نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: ئا.قاراقاش
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.uighurislam.com
قىسقىچە چۈشەنچە: «نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا، نامازنى تەرك قىلغۇچى قىيامەت كۈنىدە فىرئەۋن ۋە ھامانلار بىلەن ھەشر قىلىنىدىغانلىقى. نامازنى تەرك قىلغۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە ئاتا قىلغان ھەۋزى كەۋسەردىن سۇ ئىچەلمەيدىغانلىقى، ؛كىمكى نامازنى تولۇۇق ئادا قىلسا، قىيامەت كۈنىدە نامىزى نۇر ۋە ھۆججەت بولۇپ نىجاتلىققا ئىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان سۇننەتكە ئاساسلىنىپ بايان قىلىدۇ .

قوشۇلغان ۋاختى: 2007-08-25
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/52413
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - تايلاندچە - بوسىنىيەچە - بېنگالچە - ماليامچە - ئۆزبېكچە - ئىنگىلىزچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى
62 KB
: نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى.pdf
2.
نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى
33.5 KB
: نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

          نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى 

 

بۇ سىلەرنىڭ برەرسىڭلارغا قارىتىپ ئېيتىلغان سۆز ئەمەس، مېنىڭچە سىلەر نامازنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلغۇچىلار. لېكىن مەن سىلەردىن بۇنەسىھەتلەرنى ئاتا- ئاناڭلار، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىلىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك.

 بىلىشىڭىز كېرەككى، جەھەننەم بىر نەچچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، يەنە تېخى جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىمۇ بىر- بىرىدىن پەرقلىق. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: « شۈبھىسىزكى دوزاخ ئۇلار(يەنى ئىبلىس ۋەئۇنىڭ تەۋەلىرى)نىڭ ھەممىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر. جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىربۆلۇك(ئادەم) بار»(سۈرە ھىجرى 43-، 44- ئايەت). دوزاخ ئىشىكلىرىنىڭ ئىچىدە ئازاپ جەھەتتە ئەڭ قاتتىقى سەقەردۇر. «سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ( بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)» (سۈرە مۇددەسسىر27-،28- ئايەت) . سەقەر ئەنە شۇنداق دوزاخ! بۇرادەر، مىسالى ھالدا باش سۆڭىكىڭىزنىڭ سەقەردە ئىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئەھلى دوزىخىلار سەقەرگە تاشلانغاندا جەننەتكە كىرگەن مۆمىنلەر ئۇلاردىن: « سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟ » (سۈرە مۇددەسسىر 42-ئايەت) دەپ سورايدۇ، ئۇلار: « بىز ناماز ئوقۇغۇچىلاردىن بولماپتىكەنمىز،دەيدۇ» (سۈرە مۇددەسسىر 43-ئايەت) دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. نامازنى تەرك قىلغۇچىلاردىن باشقا گۇناھكارلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشىدىن ئۈمۈت بار. ئەمما نامازنى تەرك قىلغان ئادەم چوقۇم سەقەرگە تاشلىنىدۇ.

 ئەي مۇسۇلمان بۇرادەر! تېز بولۇڭ، ئۆيىڭىزدىكى ئاتا- ئانا ياكى باشقا ناماز ئوقۇمايدىغان ئۇرۇق- تۇققانلىرىڭىزغا مۇلايىملىق بىلەن، ئىخلاس بىلەن نەسىھەت قىلىڭ. چۈنكى بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « مۇسۇلمان كىشى بىلەن كۇپرى ئوتتۇرسىدىكى پەرق- نامازنى تەرىك قىلىشتۇر» (مۇسلىم 224، تىرمىزى 2618، ئىمام ئەھمەد 3389). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: « بىز بىلەن ئۇلار(كاپىرلار) ئوتتۇرسىدىكى ئەھدى نامازدۇر، كىمكى نامازنى تەرك قىلسا شەكسىز كاپىر بولغان بولىدۇ»(تىرمىزى2121، نىسائى 462، ئىبنى ماججە 1079، ئىمام ئەھمەد 6346).

 سىزنىڭ ئايالىڭىز، ياكى بىرەر دوستىڭىز ناماز ئوقۇمىسا، كاپىر بولۇپ كېتەرمۇ؟ ياق...ئۆلىمالار: بۇ كۇپرى ئەمەللىرىدىن ھىساپلىنىدۇ، دەيدۇ. كۇپرى بىلەن كۇپرى ئەمەل ئوتتۇرسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ئەي قېرىنداشلار! بىرەر ئادەمنى كاپىر دەپ كاپىرلىققا نىسبەت بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى! چۈنكى كۇپرىلىققا نىسبەت بېرىش ئەھلى ئىلىملەرنىڭ، مۇجتەھىدلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇ ھەقتە ئىمامى شافىئى بىلەن ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر مۇنازىرە بولۇپ ئۆتكەن. ئىمامى شافىئى: ناماز ئوقۇمىغان ئادەم كاپىرلارنىڭ ئەمىلىدىن بىر ئەمەلنى قىلغان بولىدۇ، لېكىن ئۇ كاپىر ئەمەس، دېگەندە، ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: ئۇ جەزمەن كاپىر، دېگەن. ئىمامى شافىئى ئۇنىڭدىن: ناماز ئوقۇمىغان ئادەمنى كاپىر دەپ قارامسىز؟ دەپ سورىغاندا ، ئۇ: ھەئە، دەپ جاۋان بەرگەن. ئىمامى شافىئى ئۇنىڭدىن: ئۇ قانداق قىلغاندا مۇسۇلمان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى مەئبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەندە،  دەپ جاۋاب بەرگەن. شافىئى ئۇنىڭغا: ئۇ بۇ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان تۇرسا، دېگەندە، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل: ئۇنداقتا ئۇ ناماز ئوقۇش بىلەن مۇسۇلمان بولىدۇ، دەپ جاۋاب قايتۇرغان. ئىمام شافىئى ئۇنىڭغا كاپىر ئادەمنىڭ نامىزى قۇبۇل قىلىنمايدۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن، بۇ چاغدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل سۈكۈت قىلىپ، شافىئىينىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىرلارنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلاردىن سانىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ كاپىر ئەمەسلىكىنى ئىتىراپ قىلغان.

 نامازنى تەرك قىلغۇچىلارغا تەۋرات ۋە ئىنجىللاردىمۇ لەنەت ئېيتىلغان. ھەتتا، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭغا لەنەت ئېيتىدۇ.

 ئويلاپ بېقىڭ، كىيىملىرىڭىز: ئى ئاللاھ ئۇنى رەسۋا قىلىۋەتكىن، دەۋاتىدۇ. ئۇ يەنە : ئى ئاللاھ، سەن مېنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرمىگەن بولساڭ، مەن ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتەتتىم، دەۋاتىدۇ. ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ يەۋاتقان تائاملىرىمۇ ئۇلارغا لەنەت ئوقۇپ: ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن! ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەۋاتىسەنۇ، ئۇ ساڭا پەرز قىلغان نامازنى تەرك قىلامسەن؟ دەيدۇ.

نامازنى تەرك قىلغۇچى قىيامەت كۈنىدە فىرئەۋن ۋە ھامانلار بىلەن ھەشر قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر مۇتەكەببىر. ئۇنداق بولمىسا ئۇ نېمە ئۈچۈن پىشانىسىنى سەجدىگە قويمايدۇ؟ بۇرادەرلەر، ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ قاتتىق!!! چۈنكى نامازنى تەرك قىلغۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە ئاتا قىلغان ھەۋزى كەۋسەردىن سۇ ئىچەلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەر ۋاقىت ئىبادەتكە ھېرىسمەن، نامازغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدىغان بۈيۈك ئىمان ۋە ئىخلاس ئاتا قىلسۇن.

  

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top