ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ھۇزەيپى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 13/12/1431ھـ 2010-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمان ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق خوشاللىنىدىغانلىقى، ھەج پائالىيىتىدىكى بەزى خۇسۇسىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق قېممەتلىك نەسىھەتلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-11-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/328564
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
384.5 KB
: ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ.doc
2.
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ
315.5 KB
: ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەللا مەنپەئەت بېرىدۇ

 

2010-يىلى 11-ئاينىڭ19-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "ھەقىقى خۇرسەنلىك گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىپ ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ھەقىقى خۇرسەنلىك ياخشى كۆرگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىنتىلىش پاك نەپسنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، قەلب بۇنىڭغا مايىل بولىدۇ. ئەقىل ئىگىسى ئىنسان بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنساننىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش بىلەن سايىدەك تىز يوقىلىدىغان دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىگە رىغبەتلىنىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. چۈنكى ھەقىقى خۇرسەنلىك ۋە كاتتا نىجاتلىق پەقەت گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ساقلىنىپ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خوشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان دۇنيا-ماللىرىدىن ياخشىدۇر». [سۈرە يۇنىس 58-ئايەت].

ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى(بىرلىك ھەم بارلىقىنى)، ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى، دۇئا، مەيلى ئاللاھتىن ياردەم سوراش بولسۇن ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىش كېرەك. چۈنكى تەۋھىد دىننىڭ ئاساسىدۇر. ناماز ۋە نامازدىكى خاتىرجەملىكنى قوغداش، ئۇنى رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن  يول بىلەن ئوقۇش لازىم. كىمكى نامازنى دۇرۇس قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى دۇرۇس بولىدۇ ۋە دۇنيا ئاخىرەتتىكى كۈنلىرى بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ھاجىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى خوشال كەيپىيات ئىچىدە تۈگىتىپ، ئۆز ئانا دىيارىغا قايتىشماقتا. ھاجىلار ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى ۋە ھەجنى تۈگەتكەندىن كىيىنكى ئىمانى ئۆزۈقنى داۋاملىق كۈچلاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۆز مىللىتى ئارىسىدا ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا ئۈلگە بولىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ھەج قىلغۇچى كىشى ھەج پائالىيىتى جەريانىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىق قېرىنداشلىق ۋە ئەپۇچانلىقنى ھاياتىدا ئۈلگە قىلىپ ياشىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئۆز ئارا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى قوغداش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى. ئسلامىي قېرىنداشلىقنى قوغداش ئارقىلىق ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش ۋە ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇمكىن.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top