دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ17/2/1432ھـ 2011-يىلى01-ئاينىڭ21-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىنى تۇتمىغانلىقى، بۇ كۇلپەتلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيۇپ، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قىممەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2011-01-27
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/333184
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى
1.2 MB
: دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى.doc
2.
دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى
415.6 KB
: دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھالاكىتىنىڭ سەۋەبلىرى

 

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى "ئىسلام ئۈممىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايرىمچىلىق، بۆلۈنۈش، سۈپەتلەش قېيىن بولغان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە پىتنىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال باشقا مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇشۇ كۈندە ئىسلام ئۈممىتى ھۆكۈمرانلىرى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار  ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، مىللەتنىڭ بىشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەملەرنى يەڭگىللىتىدىغان، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان، ئىسلام ئۈممىتىگە ھەممە تەرەپتىن يامراپ كەلگەن پىتنە-پاسات ۋە بۇزۇقچىلىقنى چەكلەيدىغان بىر كۈچكە ناھايىتى بەك ئېھتىياجلىق.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېزىلگەن، ماددى ۋە مەنىۋىيىتى يىمىرىلگەن، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ماھىيەتتە مۇسۇلمانچىلىقتىن يىراقلاشتۇرۇلغان گاڭگىراش ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىسلاھاتقا چاقىرغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى شۇئارلىرىنى ئاڭلىسىمۇ ئەمما ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەسلى پرىنسىپى، خۇسۇسىيىتى ۋە مۇستەھكەم ئاساسىغا مۇۋاپىق ئىسلاھات ئىلىپ بارىدىغان  ھەقىقى ئىسلاھاتچىنى تاپالمىدى.

ئى ئىسلام ئۈممىتى! ئى مۇسۇلمان رەھبەرلىرى! ئى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە تاللىغان، پەيغەمبىرىڭلار  بايان قىلىپ بەرگەن توغرا پرىنسىپقا ئەگىشىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى.

ھازىر مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇسىبەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يىراقلىشىش، ئاشكارا-يوشۇرۇن گۇناھ-مەسىيەت ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ تارقىلىشى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى قۇرئان-ھەدىس روھىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزى تۈزۈپ چىققان قانۇنلار بىلەن باشقۇرۇش، مېدىيا-تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا دىنسىزلىق ۋە توغرا يولدىن بۇرمىلايدىغان پرىنسىپلارنى تارقىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى اﷲ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، اﷲ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ.» [سۈرە پەتھى 17-ئايەت].

ئۇلار ئاللاھنىڭ توغرا پرىنسىپىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، اﷲ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى.» [سۈرە رۇم 41-ئايەت].

تەپسىرشۇناسلار يۇقىرىقى ئايەتنى شەرھىلەپ: "ئاپەت كېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ قىيىنلىشىشى، قۇرغاقچىلىق، سەل كېلىش، ئوت كېتىش، بەرىكەتنىڭ يوقىلىشى، تۈرلۈك زىيانلارنىڭ كۆپ بولىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، زۇلۇمنىڭ تارىلىشى ۋە تۈرلۈك يېڭى كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشى" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ھەقىقى نەزەر سالغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتنى تۈرلۈك بالا-مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.

ئىمام بۇخارى ئەبى مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلەك كىشىلەر زىنا-پاھىشە، ئىشلارنى، ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىم كىيىشىنى، ئەيشى-ئىشرەتنى ۋە ھاراقنى ھالال دەپ قارايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋاتىدۇ ياكى سۈرىتىنى توڭگۇز ياكى مايمۇنغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ».

بۇ ھەدىستىن: گۇناھ-مەسىيەتنى ھالال دېگەن ئىتىقاد بىلەن قىلغانلارنىڭ دۇنيادا ئىككى تۈرلۈك ئازاب بىلەن ھالاك قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ بىرى يەرتەۋرەش يەنە بىرى شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئىبارەت.

بۇ ھەدىستىن مەلۇم بولدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، بالا-مۇسىبەتتىن ساقلىنىشنىڭ ئىلاجى پەقەت ئاللاھ قۇرئان-كىرىمدە بايان قىلغاندەك ئاللاھقا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زېمىندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ غەيرى بىلەن ھۆكۈم قىلىنغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە نامراتچىلىق  ۋە تەپرىقچىلىك تارقىلىدۇ.» [تەبەرانى رىۋايىتى].

ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بەلكى پۈتۈن ئالەمگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتىنىڭ بىرى ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن مېھرىبان، كۆيۈمچان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى ۋە ئۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ھاياتىنى توغرا يۆلۈنىشكە باشلايدىغان ۋە ئۇلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە يەتكۈزىدىغان توغرا پرىنسىپنى بايان قىلىپ بېرىشتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئاللاھنىڭ بۇيرىغان ئەلچىلىك ئامانىتىنى تولۇق يەتكۈزدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق يۆنىلىشىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، توغرا پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.» [سۈرە نۇر 63-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: «مېنىڭ بۇيرىقىمغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار خارلىق- رەسۋالىقىغا دۇچار قىلىندى.» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەپ قۇرئان-سۈننەتنىڭ روھى بىلەن ھايات كەچۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىيلىقىمىزنى ئىسپاتلاشقا مۇيەسسەر قىلسۇن. ئامىن...


 
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 7 )
Go to the Top