جمع الفوائد من جامع الأصول ومجمع الزوائد

كتب البطاقة التعريفية
العنوان: جمع الفوائد من جامع الأصول ومجمع الزوائد
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: جمع الفوائد من جامع الأصول ومجمع الزوائد: هذا الكتاب جمع 15 كتابا من كتب الحديث وهم: صحيح البخاري، صحيح مسلم، سنن الترمذي، سنن النسائي، سنن أبي داود، سنن ابن ماجه، موطأ مالك، سنن الدارمي، مسند أحمد، معجم الطبراني الكبير، معجم الطبراني الأوسط، معجم الطبراني الصغير، مسند أبي يعلى الموصلي، مسند البزار، زوائد رزين ويحتوي هذه الكتب على 10131 حديث ومن ضمنه بعض الأحاديث الضعيفة. ويعتبر أول كتاب من نوعه مترجم إلى اللغة الأويغورية بهذا الحجم الكبير منذ دخول الإسلام لتركستان الشرقية. وقام بترجمة هذا الكتاب نخبة من طلبة العلم الشرعي تحت إشراف ورئاسة دار ستوق بوغراخان للطباعة والنشر والتوزيع .
تأريخ الإضافة: 2011-12-15
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/381077
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 10 )
1.
ھەدىسلەر توپلىمى 1-قىسىم
3.8 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 1-قىسىم.pdf
2.
ھەدىسلەر توپلىمى 2-قىسىم
4.2 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 2-قىسىم.pdf
3.
ھەدىسلەر توپلىمى 3-قىسىم
4.2 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 3-قىسىم.pdf
4.
ھەدىسلەر توپلىمى 4-قىسىم
4.1 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 4-قىسىم.pdf
5.
ھەدىسلەر توپلىمى 5-قىسىم
4.3 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 5-قىسىم.pdf
6.
ھەدىسلەر توپلىمى 6-قىسىم
4.2 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 6-قىسىم.pdf
7.
ھەدىسلەر توپلىمى 7-قىسىم
4.1 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 7-قىسىم.pdf
8.
ھەدىسلەر توپلىمى 8-قىسىم
4.3 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 8-قىسىم.pdf
9.
ھەدىسلەر توپلىمى 9-قىسىم
4.1 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 9-قىسىم.pdf
10.
ھەدىسلەر توپلىمى 10-قىسىم
4.8 MB
فتح: ھەدىسلەر توپلىمى 10-قىسىم.pdf
نبذة موسعة

بىسمىللاھىرراھمانىرراھىم

        جىمى ھەمدۇ سانا ۋە گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. سالام، رەھمەت ۋە مەغپىرەت پۈتۈن ئەھلى جاھانغا مەرھەمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلارغا بولسۇن،ئامىن!

      ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالا زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانلارنى سىناش ئىرادىسىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئادەم ئەلەيەئىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنى يارىتىپ، ئاندىن ئۇلارنى زېمىنغا چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ نەسلىنى كۆپەيتتى، دۇنيا ھاياتىدىكى سىناقتىن غەلىبىلىك ھالدا ئۆتۈشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئەۋەتتى . پەيغەمبەرلەرگە قەۋملىرىنىڭ ھايات نىزامنامىلىرىنى، تائەت ئىبادەتلىرىنى، ئەخلاق مىزانلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئىلاھىي قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساماۋىي كىتابلارنى نازىل قىلىپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان ئەنە شۇ ئىلاھىي ۋەھيى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت يولىنى ئىزچىل ھالدا كۆرسىتىپ تۇردى.

      ئادەم ئەلەيەئىسسالامدىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە لايىق رەۋىشتە ئورۇندىدى. باشقا پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋملىرىگە، مەلۇم شەھەرگە، يېزا قىشلاقلارغا خاس پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولسا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن ئەھلى جاھانغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى. ئۇ، بۇ شانلىق ۋەزىپىنى،ئۇلۇغۋار دەۋەتنى، قىممەتلىك ئامانەتنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلدى .

       باشقا پەيغەمبەرلەرگە ساماۋىي كىتابلار ۋە سەھىپىلەر بېرىلگىنىدەك،ئۇنىڭغىمۇ قۇرئان كەرىم بېرىلدى . ئۇنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا قۇرئان كەرىمنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈشى، تەبلىغ قىلىشى،ئۆگىتىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ ھەدىس بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە،بىز مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەر مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەتكىچە مىراس قالدى. بۇ ئىككىسى بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت سائادەتكە يېتەكلەيدىغان،ھاياتىمىزدا كەم بولسا قەتئىي بولمايدىغان ئىلاھىي دەستۇردۇر.

      ئەسلىدە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرەب خەلقىدىن چىققان، قۇرئان كەرىممۇ ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەدىسلىرىمۇ ئەرەب تىلىدا بارلىققا كەلگەن ۋە ئەرەب تىلىدا رەتلەپ توپلانغانىدى. مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ ئىزچىل كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەرەب بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەر، خەلقلەر ئىسلام دىنىغا قۇچاق ئاچتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم ئۆلىمالىرىنىڭ تىلى ياكى قەلىمى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ،شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.

      خەلقىمىز ھىجىرىيەنىڭ 94 ۋە 95 يىللىرى (مىلادى تەخمىنەن 713 ۋە 714 يىللىرى) ئىسلام دىنى بىلەن تۇنجى قېتىم شەرەپلەنگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي قىسمى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ زامانىدا ئىسلام دىنىنى رەسمىي رەۋىشتە قوبۇل قىلغان. خەلقىمىز شۇندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە ھەر تۈرلۈك ئېغىر توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولى ۋە ھايات نىزامنامىسى قىلىپ كەلمەكتە. ئاللاھ تائالا بىر مىللەتكە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارغا كەڭچىلىك يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ھىدايەت يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى، خەلقىمىز (كېچىكىپ بولسىمۇ) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى بىلەن يۈزلەشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككىنچى دەستۇرى ھەدىسمۇ ئاز-ئازدىن تەرجىمە قىلىنىپ، كىتاب رىسالە شەكلىدە تارقىتىلىپ كەلدى . ئەمما بۇ چەكلىك خىزمەتلەر ھەدىس ۋە باشقا دىنىي ئىلىملەرگە بولغان ئىشتىياقى، تىلەك ئارزۇلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قامداپ كېتەلمىدى.

      بىز، خەلقىمىزنىڭ ھەدىسكە بولغان تەشنالىقىنى ۋە تىلەك ئارزۇلىرىنى نىسبىي بولسىمۇ قاندۇرۇش مەقسىتىدە قولىڭىزدىكى جەمئۇلفەۋائىد - "ھەدىسلەر توپلىمى " ناملىق بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ، ھەرقايسىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. ئىلىم جەۋھەرلىرى، ھىكمەت دۇردانىلىرى بىلەن تولۇپ تاشقان بۇ كىتاب سىزنىڭ ماددىزىملىقتىن جاراھەتلەنگەن روھىڭىزغا ئىللىق مەلھەم، مەنىۋىيىتىڭىزگە ساپ ئوزۇق بولغۇسى، ئىنشا ئاللاھ!

      ھەدىس پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى، ئىش ھەرىكىتىنى ۋە (باشقىلارنىڭ بىرەر سۆزى ياكى ئىشىنى) ماقۇللىشىنى بىلدۈرىدىغان ئومۇمىي ئاتالغۇدۇر . بىراق، شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى بىلىدىغان مۇبارەك ھەدىسلەرنى كېيىنكى نەسىللەرگە ئېغىزاكى سۆزلەپ بېرىش ياكى يېزىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق يەتكۈزگەن بولغاچقا، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن دىن دۈشمەنلىرى دىنىمىزنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىدا نۇرغۇن ھەدىسلەرنى توقۇپ، كەڭ كۆلەمدە بازارغا سالدى. ھىجىرىيەنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىغان ئىسلام ئالىملىرى ناھايىتى جاپالىق ئەمگەك سەرپ قىلىپ، ھەدىسنى تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش، سەھىھ بولغان ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىش، سەھىھ بولمىغانلىرىنى رەت قىلىش، رەتلەش ۋە كىتاب قىلىپ توپلاش ئۈچۈن نۇرغۇن شەرتلەر ۋە قائىدە پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "ھەدىس ئىلمى "نى كەشپ قىلدى ھەمدە ھەدىسلەرنىڭ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئائىت ياكى ئەمەسلىكىنى بۇ ئىلىم ئاساسىدا بىر بىرلەپ بېكىتىپ چىقتى.

       قولىڭىزدىكى "ھەدىسلەر توپلىمى " ناملىق بۇ كىتابمۇ ئەنە شۇ ئىلىم ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ماراكەشلىك ھەدىسشۇناس ئالىم مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان تەرىپىدىن رەتلەپ چىقىلغان.

بۇ كىتاب تۆۋەندىكى مەشھۇر 15 ھەدىس كىتابتىن تاللاپ ئېلىنغان:

1 سەھىھۇلبۇخارى

2 سەھىھ مۇسلىم

3 سۇنەنى تىرمىزى

4 سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد

5 سۇنەنى نەسائى

6 سۇنەنى ئىبنى ماجە

7 مۇۋەتتەئۇ مالىك

8 سۇنەنى دارىمى

9 مۇسنەدى ئەھمەد

10 تەبەرانى: "ئەلكەبىر "

11 تەبەرانى: "ئەلئەۋسەت "

12 تەبەرانى: "ئەسسەغىر "

13 مۇسنەدى ئەبۇ يە'لا مەۋسىلى

14 مۇسنەدى بەززار

15 زەۋائىدۇ رەزىن

      بۇ كىتابتىكى "سەھىئەئۇلبۇخارى " ،" سەھىھ مۇسلىم " ،"مۇۋەتتەئۇ مالىك " ،" سۇنەنى دارىمى " ۋە "زەۋائىدۇ رەزىن " قاتارلىق كىتابلاردىن ئېلىنغان ھەدىسلەردىن باشقا ھەممە ھەدىسلەرگە دېگۈدەك ئىزاھات بېرىلىپ، دەرىجىلىرى ئېنىق يېزىلدى. لېكىن "سەھىھۇلبۇخارى" بىلەن "سەھىھ مۇسلىم "نىڭ ھەدىسلىرى پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە "سەھىھ" دەپ قوبۇل قىلىنغاچقا، ئۇلارغا ئىزاھات بېرىشنى ھاجەتسىز دەپ قارىدۇق.

"مۇۋەتتەئۇ مالىك " ،"سۇنەنى دارىمى " ۋە "زەۋائىدۇ رەزىن" قاتارلىق بۇ ئۈچ كىتابتىن ئېلىنغان ھەدىسلەرگە كەلسەك، بۇلارغا باھا بەرگەن ماتېرىيال كەمچىل بولغانلىقى ۋە ئىزدىنىشكە ۋاقتىمىزنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە ئىزاھاتسىز قالدۇرۇلدى.

كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ سەمىگە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، بۇ كىتاب بىر قىسىم زەئىپ ھەدىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۆلىمالار زەئىپ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىق، ئەمەل

قىلغاندىمۇ قانداق شەرتلەر ئاستىدا ئەمەل قىلىش ھەققىدە بىر قانچە خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۇنى "ھەدىس ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە"-دېگەن تېمىدا بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

       ھەر بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن ھەدىس نومۇرى ئەسلى كىتابتىكى نومۇرلار بولۇپ، باسما نۇسخىلىرىنىڭ ۋە نومۇر قويۇپ رەتلەپ چىققۇچىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى ھەدىسلەرنىڭ نومۇرلىرى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن ، ئىزاھاتقا بېرىلگەن نومۇرلارمۇ شۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ چىققۇچىلارنىڭ ئەمگىكىدۇر. بۇ كىتابتىكى ھەدىسلەر مەزكۇر 15 كىتابتىن تاللاپ ئېلىنغان بولغاچقا، راۋىي ۋە مەنبە پەرقى، شۇنداقلا مەزمۇن جەھەتتە باشقا تېمىلارغا چېتىشلىق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئوخشاش مەزمۇندىكى ھەدىسلەر بەزىدە تەكرار كەلتۈرۈلگەن.

      ئىزاھاتتا كۆپ ئۇچرايدىغان ھەدىس ئاتالغۇلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى "ھەدىس ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە" نىڭ ئاخىرىغا بېرىلدى. ئۇندىن باشقا، كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخسىدا بەزى ھەدىسلەرنىڭ رەت نومۇرى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلگەن (مەسىلەن، ئەسلى نۇسخىسىدا 3453 ھەدىستىن كېيىن، ئىككى نومۇر ئاتلاپ، 3456 ھەدىس كېلىپ قالغان )، بىزمۇ ئەسلىگە سادىق ھالدا تەرجىمە ئەسەرنىڭ رەت نومۇرىنى ئۆز ئەينى بەردۇق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

      بىز بۇ ھەدىسلەرنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش جەريانىدا مەزمۇنىنىڭ توغرا، ئەرەبچە تېكىستىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا، ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئىپادىلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق . زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەدىس كىتابلىرى ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇن شەرھىلەرگە مۇراجىئەت قىلدۇق.شۇنداقتىمۇ، ئىنسان خاتالىقتىن خالىي ئەمەس، بىز بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلار تېپىلىشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىد پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۆتۈنۈپ سورايمىز.

      ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھەدىس ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىرەك مەلۇماتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن بۇ كىتابقا ئىلاۋە قىلىنغان "ھەدىس ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە" نى ئوقۇپ چىقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

      جانابى ئاللاھ بۇ كىتابنى خەلقىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق قىلغاي ئامىن!.

 

موضوعات متعلقة ( 2 )
Go to the Top