رتب حياتك من جديد

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: رتب حياتك من جديد
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: رتب حياتك من جديد: يبين الكاتب في هذه المقالة أهمية تحديد الأهداف في الحياة، ومفهوم الأولويات وتقسيم الأوقات اليومية، وتحديد الأولويات، وكتابة الخطة للوصول بأمر ما يساعد المرء في تحقيق هدفه المعين.
تأريخ الإضافة: 2011-10-23
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/374236
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ
146.5 KB
فتح: ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ.pdf
2.
ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ
1.9 MB
فتح: ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ.doc
نبذة موسعة

ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ

 

ئاللاھ تائالا بىزنى بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن ياراتتى. بۇ جەريانىدا زېمىندا ئاللاھنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم.

ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھاياتىغا تاشلانغان نەزەر، ھالاكەت ۋە پارچىلىنىش، تەرتىپسىزلىكلەرنىڭ قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىزغا كۇپايە قىلىدۇ. ئىش ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىزىمىزدا كىچىككىنە جىم تۇرۇۋېلىپ، ئارقىمىزغا بىر قەدەم چېكىنەيلى-دە، ھاياتىمىزنى بىر تەكشۈرەيلى ۋە ئۇنى يېڭىدىن تەرتىپلەشكە تىرىشىپ باقايلى.

ئەگەر بۇ پىكىرگە قىزغىن قاراۋاتقان بولسىڭىز، بىز بۇ پىكىرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالغان ئاساسلىق پىلانلارنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ باقساق قانداق قارايسىز؟

ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز قايسى؟:

ھاياتىڭىزنى قايتىدىن رەتلەش يولىدىكى ئاساسلىق پىلان ۋە ئەڭ بۇرۇن باشلايدىغان ئىشلىرىڭىزدىن: سىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۇرىشىڭىز، شۇنداقلا سىز نېمىگە ئىشىنىسىز؟ قايسى ئىشنى بەدەل تۆلەش ۋە پىداكارلىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايسىز؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابىغا چىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا باغلىقتۇر.

يۇقىرىدىكى سوئاللار ئوتتۇرىغا تاشلانغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر: دىن، پرىنسىپ، ئائىلە، ئۆرۈپ-ئادەت دەپ جاۋاپ بېرىشكە ئالدىرىشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدا بەرگەن جاۋاپلىرىغا ھېچ ماس كەلمەيدۇ.

ھاياتىڭىزدا مۇھىم بولغان ئىشلىرىڭىزنى بىلىۋېلىشنى خالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىدا بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش زادى قايسى؟، كۈندىلىك ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىڭىزغا بىر قاراڭ، شۇنداقلا كۈندىلىك پروگىراممىڭىزدا بىر ئىشنى يەنە بىر ئىشتىن نېمىگە ئاساسەن ئالدىن ئورۇندايسىز؟، ئىشلىرىڭىزنىڭ مۇھىمى بىلەن بەكراق ئەھمىيەتلىكىنى قانداق تاللايسىز؟. ھەقىقەتەن يۇقىرىقى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىز بولسا، سىزنىڭ ھاياتقا بولغان ئەخلاقى كۆز قارىشىڭىز ۋە مۇھىم بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بەرگەن قىممەتلىك باھايىڭىزدۇر. ئەمما ئېچىنارلىق يېرى شۇكى؛ كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئېتىقادىمىزنى سېلىشتۇرساق (بۇ يەردە ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش كېرەك دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىشلار كۆزدە تۇتىلىدۇ)، ئېتىقادىمىز بىلەن رېئاللىقىمىز ئارىسىدىكى بوشلۇقنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئەمەلىيەت باسقۇچى:

سىز ئالدى بىلەن قولىڭىزغا قەلەم-قەغەز ئېلىڭ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى كۆز قارىشىڭىزدىكى ئەھمىيەتلىك دەرىجىسى بويۇنچە رەتلەپ چىقىڭ: ئىبادەت، خىزمەت، ئەخلاق ۋە توغرىغا يېتەكلىنىش، ئائىلە(ئاتا-ئانا، ئايال، بالا-چاقا)، ساغلاملىق قاتارلىق يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ قايسىسىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايسىز؟ شۇ بويىچە رەتلەپ چىقىڭ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى مۇلاھىزە قىلىڭ. مەسىلەن: كىمىكى ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقادنى خىزمىتىدىن مۇھىم ئورۇندا قويىدۇ، كىمىكى خىزمىتىنى ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقادتىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش، بۇ ئىككى شەخسنىڭ ھاياتى يۆلىنىشىدە تامامەن ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدۇ. بىرىنچى شەخس: ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقاتى ئۈچۈن خىزمىتىنى قۇربان قىلىدۇ، ئەمما ئىككىنچى شەخس خىزمىتى ئۈچۈن ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقاتىنى قۇربان قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىشلارنى رەتلەپ بولغىنىڭىزدىن كىيىن، ئەھمىيەتلىك ياكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قويۇش كېرەك دەپ قارىغان ئىشلىرىڭىزغا مۇناسىپ بىر يول بىلەن ۋاقتىڭىزنى چىقىرالىشىڭىزغا ئىشىنىسىز ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن يېڭىدىن بىر پىلان تۈزۈپ چىىقمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

نىشانلىرىڭىزنى بېكىتىڭ:

قايسى ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلقىنىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۇرۇڭ. زادى نېمىلەرگە ئېرىشىشنى خالايسىز؟، 20 يىل ياكى 30 يىل كېيىنكى ئۆز ھاياتىڭىزنى تەسۋىرلەپ ھېكايە يېزىپ باقسىڭىز، ھېكايە جەريانىدا نېمىلەرنى يېزىشىڭىز مۇمكىن. ۋاپات بولغان كۈنىڭىزدە، ئائىلىڭىز ۋە دوست بۇرادەرلىرىڭىز سىز توغرۇلۇق نىمىلەرنى دېيىشىنى تەسۋىرلەپ قەلەم تەۋرىتىپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ سىز توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشىنى ياخشى كۆرىسىز؟. بۇ ئارقىلىق شەخسىيىتىڭىزدە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ئىستىكى قوزغىلىدۇ-دە، كېلەچەكتە يەتمەكچى بولغان غايىڭىزگە پىلان تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىسىز ياكى ھېچ بولمىغاندا نىيەت قىلىسىز.

نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىككى تۈرلۈك باسقۇچ بىلەن بارلىققا كېلىدۇ:

بىرىنچى: ئەقلىمىزدە ياسىلىدۇ. يەنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نىشاننى تەپسىلى ھالدا ئوچۇق قىلىپ ئويلاپ چىقىش ھارپىسىدا، مەزكۇر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر ياكى بەش ۋەياكى ئون يىل كېتىشىنى تەخمىنلەشتۇرۇش.

ئىككىنجى: ئەمەلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. يەنى رېئاللىققا يۈزلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. خۇددى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى سالماقچى بولغان ئۆيگە بىر تال مىخ قېقىشتىن بۇرۇن، ئۆينىڭ پىلان ۋە خەرىتىسىنى تۇلۇق سىزىپ چىققاندەك، سىزمۇ راستىنلا ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولغان ئىشىڭىزنى پىلان بىلەن ئىلىپ بېرىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەن بۇ سۆزلەرنى يېزىش جەريانىدا ئەقلى ھۇشى ساغلام، ھېسسىياتچان ۋە ئەمەلىيەتچان تۇرۇپ، مەقسەت ۋە غايىلىرى ئوچۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، يولدىن ئاداشقان ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئىگىلىك تىكلەشتىن ئاجىز كەلگەن كۆپلىگەن كىشىلەرنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن.

%80 ۋە %20 فورمۇلاسى:

ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان تەئەججۈپلىنەرلىك كۆز قاراشلاردىن بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر بىرلىككە كەلگەن %80 ۋە %20 فورمۇلاسى، ئۇلار: ھەقىقەتەن بىزنىڭ %80 قىممەتلىك پىلانلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا، كۈندىلىك ئىشلىرىمىزنىڭ %20 نىڭ ئاساسى نىشان دائىرىسى ئىچىدە بولغانلىقى ئاساسلىق رول ئوينىدى، دەيدۇ.

قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ئالدىن-ئالا بەلگىلىنىشى نىشاننىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. سىز بۇگۇندىن باشلاپ، ھەرقانداق ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزدىن: مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم ئاساسلىق نىشانىمنىڭ كۈندىلىك %20 نىڭ ئىچىگە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىڭىزدا، ۋاقىت ۋە ئەقلىڭىزنى سەرىپ قىلىۋاتقان ئونلارچە ئىشلارنى، ئۆزىڭىز تۇيماستىن قالدۇرۋەتكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز.

نىشانغا يۈزلەنگەن چەكلىك پىلان فورمۇلاسى:

مەقسەت ۋە نىشانغا يىتىش جەريانىدا مۇتەخەسسىس ئالىملار شۇنداق مۇلاھىزە قىلدىكى، بەزى ئىشلارنىڭ ئەھمىيەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئىشلاردا نەتىجە قازىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بەلكى ئۇ پىلان، مەزكۇر ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن كىمنىڭ چىقالايدىغان كىمنىڭ چىقالمايدىغانلىقىنى ئايرىيدىغان پاسىلدۇر. مانا بۇ ئىشلار (چەكلىك پىلانلار) سىزنى مەقسىتىڭىزگە يىتىش ئۈچۈن بىر پەللىدىن يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە يۆتكەيدۇ.

بۇ ھەقتە سىزگە بىر مىسال بېرەي: سىز ئەگەر داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇشقا تەلپۈنسىڭىز، سىزنىڭ بىرىنچى پىلانىڭىز مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ۋەزىپە ئېلىشىڭىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلچىمىگە لايىق ئىلمى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولىشىڭىز لازىم. قولىڭىزدا ئىلمى ئۇنۋان بولماي تۇرۇپ، سىزنىڭ ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇشىڭىز ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. مانا ئەمدى ئۇ ئۇنۋاننى قولغا كەلتۈرىدىغان ھەر-بىر پىلان ئاساسلىق پىلانلار قاتارىغا كىردى. بۇ دېگەنلىك: نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر سائەت ئەقىلنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە تىرىشىش ھارپىسىدا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن دېگەنلىكتۇر.

كېچىكتۈرۈشنىڭ ياخشى تەرىپى:

ھاياتىڭىزنى رەتلەش ئۈچۈن كۈندىلىك پائالىيەتلىرىڭىزدىن بىرقانچىنى كېچىكتۈرۈپ ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇ ئەمەللەرنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيسىز؟ ئۇنداقتا سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر بۇ ئىش ئورۇنلانسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى قانچىلىك؟ ئەگەر ئورۇنلانمىسىچۇ؟.

ھەقىقەتەن ۋاقىتلارنى ئىبادەت، ئائىلە ۋە نەپسىنى ياخشىلىققا ئادەتلەندۇرۇشتەك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىك ھاياتىمىزدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە تەسىر قالدۇرىدۇ. كىچە-كىچىلەپ دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈش، تېلىۋىزور كۆرۈش يەنى ئاساسلىق نىشانلاردىن سىرت بولغان پروگىراممىلارغا قاتنىشىش، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قالدۇرىدىغان تەسىرى يوق دىيەرلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئىمكان قەدەر كېچىكتۈرۈپ ئورۇنلاشقا تىرىشىشىڭىز لازىم. (يەنى ھاياتتا ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ئالدىن ئورۇنداشقا تىرىشىپ، ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن يىراقلىشىش نەتىجىسىدە، كۈندىلىك تۇرۇشىمىزنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولىدىغان سۈپەتلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر-مۇھەررىر-).

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

Go to the Top