دعوة إلى الجنة

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: دعوة إلى الجنة
اللغة: أيغوري
الكاتب: عيد العنزي
نبذة مختصرة: في هذه المقالة يبين الكاتب بعض فضائل الأعمال التي يتقرّب بها العبدُ إلى الله - سبحانه وتعالى – والفوز بالجنة والنجاة من النار واستشهادا على ذلك من أحاديث النبي - صلى الله عليه وسلم – الصحيحة .
تأريخ الإضافة: 2011-02-07
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/333780
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
جەننەتكە چاقىرىق
336.1 KB
فتح: جەننەتكە چاقىرىق.pdf
2.
جەننەتكە چاقىرىق
738.5 KB
فتح: جەننەتكە چاقىرىق.doc
نبذة موسعة

جەننەتكە چاقىرىق

 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 221-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

1-ئاللاھقا ئەڭ يېقىن ھالەتتە بولۇشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

2-ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىش مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ.» [ئالبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].

3-جەننەتتە ئۆيىڭىز بولۇشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا مەسجىد سالسا، ئاللاھ ئۇ كىشى ئۇچۇن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ئاتا قىلىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

4-ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر لوقما تائام يېسىمۇ، بىر يۇتۇم سۇ ئىچسمۇ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقان كىشىدىن ئاللاھ رازى بولىدۇ.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].

5-دۇئالىرىڭىزنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدا قىلىنغان دۇئا  ئىجابەت قىلىنىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

6-بىر يىل تولۇق روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى ئېلىشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇلسا، رامىزاندىن كېلەر رامىزانغىچە نەپلە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابى بولىدۇ.» [ئالبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].

7-تاغكەبى ساۋابقا ئېرىشىشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى جىنازىغا كېلىپ نامازغا قاتناشسا، ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر قىيرات ئەجىر بېرىلىدۇ. نامازدىن كىيىن ھەتتا مېيىت يەرلىكىگە قويۇلۇپ بولغۇچىلىك بىللە بولسا ئىككى قىيرات ئەجىر بېرىلىدۇ». ئىككى قىيرات دېگەن نېمە؟ دەپ سورالغىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى قىيرات دېگەن چوڭ ئىككى تاغدەك ئەجىردۇر» دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

8-جەننەتتە پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن ۋە يېتىمنى كاپالىتىگە ئالغۇچى جەننەتتە مانا مۇشۇنداق بولىمىز.» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى].

9-ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى ياكى كېچىسى ناماز ئوقۇپ كۈندۇزى روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ماڭا ئىككى ساقىلىنىڭ ئارىسىنى(يەنى ئاغزى ۋە تىلى) ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىنى (يەنى ئەۋرىتىنى) ھارامدىن ساقلاشقا كېپىللىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

10-ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئەمەللىرىڭىزنىڭ داۋاملىشىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسى ۋاپات تاپقۇزۇلغاندىن كىيىن، ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ. 1- ساۋابى يىتىپ تۇرىدىغان سەدىقە. 2- مەنپەئەتلىك ئىلىم. 3- ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرزەنت.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

11-جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىرىگە ئىگە بولۇشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كۈچ- قۇۋۋەت پەقەت يېگانە  اﷲ قىلا مەنسۇپتۇر» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.

12-كېچىچە تەھەججۈد ئوقۇغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، يىرىم كىچە نامازغا تۇرغانغا باراۋەر، كىمكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا ، پۈتۈن كىچە نامازغا ئوقۇغانغا باراۋەر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

13-بىر مىنۇت ئىچىدە قۇرئاننىڭ ئۇچتىن بىرنى ئوقۇشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىخلاس سۈرىسى (ئەجرىدە) قۇرئاننىڭ ئۇچتىن بىرىگە باراۋەردۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

14-ياخشىلىقلىرىڭزنىڭ تارازىدا ئېغىر كېلىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«تىلغا يېنىك، تارازىغا ئېغىر، شەپقەتلىك ئاللاھقا سۆيۈملۈك ئىككى كەلىمە بولۇپ، ئۇ "ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن" ۋە "ئۇلۇغ ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن"» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى].

15-ئۆمرىڭىزنىڭ بەرىكەتلىك ۋە رىزقىڭىزنىڭ ئاسان كېلىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئۆمرىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشى ۋە رىزقىنىڭ ئاسان قولغا كېلىشىنى خالىسا سىلە-رەھىمنى يەتكۈزسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى].

16-ئاللاھنىڭ سىز  بىلەن ئۇچرىشىشىنى ياخشى كۆرۈشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھمۇ ئۇ بەندە بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

17-ئاللاھنىڭ سىزنى قوغدىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بامدات نامىزى ئوقۇسا ئۇ بەندە ئاللاھنىڭ كاپالىتىدە بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

18-گۇناھلىرىڭىزنىڭ ھەرقانچە كوپ بولسىمۇ مەغپىرەت بولىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا يۈز قېتىم: "ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن" دېسە، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى گەرچە دېڭىزنىڭ كۆپۈكلىرىدەك كۆپ بولسىمۇ ئۆچۈرۈلىدۇ.» [ئالبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].

19-دوزاخ بىلەن ئارىلىقىڭىزنىڭ يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يراقلىشىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ«كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇ بەندىسىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

20-ئاللاھنىڭ سىزگە سالام يوللىشىنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ماڭا بىر سالام يوللىسا ئاللاھ ئۇ  كىشىگە ئون سالام يوللايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

21-ئاللاھنىڭ مەرتىۋىڭىزنى يۇقىرى قىلىشنى خالامسىز؟.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمىكى ئاللاھقا كەمتەر بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

الترجمات ( 2 )
Go to the Top