لماذا تغطي المرأة شعرها

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: لماذا تغطي المرأة شعرها
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: لماذا تغطي الفتاة شعر رأسها ؟ وما فائدة ذلك ؟ وما الذي سيحدث إن لم تغطي الفتاة شعر رأسها ؟.
تأريخ الإضافة: 2011-02-24
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/335474
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەشكە بۇيرۇلىدۇ؟
758 KB
فتح: نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەشكە بۇيرۇلىدۇ؟.doc
2.
نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەشكە بۇيرۇلىدۇ؟
344.7 KB
فتح: نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەشكە بۇيرۇلىدۇ؟.pdf
نبذة موسعة

 

نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەشكە بۇيرۇلىدۇ؟

 

6244-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەيدۇ؟ چاچنى يۆگەشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئەگەر ئاياللار چېچىنى يۆگىمىسىچۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ-سانالار  ئاللاھقا بولسۇن.

ئاياللارنىڭ چېچىنى يۆگىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىگە خىلاپلىق ۋە ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىش، مۇسلىمە ئاياللار ئۇچۇن دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللارغا ھىجابنى پەرز قىلىشى ناھايتى كاتتا بىر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئىپپىتى ۋە شان-شەرىپىنى ئىنسانىي بۆرىلەرنىڭ مەززىلىك بىر لوقما غىزاسىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۇچۇندۇر.

بۇ ئىلاھى ھېكمەت ئوچۇق يۇرگەن ئاياللاردا يوق بولۇپ، ئۇلار شەيتانى بۆرىلەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن خالىغانچە ئۆزىدىن بەھرىلىنىشكە چاقىرغانلىق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ: «بۇنداق قىلغاندا (يەنى ھىجابلانغاندا) ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 59-ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىر قىسمى].

ئەگەر قىز-خانىملار ھىجابلانسا پاسىق-پاجىرلار ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوۋ نىشانى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلارنى بولسا ئاللاھ ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدۇ ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ.

ھىجابسىز ۋە يىرىم-يالىڭاچ يۇرگەن ئاياللار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ناھايتى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-نومۇرلۇق ھەدىس].

مۇسلىمە قىز-خانىملار بارلىق ئىشلىرىدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن ياشىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللار ئۇستىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەردە ئۆزى ۋە ئائىلىسى، جەمئىيىتى قاتارلىقلارغا ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەت بارلىقىنى بىلىشى كېرەك.

شۇنىسى ئېنىقكى ئاياللارنىڭ چېچىنى ئوچۇق قويۇشى، ئەرلەر ئۇچۇن پىتنە بولۇپ، بەزى قارا نىيەت تاماخورلارنىڭ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسلام بولسا پىتنە-پاسات، تاجاۋۇزچىلىق ۋە شەيتانى شەھۋەتلەرنىڭ تەسىرىدىن خالى پاك-پاكىز جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن قىز-خانىملارنىڭ چاچلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى، پىتنىگە سەۋەپ بولۇپ، يامان غەرەزلىكلەر ئۇچۇن يول ئىچىپ بېرىدۇ.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمىزكى؛ ئىسلام بولسا ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇش بولۇپ، مۆمىن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلمىسىمۇ، ھەمدە ئەقلى قانائەت ھاسىل قىلمىسىمۇ ئىجرا قىلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى ھەرقانداق شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئۇستىگە قويۇش كېرەك. ئىبادەت ئىتائەت ۋە بويسۇنۇش ئۇستىگە قۇرۇلغاندۇر.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن ھەقىقەتنى ھەق كۆرسىتىپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشىمىزنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىزنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمىز.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

Go to the Top