توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: مەن يېقىندا توي قىلماقچى ئىدىم، توي مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟، چۈنكى بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزنى كۆرۈشنى ئىختىيار قىلغان دوستلىرىمىز بار، مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتماستىن ۋىدىئوغا ئالساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئي چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-09-19
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/370155
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟
142.1 KB
: توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟.pdf
2.
توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟
1.9 MB
: توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

توي مۇراسىملىرىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟

 

10791- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن يېقىندا توي قىلماقچى ئىدىم، توي مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟، چۈنكى بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزنى كۆرۈشنى ئىختىيار قىلغان دوستلىرىمىز بار، مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتماستىن ۋىدىئوغا ئالساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئي چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھقا خاستۇر.            

توي مۇراسىملىرىدا ئاياللارنى سۈرەتكە تارتىش دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر، بۇ ئاپپارات بىلەن سۈرەت چېكىش ياكى ۋىدىئوغا ئىلىش يولى بىلەن بولسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. بەلكى ۋىدىئوغا ئىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىردۇر. سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئايال كىشى ئېرىگە يات بىر ئايالنى خۇددى كۆرۈپ تۇرغاندەك سۈپەتلەپ بېرىشتىن چەكلىگەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]. ئەمما ۋىدىئوغا ئىلىش بولسا سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرگىنىدىنمۇ ئوچۇقراق بولۇپ، ئۇ ئايالنى ھەقىقەتتە كۆرگەندەك بولىدۇ. (يەنى خىيال قىلىش ھاجەتسىز). بۇ پەقەت ئاياللارنىلا سۈرەتكە ئالغاندا شۇنداق. ئەگەر ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان مۇراسىملار بولسا، بۇنىڭ جىنايىتى سۈرەتكە تارتقاننىڭ جىنايىتىدىن ئايرىم ۋە ئېغىر بولىدۇ. كۆپىنچە ئاياللار ئادەتتە، ئولتۇرۇش ۋە توي مۇراسىمى قاتارلىق سورۇنلارغا يىغىلغاندا يىرىم يالىڭاچ كىيىملىرى بىلەن بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ كىشىلەرگە تارقىتىش دېگەن گۇناھ-پاھىشە ئىشلارنى تۆۋەن كۆرۈپ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. گەرچە بەزى قىز-خانىملار مۇراسىملاردا سۈرەت ياكى ۋىدىئوغا ئېلىنىشىنى ئىستىمىگەن ھالدا ۋە ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالەتتە تولۇق زىننەتلىرى بىلەن سۈرەتكە چىقىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتىن توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كىيىن سۈرەتلىرى مۇراسىم فىلىملىرىدا تارقىتىلغان قىز-خانىملارچۇ؟. ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن يۇقىردا بايان قىلىنغان ئىشلارغا توي مۇراسىملىرىدا خەتەرلىك بولغان بەزى ئىشلارنى قوشۇپ قويماقچىمەن؛ بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزچە، بەزى قىز-خانىملار مۇراسىمغا كەلگەنلەرنى سۈرەتكە ئىلىۋېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن سۈرەت تارتىش ئاپپاراتلىرىنى ئىلىپ كېلىدىكەن، ئۇلارنىڭ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز بۇ مۇراسىم سۈرەتلىرىنى كىشىلەرگە تارقىتىشقا نېمە سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا سۈرىتى تارتىلغان ئاياللار رازى بولارمۇ؟ مېنىڭچە ھېچ قانداق ئايال بۇ ئىشقا رازى بولمايدۇ، ھېچ كىشى ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ بۇ شەكىلدە سۈرەتنىڭ ئاشكارا بولىشىنى ۋە رەزىل كىشىلەرنىڭ خالىغاندا كۆرىدىغان  ئويۇنچۇقى بولىشىنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى چىرايلىق بولسا پىتنە قوزغايدىغان ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا مەسخىرىگە ئۇچرايدىغان بولىشىغا رازى بولامسىلەر؟!.

بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولغىنى: بەزى ئەخلاقسىزلار توي مۇراسىمىنى ئەمەلىي سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ۋىدىئو ئاپپاراتلىرىنى ئىلىپ كېلىپ سۈرەتكە ئىلىپ خالىغاندا ئۆزى ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىدىكەن، يەنە بەزى يۇرتلاردا بىر بۆلەك ياشلار توي مۇراسىملىرىدا ئايرىم ياكى ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە تۇرۇپ سۈرەتلەرگە ئېلىشىدىكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر بۇنداق ئىشنىڭ چەكلەنگەن ھارام ئىش ئىكەنلىكىدىن شەك قىلمايدۇ، بۇ مىللى غۇرۇرىنى يوقىتىپ دىنسىزلارغا ئەگىشىپ ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكتۇر.

ئەرەبىستاننىڭ ئۇنەيزە شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتتە بىر جۈمە كۈنى: توي مۇراسىمىدا چەكلەنگەن ئىشلار دېگەن تېمىدا سۆزلەنگەن خۇتبىدا شەيخ مۇنداق دېگەن: توي مۇراسىمىنى ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە ئېلىشنىڭ  قەبىھ-ناچار ئىش ئىكەنلىكىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ھەدە-سىڭىللىرى، ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى رەزىل كىشىلەرنىڭ خالىغاندا كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقى بولىشىغا مۆمىن تۈگۈل ئەقلى جايىدا كىشىلەرمۇ  رازى بولمايدۇ ۋە بۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىدىن شەك قىلمايدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ناچار بولغىنى ۋىدىئوغا ئىلىش بولۇپ بۇ ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىگە جانلىق سۈرەتنى نامايەندە قىلىدۇ، بۇنداق ئىشنى ئىمانلىق، ھايالىق، دىندا مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئەقىل پاراسەتلىك، مىللى غۇرۇرى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلىدۇ ۋە چەكلەيدۇ. [ئىككى ھەرەمدىكى ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى ناملىق ئەسەر 439-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

خۇلاسە: توي-توكۇنلەردە  خاتىرە ئۈچۈن سۈرەت ۋە ۋىدىئوغا ئىلىش دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

Go to the Top