نفحات شهر رمضان

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: نفحات شهر رمضان
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: نفحات شهر رمضان: ألقى فضيلة الشيخ عبد المحسن بن محمد القاسم - حفظه الله- خطبة الجمعة بالمسجد النبوي بتاريخ 21 - 8 - 1432 هـ، والتي تحدَّث فيها عن شهر رمضان وحثَّ المسلمين على العناية به والحرص على اغتنامه بالعبادات وأنواع القُربات، وذكر العديد من الفضائل التي وردت في سنة النبي - صلى الله عليه وسلم - عن هذا الشهر الكريم.
تأريخ الإضافة: 2011-07-27
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/364210
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
رامىزان ئېيىنىڭ خۇشپۇراقلىرى
154.4 KB
فتح: رامىزان ئېيىنىڭ خۇشپۇراقلىرى.pdf
2.
رامىزان ئېيىنىڭ خۇشپۇراقلىرى
1.9 MB
فتح: رامىزان ئېيىنىڭ خۇشپۇراقلىرى.doc
نبذة موسعة

 

رامىزان ئېيىنىڭ خۇشپۇراقلىرى

 

 

 2011- يىلى 07- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمانلارغا «مۇبارەك رامىزان ئېيىغا تەييارلىق قېلىشىمىز ۋە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىمىز كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

كېچە-كۈندۈز بىر-بىرىنى قوغلىشىپ كېلىۋاتقاندەك، يىللار ئايلارنى قاتلاپ ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە چەكسىز كۆيۈمچانلىق قىلىپ، ئۇلارغا ھەر يىلى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىدىغان، خاتالىقلار ئەپۇ قىلىنىدىغان بىر ئاينى يولغا قويدى، ئۇ بولسا ھەممە ئايلارنىڭ كاتتىسى بولۇپ، بۇ ئايدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ۋە قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بەرىكەتلىك ئايدۇر. مۇسۇلمانلار ھەر يىلى بۇ ئاينى زور ئىشتىياق بىلەن كۈتىدۇ، ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان روزىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىبادەتنى سەمىمى، خالىس بىر شەكىلدە ئادا قىلىدۇ، روزا جەريانىدا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق بىلەن لەززەتلىنىدۇ، سەمىمىيەتنىڭ ھەقىقىتىنى روياپقا چىقىرىدۇ ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىمۇ رىيادىن خالى بىر شەكىلدە ئادا قىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ساۋابى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا:روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ھەممە ئەمەللىرى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما روزا مەن ئۈچۈندۇر، روزا تۇتقۇچىلارنى مەن ئۆزۈم مۇكاپاتلايمەن دېگەن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

روزا مۇسۇلماننىڭ نەپسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، بۇزۇقچىلىقتىن ساقلايدۇ ۋە يىراقلاشتۇرىدۇ، خاتالىقلار ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، رامىزان ئېيى تائەت-ئىبادەت، ياخشىلىق، خەير-ئېھسان، كەچۈرۈم ۋە رازىلىق ئېيىدۇر، بۇ ئايدا ياخشىلىقلار ھەسسىلەپ زىيادە بولىدىغان بىر كېچە بار، ئۇ بولسىمۇ پەزىلەت ۋە ساۋاپتا مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان قەدەر كېچىسىدۇر، بۇ كېچىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ بارلىق خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. بۇ ئاي مۇسۇلمانلار نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىپ، نەپسىنى سەۋر-تاقەت ۋە قانائەتكە ئادەتلەندۈرىدىغان مۇبارەك ئايدۇر.

رامىزان ئېيى كەمبەغەللەر، نامراتلار، پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەيدىغان، بايلار كەمبەغەللەرگە ماددى-مەنىۋىي تەرەپلەردىن ياردەم بېرىدىغان ئايدۇر. بۇ ئايدا بايلار-كەمبەغەللەر باراۋەر بولۇپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىستەپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا لەززەتلەردىنمۇ چەكلىنىپ، ئۇزۇن كۈندۈزدە ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇققا سەبىر قىلىپ يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئىپتار قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ:«سىلەر ئىسلام ئۈممىتى بىر مىللەت، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن سۆزى مۆجىزىلىك ھالەتتە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم دىننىڭ ئاساسى ۋە ئەلچىلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. قۇرئان كىرىم ئايلارنىڭ سەردارى بولغان رامىزان ئېيىدا چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئايدا قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىپ، مەنىلىرىنى ئويلىنىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە قۇرئان كىرىمنى تولۇق دەرسلىك ۋە تىلاۋەت قىلىشاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى يەنى ئاخىرىقى يىلدا قۇرئان كەرىمنى ئىككى قېتىم تىڭشاتقان.

سەدىقە، خەير-ئېھساننىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ پايدىسى بار، بۇ ئارقىلىق ئىنسانلار بالا-قازادىن ساقلىنىدۇ، قېيىن ئىشلار ئاسانلىشىدۇ، رىزىق كەڭرى بولىدۇ، سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك خاتالىقلار ئۆچۈرۈلىدۇ. سەدىقە بەرگۈچى قىيامەت كۈنى ئۆز سەدىقىسىنىڭ سايىسىدا بولىدۇ، دۇنيادا سەدىقە قىلغۇچىنىڭ مال-دۇنياسى كېمىيىپ كەتمەيدۇ بەلكى بەرىكەتلىك بولۇپ تازىلىنىدۇ، ئاخىرەتتە دائىملىق نېمەت ۋە بەخت-سائادەتكە نائىل بولۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىنىدۇ.

مۇسۇلمانلار بۇ ئايدا پەقىر-مىسكىن، يىتىم-يېسىر، غېرىپ-غۇرۋالەرگە، تۇل ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشى، قەلبىنى شادلاندۇرۇپ، خۇرسەن قىلىشى ۋە باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىشى كېرەك.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىلىرىدىن بولۇپ، رامىزان ئېيىدا سېخىلىقتا مەيىن شامالدىن تىز ئىدى، ئىنساننىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرى بېخىللىق قېلىش بىلەن مەڭگۈ قالمايدۇ، سېخىلىق قېلىش بىلەن كېمىيىپ كەتمەيدۇ.

رامىزان كېچىلىرى يىللاردىكى باشقا كېچىلەرنىڭ تاجىدۇر، بۇ ئېسىل كېچىلەرنى ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەت بىلەن تاماملاش كېرەك، تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئىمام بىلەن بىرگە نامازنى ئادا قىلغان كىشى بىر كېچە قىيامدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ھەر كېچىسى دۇئالار ئىجابەت قىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، سورىغان كىشىگە بېرىلىدۇ، تەلەپ قىلغان كىشىنىڭ تەلەپلىرى ئىجابەت قىلىنىدۇ، رامىزان ئېيى ياخشىلىق، خەير-ئېھسانغا تولغان، ھايات سەھىپىلىرى ئالمىشىدىغان بىر ئاي بولۇپ، بۇ ئايدا تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگەن كىشىلەر مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ، ئۆز پەرۋەردىگارىنى تونۇپ، نەپسىنى ھاۋايى-ھەۋەس، پايدىسىز ئىشلاردىن چەكلەپ ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلىپ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەنلەر ھەقىقى ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر، بۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلار زىيان تارتقۇچى ۋە مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالغۇچىلاردۇر.

ئاياللار، خانىم-قىزلارمۇ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، زىكىر ئېيتىش، ئىستىغپار ئېيتىش، نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشقا شۇنداقلا ئۆز ئۆيلىرىدە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئادا قىلىشقا، ئىبادەت جەريانىدا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئىپپەتلىك، ھايالىق بولۇشقا، دائىم ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشقا بۇيرۇلغان، ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن ئىززەتلىك، ھىجابى بىلەن ئىپپەتلىك ۋە پاك ياشىغان ئاياللاردۇر.

ساغلام رەۋىشتە رەببىگە ئىتائەت قىلغان، ھاياتىدا شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلىپ قىلىپ ياشىغان خانىم-قىزلار جەمئىيەتنىڭ پەخرى، پاكلىقنىڭ سىمۋولى، ھاياتنىڭ جەۋھىرى ۋە دىننىڭ -مىللەتنىڭ شان-شەرىپىدۇر.

الترجمات ( 1 )
Go to the Top