋەدە بىرىش بىلەن بىرگە ئۆمۈر بۇيى ئۇنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىپ، توسقانلىرىدىن يېنىش، ئاخىرىقى ھېسابتا غەلىبىگە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشقا بەل باغلىشىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  «ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ.  پەقەت (اﷲ نىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»   - شۇئەرا سۈرىسى، 88،89- ئايەتلەر.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  «كىمكى اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ» - ئەھزاب سۈرىسى، 71- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغېنى بويىچە مەيلى رامىزان ياكى باشقا ئايلار بولسۇن ۋاجىب ۋە مۇستەھەب ئىشلارنى قىلىش، ھارام ۋە مەكرۇھ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆزەڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن» - ھىجىر سۈرىسى، 99- ئايەت.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: « (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم ،قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ ئۈچۈندۇر.  اﷲ نىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز اﷲ غىلاخالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن» - ئەنئام سۈرىسى، 162، 163- ئايەتلەر.

بۇ مۇبارەك ئاينى ئاللاھقا سەمىمىي ئىشەنگەن ھالدا كەسكىن بىر نىيەت بىلەن قارشى ئېلىشىمىز لازىم. باشقىلارنى دوراپ، ئۇلارغا تەقلىد قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىكەن دېگەنگە ئوخشاش ئىبلىسچە قاراش بىلەن ئەمەس ھەقىقى قەلىبتىن چىققان رازىلىق تۇيغۇسى ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىمان بىلەن قارشى ئېلىش لازىم. يەنى بۇ ئاينى گۇناھتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم.  يەنە رامىزاننىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك؛ مەسىلەن، سوھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈپ يېيىش، ئىپتارنى قوياش پاتقاننى بايقىغان ھامان قىلىش، ياخشى، سالىھ ئىشلارنى كۆپ قىلىش... ۋاھاكازالار. يەنە بىرسى تەرىپىدىن ھاقارەت قىلىنسا، ئۇ كىشىنى ئوخشاش ھاقارەت قىلغاننىڭ ئورنىغا "مەن رۇزىدار، مېنى قالايمىقان گەپ- سۆز قىلىشقا زورلىما" دېيىش ۋە يامان سۆزگە ئوخشاش يامان سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇرماستىن، رۇزىنىسىنىڭ ۋە ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساغلام شەكىلدە قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن  ياخشى سۆز قىلىش. يەنە بارلىق ئەمەللەردە پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش ... قاتارلىق ئىشلار ھەممىدىن مۇھىم.

ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر بىر كىشى تەراۋىھ  نامىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ساھابىلەر  ۋە توغرا يولدىكى خەلىپىلەرگە  ۋارىسلىق قىلىپ تولۇق ئوقۇشقا تىرىشىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كېمىكى رامىزان ئېيىدا چىن ئىمان بىلەن نامازغا تۇرسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.   - بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.

رامىزاننىڭ ئاخىرىدىكى ئون كۈننى ناماز، قۇرئان ئوقۇش، زىكىر قىلىش، دۇئا، ئىستىغفار بىلەن ئۆتكۈزۈش لازىم. بۇنداق قىلىش سۈننەت بولۇپ، بۇ كېچىلەرنىڭ بىرى قەدر كېچىسىدۇر. يەنە ئۇ كېچىدە ئىبادەت قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىنسان، 1000 ئايدىن ئارتۇق ئىبادەت قىلغاننىڭ ئەجرىگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھ خالىسا. ئۇ كېچە ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان كېچىسى بولۇپ، بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر زېمىنغا چۈشىدۇ. مانا مۇشۇ كېچىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ خالىس ناماز ئۇقۇغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەپۇ قىلىش پەقەت رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىگە خاس بولۇپ، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ ۋاقتنى چىڭ تۇتۇشى، بۇ كېچىلەرنى ناماز، تەۋبە، زىكىر، دۇئا، ئىستىغفار، جەننەتنى سوراش، دۇزاختىن پاناھلىق تىلەش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا جانابى ئاللاھ ئەمەل- ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلسا، تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلسا، بىزنى ۋە ئاتا- ئانىلىرىمىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى جەننەتكە نائىل قىلىپ، جەھەننەم ئازابىدىن يىراق قىلسا ئەجەب ئەمەس.  پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئونى كىرگەندە بۇ كېچىلەرنى ئويقۇسىز ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئۆيىدىكلەرنى ئىبادەت قىلىشقا ئويغۇتاتتى. بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق بىر ئىشتا بىزنىڭ بىردىن بىر ئۆلگىمىز.

پەيغەمبىرىمىز رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنى ئىئتىكاف قىلاتتى. بۇ يەردە شۇ نەرسىنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئىئتىكاف قىلغان كىشى ئىئتىكاف مەزگىلىدە ئاياللىرىغا يېقىن كەلمەسلىكى لازىم.

رۇزىدار يەنە پۈتۈن رامىزان ۋە باشقا چاغلاردا قۇرئان كەرىمنى پىكىر- تەپەككۇر بىلەن ئوقۇشى لازىم. شۇ ئوقۇغېنى قېيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەتچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىنى دۇنيا - ئاخىرەتتە خار قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقى بولمايدۇ» - تاھا سۈرىسى، 123- ئايەت.

قۇرئان كەرىمنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش، ئۇنىڭ تەرجىمىسى ياكى تەپسىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش تولىمۇ مۇھىم. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇشۇنداق جامائەت سۈپىتىدە ئوقۇشنىڭ پەزىلتى بايان قىلىدۇ.

رۇزىدار كىشى كېچە- كۈندۇز دۇئا بىلەن بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ، "كېمىكى ماڭا دۇئا قىلىدىكەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجاۋەت قىلىمەن، كېمىكى مەندىن بىر نەرسە سورايدىكەن ئۇنى بىرىمەن، كېمىكى مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىكەن ئۇنى مەغپىرەت قىلىمەن" دەيدۇ. مۇسلىم رىۋايىتى.

رۇزىدار ۋاقتتا، بولۇپمۇ ئىپتار ۋاقتىدا قىلىنغان دۇئا ئىجابەتتۇر. ئاللاھ تائالا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)»غافىر سۈرىسى، 60- ئايەت.

خۇلاسە: بۇ مۇبارەك رامىزان ئايدا، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ قىسقىغىنە ھاياتنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۇشكە تىرىشىشى، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشى لازىم.

সংশ্লিষ্ট বিষয়াবলী ( 1 )
Go to the Top