ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: سۇلايمان ئىبنى سالىھ خەرراشى
تەرجىمە قىلغۈچى: ئا.قارلۇقى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.munber.org - ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
قىسقىچە چۈشەنچە: «ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى»ناملىق بۇ ماقالىدا، جەننەتنىڭ مەھرى ھەققى چېكىدىن ئاشقان باتىل ئارزۇ- ئارمانلار بولماستىن بەلكى ئىمان، ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئايال كىشى بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇغان، رامىزان روزىسىنى تۇتقان، ئىپپىتىنى ساقلىغان ۋە ئېرىگە بويسۇنغان بولسا، ئۇنىڭغا: جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكدىن كىرىشنى خالىسىڭىز، شۇ يەردىن كىرىڭ، دېيىلىدۇ» دېگەن ھەدىسىنىڭ روھى بىلەن تەپسىلى چۈشەنچە بىرىدۇ.

قوشۇلغان ۋاختى: 2007-08-22
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/52340
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - تايلاندچە - بوسىنىيەچە - بېنگالچە - ماليامچە - ئۆزبېكچە - ئىنگىلىزچە - تۈركچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 3 )
1.
ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى
73 KB
: ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى.doc
2.
ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى
100.4 KB
: ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى.pdf
3.
ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى(رەڭلىك نۇسخىسى)
7.2 MB
: ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى(رەڭلىك نۇسخىسى).rar
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى

 

     ھەمد سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا خاستۇر. دۇئا ۋە سالاملار پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە بولسۇن!

ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئۇ يەردە نېمىلەرنىڭ كۈتىدىغانلىقىغا دائىر سوئاللىرىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، بۇ تېمىنى ئۇلار ئۈچۈن يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر قانچە خىل پايدىنى ساغلام دەلىللەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلاش ئاساسىدا توپلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەپ سۆزۈمنى باشلايمەن: 

بىرىنچى: ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى جەننەتتە ئېرىشىدىغان ساۋاب ۋە نېمەتنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا سوئال سورىشى يامان ئىش ئەمەس. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ نەپسى ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتى، كېلەچەكنى بىلىشكە ھەۋەس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرى توغرىسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى سورىشىنى يامان كۆرمەيتتى. مەسىلەن ئۇلار: ”جەننەت نېمىدىن ياسالغان؟“ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بىر خىشى ئالتۇن، بىر خىشى كۈمۈش ...“ (ھەدىسنىڭ ئاخىرىغا قەدەر) دەپ جاۋاب بەرگەن. بىر قېتىم ئۇلار: ئىي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز جەننەتتە ئاياللىرىمىزغا يىتەلەمدۇق؟ دەپ سوراشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر  بەرگەن.

ئىككىنچى: ئىنسانلارنىڭ نەپسى - مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن - جەننەت ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك نازۇ- نېمەتلەر زىكىر قىلىنغان چاغدا، ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ، شادلىنىدۇ . بۇ ئۇنىڭغا مۇناسىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلماي، يالغۇز ئارزۇلا بولۇپ قالماسلىق شەرتى ئاستىدا ياخشى ئىش. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە مۇنداق دەيدۇ: « سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر»  [1] جەننەتنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن نەپسىڭلارنى شاتلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىي ئەمەل قىلىڭلار!

ئۈچىنچى: جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرى ئاياللارنى ئايرىپ قويۇپ، ئەرلەرگىلا خاس قىلىنغان ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىككى جىنس ئارىسىدىكى «تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان.»[2]  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر - ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ )»[3] 

تۆتىنچى: ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە دائىر تەپسىلاتلار توغرىسىدا گويا ھالاكەتلىك سەھراغا كىرىپ قالغاندەك ئۇنى قانداق قىلىدۇ؟ قەيەرگە بارىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش، سوئاللارنى ئىچكىرىلەپ سوراش بىلەنلا بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم.  ئۇنىڭ پەقەت جەننەتكە كىرىشى بىلەنلا  ئۇ دۇچ كەلگەن بارلىق ھارغىنلىق ۋە بەختسىزلىكلەرنىڭ يوقايدىغانلىقىنى بىلىشى يېتەرلىك ... ئۇ بەختسىزلىكلەر ئەبەدىيلىك بەخت - سائادەتكە، مەڭگۈ قېلىپ قېلىشقا ئۆزگەردى . ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ جەننەت توغرىسىدىكى مۇنۇ سۆزى يېتەرلىك : ﴿جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ﴾[4] يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر﴾[5]  بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇرۇن ئاللاھ تائالانىڭ جەننەت ئەھلى توغرىسىدىكى مۇنۇ سۆزى ھەممىگە كۇبايە قىلىدۇ: ﴿اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار اﷲ دىن مەمنۇن  بولىدۇ﴾[6]       بەشىنچى: اﷲ تائالا تۈرلۈك يېمەكلىكلەر، گۈزەل مەنزىرىلەر، ئورۇنلار، كىيىم - كېچەكلەر قاتارلىق جەننەتتىكى بار قىزىقتۇرغۇچى ئامىللارنى بايان قىلغاندا ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنسنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەممە ئوخشاش ھۇزۇرلىنىدۇ. ئەمما، اﷲ تائالا ئەرلەرنى جەننەتكە ئۇنىڭدىكى ھۆرلەر ئارقىلىق قىزىقتۇرىدۇيۇ­_ ئاياللار توغرىسىدا بۇنداق ئەھۋال زىكىر قىلىنمايدۇ. ئاياللار بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەئەججۇپلىنىدۇ!؟

بۇنىڭ جاۋابى:  

1- ﴿اﷲ نىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ﴾[7] ئەمما مەن بۇنىڭ ھېكمىتىنى شەرئى نەس ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن ئىزدىسەك ھېچقانداق توسالغۇ يوق دەپ قارايمەن.

2- ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ھايا ئاياللارنىڭ تەبىئىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا اﷲ تائالا ئۇلارنى جەننەتكە ئۆزلىرى ھايا قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن قىزىقتۇرمىغان.

3- ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان قىزىقىشى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان قىزىقىشىغا ئوخشىمايدىغانلىقىمۇ ھەممىگە مەلۇملۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ تائالا ئەرلەرنى جەننەتنىڭ ئاياللىرىنى زىكىر قىلىش بىلەن قىزىقتۇردى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ سۆزىنى تەستىقلايدۇ: «مەن ئۆزۈمدىن كېيىن ئەرلەرگە ئاياللاردىن بەكرەك پىتنە بولىدىغان بىر نەرسە قالدۇرمىدىم.»[8]  ئەمما ئايال كىشىنىڭ كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەتكە بولغان قىزىقىشى ئەرلەرگە بولغان ئىنتىلىشىدىن يۇقىرى بولغاچقا ئۇلارنى ئۆزلىرىنى جەلپ قىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن قىزىقتۇردى. اﷲ تائالا مۇنداق دېگەن: «زىبۇ زىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟)»[9]

4- بۇ ھەقتە ئىبن ئۇسەيمىين مۇنداق دېگەن: اﷲ تائالا ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللارنى زىكىر قىلدى. چۈنكى ئۇنى تەلەپ قىلىدىغىنى ۋە ئاياللارغا قىزىقىدىغىنى ئەر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللارنىڭ بارلىقىنى زىكىر قىلىپ، ئاياللارغا ئەرلەرنىڭ بارلىقىدىن ئېغىز ئاچمىدى. ئەمما بۇ ئاياللارغا ئەرلەر يوق دېگەننى تەقەززا قىلمايدۇ. بەلكى، ئۇلارنىڭمۇ ئادەم بالىلىرى ئىچىدىن ئەرلىرى بولىدۇ.

5- ئاياللار دۇنيادا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ:

         1) ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى.

         2) تالاق قىلىنغاندىن كېيىن باشقا بىرىگە ياتلىق بولغۇچە ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى.

         3) ئۆيلەنگەن ئەمما يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرەلمەسلىك - اﷲ ئۇنىڭدىن پاناھلىق بەرگەي!- ئەھۋالى.

         4) توي قىلغاندىن كېيىن ۋاپات بولۇپ كېتىش ئەھۋالى.

         5) يولدىشى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئەرسىز قىلىش ئەھۋالى.

         6) ياكى يولدىشى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىرى بىلەن ئۆيلىنىش ئەھۋالى.

         بۇ ئايال كىشىنىڭ دۇنيادىكى دۇنيادىكى دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىگە توغرا كېلىدىغان ئەھۋاللار جەننەتتە ھازىرلانغاندۇر:

         1) ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «جەننەتتە بويتاق ئىنسان يوق»[10] دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، اﷲ تائالا ئۇنى دۇنيا ئەھلىدىن بىرىگە جۈپلەپ قويىدۇ. ئىبن ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى ئەگەر دۇنيادا ئۆيلەنمىگەن بولسا، اﷲ تائالا ئۇنى جەننەتتە كۆڭلىگە ئەرزىگەن بىرىگە جۈپلەپ قويىدۇ. جەننەتتىكى نېمەتلەر ئەرلەرگىلا خاس بولماستىن، ئۇ ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاشتۇر. بۇ نېمەتلەرنىڭ قاتارىدا جۈپلىشىش.

         2) تالاق قىلىنغان مەزگىلدە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش.

         3) يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرەلمىگەن ئايالنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىبن ئۇسەيمىين مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ، توي قىلمىغان ياكى يولدىشى جەننەت ئەھلىدىن بولمىغان بولسا، جەننەت ئەھلى بولغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆيلەنمىگەنلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى بىلەن جۈپلەپ قويۇلىدۇ .

         4) توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا كەلسەك، ئۇ جەننەتتە ئۆزىنىڭ بۇرۇن توي قىلغان يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدۇ.

         5) يولدىشى ۋاپات قىلىپ كېتىپ ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر توي قىلماي ئۆتكەن ئايالنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ جەننەتتە ئۆزىنىڭ بورۇن ۋاپات قىلىپ كەتكەن يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدۇ.

         6) ئەمما، يولدىشى ۋاپات قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيلەنگەن ئايالنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيلەنگەن يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئاخىرقى قېتىم ئۆيلەنگەن كىشىسى بىلەن بىرگە بولىدۇ»[11] بۇ ھەقتە يەنە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىغا دېگەن مۇنداق بىر سۆزى بار: ”ئەگەر جەننەتتىمۇ مېنىڭ ئايالىم بولۇشنى خالىسىڭىز، مەندىن كېيىن ياتلىق بولماڭ. چۈنكى ئايال كىشى جەننەتتە دۇنيادا ئاخىرقى قېتىم ئۆيلەنگەن كىشىسى بىلەن بىرگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نىكاھلىنىشىتىن توسقان. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىكى ئاياللىرىدۇر.“

       بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار: بىرەيلەن مۇنداق دەپ قېلىشى مۇمكىن: جىنازا نامىزىنىڭ دۇئاسىدا ”ئۇنىڭ جۈپتىنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئەرگە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن“ دەپ كېلىدۇ . ئەگەر ئۇ دۇنيادا ئۆيلەنگەن بولسا، قانداقسىگە بىز ئۇنىڭ دۇنيادىكى جۇپتىنىڭ جەننەتتىمۇ جۈپتى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇنداق دۇئا قىلىمىز؟ ئەگەر ئۆيلەنمىگەن بولسا، قايسى ھەمراھى ، قايسى جۇپتىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمىز؟ بۇنىڭ جاۋابىنى شەيخ ئىبن ئۇسەيمىيننىڭ مونۇ سۆزىدىن ئالىمىز: ئەگەر ئۆيلەنمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئەرگە دېگەندىن ھايات قالغان تەقدىردە ئۆيلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئەمما ئۆيلىنىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئەر دېگەن ئىبارىدىن، ئۆزى ئۆيلەنگەن ئەرنىڭ سۈپەتلىرىنى دۇنيادىكىدىنمۇ ياخشىراق سۈپەتلەرگە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى ئالماشتۇرۇش ئەينىنى تېگىشىش بىلەن بولىدۇ. گويا، ...اﷲ تائالا بۇ كىشىنىڭ كاپىرلىقىنى ئىمانغا ئالماشتۇرۇپ بەردى، دېگىنىڭىزگە ئوخشاش. اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ»[12] دېمەك، زېمىن شۇ زېمىن، بىراق ئۇ سوزۇلغان. ئاسمان شۇ ئاسمان، بىراق ئۇ يېرىلغان.

         6- سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقانلىرى بار: «مەن سىلەرنى (ئاياللارنى) دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى كۆردۈم»، يەنە بىر ھەدىستە «جەننەتتە تۇرغۇچىلارنىڭ ئاز قىسىمى ئاياللار»[13] يەنە باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىنىڭ دۇنيا ئاياللىرىدىن بولغان ئىككىدىن جۈپتى بولىدۇ، دەپ كەلگەن. ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى بىر يەرگە جەملەپ چۈشەندۈرۈش مەسىلىسىدە ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئاياللار جەننەتتە كۆپمۇ ياكى جەھەننەمدىمۇ؟  بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: ئاياللارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت ئەھلىنىڭمۇ، جەھەننەم ئەھلىنىڭمۇ كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە قازى ئېياز مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ئادەم بالىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدۇ. يەنە بەزى ئالىملار، يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرگە تايىنىپ، ئاياللار جەھەننەمدە كۆپ، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار- يەنە- جەننەتتىكى ھۆر پەرىلەر بىلەن قوشۇلغاندا جەننەتتىكى ئەرلەرنىڭ سانىدىن كۆپ، دېگەننىمۇ تەكىتلەيدۇ.  ئۈچىنچى تۈردىكى ئالىملار مۇنداق قارايدۇ: باشتا ئاياللار جەھەننەمدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاندىن مۇسۇلمان ئاياللار جەھەننەمدىن چىققاندىن كېيىن، جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىگە ئايلىنىدۇ. قۇرتۇبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«مەن سىلەرنى (ئاياللارنى) دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى كۆردۈم» دېگەن ھەدىسىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ ئاياللارنىڭ جەھەننەمدىكى چاغلىرى بولۇشى ئېھتىمال . ئەمما ئۇلار شاپائەت ۋە اﷲ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن جەھەننەمدىن چىقىپ، ”بىر اﷲ دىن باشقا ئىلاھ يوق“ دېگەنلەردىن بىرىمۇ قالمىغان چاغدا، ئاياللار جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىدۇر .“ مۇھىمى: ئاياللار جەھەننەم ئەھلىدىن بولۇپ كەتمەسلىككە تىرىشىشى لازىم.

         7- ئەگەر ئايال كىشى جەننەتكە كىرسە، اﷲ تائالا ئۇنىڭ ياشلىقى ۋە قىزلىقىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە ياشانغان ئاياللار كىرمەيدۇ... اﷲ تائالا ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزگەندە تولغان قىزلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ .»

         8- سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، جەننەتتىكى دۇنيانىڭ ئاياللىرى اﷲ تائالاغا قىلغان ئىبادەتلىرىگە مۇناسىپ ھالدا ھۆر پەرىلەردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ .

         9- ئىبن ئەلقەييۇم مۇنداق دېگەن: ”ھەر بىر كىشى جەننەتتە ئۆز ئەھلىدىن باشقىلارنىڭ يېقىنلىشىشىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان.“

         خۇلاسە گەپ: جەننەت ئەرلەر ئۈچۈن بىزەلگەندەك ئاياللار جامائەسى ئۈچۈن بىزەلگەندۇر. اﷲ تائالا مۇنداق دېگەن: «(ئۇلار) قۇدرەتلىك اﷲ نىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ.»[14] ئىي ئاياللار جامائەسى، اﷲ بەرگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭلار! ئۆمۈر تولىمۇ قىسقا، ئۇ كېتىپ ، پەقەت ۋە پەقەت ئەبەدىيلىك دۇنيا قالىدۇ. سىلەرنىڭ ئەبەدىيلىك ئورنۇڭلار - اﷲ خالىسا- جەننەتتە بولغاي. شۇ نەرسىنى بىلىڭلاركى، جەننەتنىڭ مەھرى ھەققى ئىمان، سالىھ، ياخشى ئەمەللەردۇر، ھەرگىزمۇ چېكىدىن ئاشقان باتىل ئارزۇ- ئارمانلار ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مونۇ سۆزىنى ئەستىن چىقارماڭلار: «ئايال كىشى بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇغان، رامىزان روزىسىنى تۇتقان، ئىپپىتىنى ساقلىغان ۋە ئېرىگە بويسۇنغان بولسا، ئۇنىڭغا: جەننەتكە ئۇنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسىڭىز، شۇ يەردىن كىرىڭ، دېيىلىدۇ.»

         ئى ئاياللار! سىلەرنى ۋەيران قىلىشنى، ئازدۇرۇشنى ۋە جەننەتنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشىشتىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان پىتنىنىڭ چاقىرىقلىرىدىن بار كۈچۈڭلار بىلەن ھەزەر ئەيلەڭلار!  دىن سىرتىدىكى ئەر - ئايال يازغۇچىلار، رادىئو ، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ زىننەتلەنگەن ياغلىما ئىبارىلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەڭلار! ئۇلار پەقەت سىلەرنى ئۆزلىرىگە ئوخشىتىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ. اﷲ تائالا مۇنداق دېگەن: « ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ»[15]

         اﷲ تائالادىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللىرىنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىگە ئېرىشتۈرۈشنى ، ئۇلارنى توغرا يولدا ماڭدۇرىشىنى، ئاياللارنى پىتنە- پاساتقا ۋە ۋەيران قىلىشقا چاقىرىدىغان ئەر- ئايال ئادىمى شەيتانلاردىن يىراق قىلىشىنى تىلەيمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە اﷲ نىڭ سالامى بولسۇن!

--------------------------------------------------------------------------------

 

[1]  ھۇجۇرات سۈرىسى، 72- ئايەت.

[2]  ئال ئىمران سۈرىسى، 133- ئايەت.

[3]  نىسا سۈرىسى، 124- ئايەت.

[4]  ھەجىر سۈرىسى، 48- ئايەت.

[5]  زۇخرۇف سۈرىسى، 71- ئايەت.

[6]  مائىدە سۈرىسى، 119- ئايەت.

[7]  ئەنبىيا سۈرىسى، 23- ئايەت.

[8]  بۇخارىي رىۋايىتى.

[9]  زۇخرۇف سۈرىسى، 18 - ئايەت.

[10] مۇسلىم رىۋايىتى.

[11]  سەھىھ ھەدىسلەر- ئەلبانىي

[12]  ئىبراھىم سۈرىسى، 48- ئايەت.

[13]  بۇ ھەدىسنى بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[14]  قەمەر سۈرىسى، 55- ئايەت.

[15]  نىسا سۈرىسى، 89- ئايەت.

Go to the Top