التربية الإيمانية للطفل

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: التربية الإيمانية للطفل
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: لدي طفل صغير في الثالثة ، وأريد أن ينغرس الإيمان في نفسه فماذا أفعل ؟.
تأريخ الإضافة: 2011-03-14
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/338178
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
پەرزەنتنى ئىمانى مۇھىتتا تەربىيىلەش
330.2 KB
فتح: پەرزەنتنى ئىمانى مۇھىتتا تەربىيىلەش.pdf
2.
پەرزەنتنى ئىمانى مۇھىتتا تەربىيىلەش
758 KB
فتح: پەرزەنتنى ئىمانى مۇھىتتا تەربىيىلەش.doc
نبذة موسعة

 

پەرزەنتنى ئىمانى مۇھىتتا تەربىيىلەش

 

22950-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مېنىڭ ئۈچ ياشلىق بالام بار، ئۇنىڭ قەلبىدە ئىمان نوتىسىنى بىخلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ توغرىدا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئۈچ ياشلىق بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ھەر كۈنى ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قۇرئان ئوقۇغان ۋە ئەتتىگەن-ئاخشاملىق زىكىرلەرنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە بۇنى دائىم تىڭشاپ بەرگەن بالىنىڭ خۇددى قۇرغاق زېمىن يامغۇر تامچىلىرى بىلەن گۈللەنگەندەك قەلبى ياشناپ، روھى ئوزۇقلىنىدۇ، چۈنكى بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇرئان ئوقۇغان ۋە زىكىر ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاش ۋە باشقا ئىبادەتلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىر ئالىدۇ ۋە ئۇنى تەقلىد قىلىدۇ.

بۇنىڭ ئەمەلىي مىسالى: ئانىنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىچىك بالا، ئانىسىنى دوراپ قوللىرىنى ۋە يۈزلىرىنى يۇيىدۇ ۋە بىگىز بارمىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھېچ بىر ھەق ئىلاھ يوقتۇر دەيدۇ.(يەنى لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ) مانا بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشلىرىنى مۇلاھىزە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بىر مىسال: ئانا گاھىدا ناماز ئوقۇپ بولۇپلا ئۆي ئىشىغا ئالدىرايدۇ، بالا دائىم ئانىسىنىڭ نامازدىن كېيىن جاينامازدا ئولتۇرۇپ زىكىر ئېيتىپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ، بۇ قېتىم نامازنى ئوقۇپلا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئانىسىغا: سىز ئەستەغپۇرۇللاھ دېمەيلا تۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ!؟ دەيدۇ، مانا بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەممە ھەرىكەتلىرىنى ئەستايىدىل كۈزۈتۈپ تۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىنسان دائىم ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەللىككە دۇچ كېلىدۇ، پەرزەنتلەردىن بىرەرسى ئاغرىپ قالىدۇ، شۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، يەنى كىسەل بالىغا: ئاللاھنىڭ تەننى سالامەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كاتتا نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش، بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش، ئىنسان ئاجىز بىر مەخلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەتلىرى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

دوختۇرخانىغا بارغاندا ياكى دورا ئىستىمال قىلغاندا، شىپانىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش، ئاللاھنىڭ كېسەلگە دورا-ئوكۇللار ئارقىلىق سەۋەپ قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئاندىن شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن دۇئالارنى ئوقۇپ سەۋەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تايىنىش كېرەكلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دۇئالار توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىش كېرەك.

ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىق ۋەقەسى، ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنى مىسىرغا بىر دەرۋازىدىن كىرمەي بۆلۈنۈپ بىر قانچە دەرۋازىدىن كېرىشكە بۇيرۇغانلىقى، «(ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن،» توغرىسىدىكى قىسسىلەرنى بالىلار تىلىدا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق قازا ۋە قەدەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بىكىتىلىپ كەتكەنلىكىنى، ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈش.

كېسەللىككە سەبىر قىلىش بىلەن ئاللاھدىن ساۋاپ تەلەپ قىلىش ھەم داۋالىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم. خۇلاسە:ئاتا-ئانا پەرزەتلەرگە بارلىق ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشى لازىم. پەرزەنتنىڭ ئېڭىغا ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى سىڭدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ، دىن ۋە رەسۇلۇللاھ توغرىسىدىكى بالىلار ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق ياخشى ئۇنۇمىنى كۆرۈش مۇمكىن بولىدۇ. (شەيخنىڭ سۆزى تۈگىدى).

(دېمەك؛ بىز ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرىمىزگە كىچىكىدىن تارتىپلا ياخشىلىقتا ئۈلگە بولۇپ ياشىساق، پەرزەنتلىرىمىز ئەقىدىسىنى قەدىرلەيدىغان ئىماندار ۋە ساغلام پىكىر ساھىبى بولۇپ يېتىلىشىدە گەپ يوق. پەرزەنتلەرنى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن تەربىيە بېرىش بولسا، پەرزەنتلەرنى ئەقىدىسى، مىللىتى، ۋەتىنى ئۈچۈن جان ۋە مال بېرەلەيدىغان ھەقىقى ۋىجدان ئىگىسى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى پەقەت قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە چاڭقىغان، مىللەت-ۋەتەننىڭ نالە-زارىغا قەلبى لەختە-لەختە بولغان، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلىچەك ھاياتى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلار ئۇستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى تونىغان ھەقىقى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى قىلالايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار.» [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

ئىمام ئەھمەد، تىرمىزىي ۋە ھاكىملار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە گۈزەل ئەدەپ-ئەخلاقتىنمۇ ئېسىل سوۋغا تەقدىم قىلالمايدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق پەرزەنت ئىسلام فىترىتىدە دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى خرىستىئان ياكى مەجۇسى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز-مۇھەررىر-).

Go to the Top