ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: يولدىشىم مەندىن ئۆي ئىچىدىمۇ ھىجابلىنىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۆي ئىچىدە ھىجابلىنىشىمنى بولسا ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋە ئۆيىمىزگە بەرىكەت بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۆي ئىچىدە ھىجابلىنىش بەرىكەتكە سەۋەب بولامدۇ؟ ئەگەر ئۆي ئىچىدە ھىجابلانمىسام گۇناھكار بولامدىم؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-05-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/343940
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ
241.6 KB
: ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.pdf
2.
ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ
334.5 KB
: ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئەر ئايالىنى ئۆيدە يالغۇز ۋاقتىدىمۇ ھىجابلىنىشقا بۇيرۇيدۇ

 

152986- سوئال

سوئال:

يولدىشىم مەندىن ئۆي ئىچىدىمۇ ھىجابلىنىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۆي ئىچىدە ھىجابلىنىشىمنى بولسا ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ۋە ئۆيىمىزگە بەرىكەت بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزقارىشىچە ئۇخلايدىغان ياكى يۇيۇنىدىغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا مەن ئۆيدە يالغۇز بولساممۇ ھىجابلىنىشىم كېرەك ئىكەن. ئەگەردە بۇنى ئىسلامدا بۇيرۇغان بولسا مېنىڭ باش ئەگمەسلىككە ھەددىم ئەمەس، ئەمما ئۆيۈمدە ئېرىم ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ-جابدۇنۇپ ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۆي ئىچىدە ھىجابلىنىش بەرىكەتكە سەۋەب بولامدۇ؟ ئەگەر ئۆي ئىچىدە  ھىجابلانمىسام گۇناھكار بولامدىم؟ شۇنداقلا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ يولدىشىمنى رازى قىلىشىممۇ ئىنتايىن مۇھىم، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

شەرىئەت ئەھكام ۋە ئەخلاقلىرىدا ئاياللار ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ۋاقىتتا ھىجابلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلمەيمىز. يولدىشىڭىزنىڭ دىنى غۇرۇرىغا رەھمەت ئېيتىلسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىگە ناھايىتى قاتتىق ئۆلچەم قويۇشى شەرىئەت ۋە ئىنسانى پىترەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار قەلبىنى گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ۋە زىننەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتى. شۇنداقلا ئايالنىڭ ئېرىغا ياسىنىشى ۋە پەردازلىنىشىغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئىشلارغا رۇخسەت قىلدى. بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار ئەرنىڭ ئايالىغا مايىل بولىشى ۋە سۆيگۈ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن خۇشبۇيلارنى ئىشلىتىشى ۋە چىرايلىق كىيىنىشى ياخشى كۆرۈلىدىغان ۋە ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىدىن بولۇپ، بۇ ھەقتە بەزى ئەھلى-ئىلىملەر مۇنداق دېگەن: "ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن زىننەتلىنىشى ۋە خۇشبۇيلارنى ئىشلىتىشى، ئەر-ئايال ئارىسىدا ئامراقلىق ۋە مۇھەببەتنى بەرپا قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبلەردىندۇر". كۆز قەلبنىڭ يولباشچىسى، ئەگەر كۆز گۈزەل مەنزىرە ۋە چىرايلىق نەرسىلەرنى كۆرسە شۇ ھامان قەلبگە يېتىدۇ-دە، قەلبتە ياخشى كۆرۈش بارلىققا كېلىدۇ. ئەگەر قەبىھ مەنزىرە ياكى سەت كىيىم-كېچەككە كۆزىڭىز چۈشسە، شۇ ھامان قەلبتە يامان كۆرۈش ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب ئاياللىرى بىر-بىرىگە: "يولدىشىڭنىڭ كۆزىگە گۈزەللىك ھالەتتە كۆرۈنگىن ۋە سەندىن گۈزەل ھېدلارنى ھېدلىسۇن" دېگەن مەزمۇندىكى نەسىھەتلەرنى قىلىشاتتى. [پەيزۇل قەدىر 3-توم 190-بەت].

ئاياللارنىڭ ئۆيىدە ۋە ئېرى بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندا ھىجابلىنىشى، ئايالنىڭ كۆپلىگەن زىننەت ۋە گۈزەللىكلىرىنى توسۇپ قالىدۇ.

شۈبھىسىزكى ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈن ياسىنىشى ياكى پەردازلىنىشىنى ياخشى دەپ قارايدۇ. ئاياللار تەبىئىتى ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىش خاراكتېرىگە ئىگىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھقا، زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟». [سۈرە زۇخرۇپ 18-ئايەت].

ئاللاھ  كەڭرىچىلىك بەرگەنكەن سىز تارلاتماڭ. ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدە ھىجابنى لازىم تۇتۇشى ئىماننىڭ بۈيۈك مەرتىۋىسىدىن ئەمەس. ئۆيىڭىز بەرىكەتلىك بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىنمۇ ئەمەس. شەرىئەت رىغبەتلەندۈرگەن ئەدەپ-ئەخلاقلاردىنمۇ ئەمەس.

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇش، شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراقلىشىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بولىدۇ. ئاللاھ سىز ۋە ئايالىڭىزغا پايدىلىنىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان بارلىق ئىشلاردىن بەھرى ئىلىشىڭىز مۇمكىن. ئايالىڭىزدىن سىز ئۈچۈن ياسىنىشى ۋە گۈزەللىنىشىنى تەلەپ قىلىڭ، شۇنداقلا ياخشىلىق ۋە بەرىكەتنىڭ شۇنىڭدا ئىكەنلىكىنى دەل شۇ ۋاقىتتا بىلىپ يېتىسىز ئىنشائاللاھ.

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 


 
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top