دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن)

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن)
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: «دىن دېگەن نېمە؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، دىننىڭ ماھىيىتى ۋە بەندىلەر ئۈستىدىكى ئاللاھ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، ئىسلام ۋە كۇفىر، شېرىك ۋە بىدئەت قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-10-13
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/322893
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە - ساۋاھىلچە - ئەمھەرىچە - ئىفرىيچە - تىگرىنىيەچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن)
363.5 KB
: دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن).doc
2.
دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن)
108.4 KB
: دىن دېگەن نېمە؟ (بالىلار ئۈچۈن).pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

دىن دېگەن نېمە؟

[بالىلار ئۈچۈن]

كېچىك دوستلار بۇ دەرسىمىزدە دىن نېمە ئۇقۇمنى بېرىدۇ؟ دېگەن مەزمۇن بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانىمىز جەننەتتىن زېمىنگە چۈشۈرۈلگەندىن كىيىن، يېڭى بىر مۇھىتتا ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئەمما ئۇلار ئۇ يەردە نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىشلارنى قىلسا ساۋاپ، نېمە ئىشلارنى قىلسا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ سەۋەبلىك ئىنسانى ھاياتقا كېرەكلىك بولغان ئىشلارنى كىمدۇر بىرسىنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززا قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا زېمىنگە جەبرائىل ناملىق پەرىشتىنى ئادەم ئاتىمىزغا ئەۋەتتى. ئاللاھ جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋىيىتىگە پايدىلىق بولغان ئىلىملەرنى ئۆگەتتى. ئادەم ئاتىمىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلدى. ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا ئاللاھنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىغا بىرلىكتە ئەمەل قىلغاندىن سىرت ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىنى تەلىم بەردى.

ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن خەۋەر، ئىلىم، بۇيرۇق ۋە نەسىھەتلەر دىن دەپ ئاتىلىدۇ. دىنگە قانداق ئەمەل قىلىشنى پەيغەمبەر كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۇ زاتقا ئىمان كەلتۈرىدۇ ۋە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق دىنغا تولۇق ئەمەل قىلىدۇ.

ئىبادەت قىلىش ئۇقۇمى، ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىك يەنى تولۇق قۇللۇق قىلىش دېگەن چۈشەنچىنى بېرىدۇ. ئىبادەت ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، سەدىقە بېرىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا سىلە-رەھىمنى ئۇزۇپ قويماسلىق، پايدىلىق ئىلىملارنى ئۈگۈنۈش، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىگە چاقىرىشقا ئوخشىغان دىنىمىزدا ساۋاپ ئۈمىد قىلىنىشى تەكىتلەنگەن ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر. مۇسۇلمان ئىبادەت قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۆزىنى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئەمەلنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان بولىدۇ. مۇسۇلمان ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن كەيپىياتتا بولىدۇ.

دىنىمىزدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئادەم مۆمىن، مۇسۇلمان دېيىلىدۇ. مۆمىن مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرگە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ. كەمبەغەل-يوقسۇللارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىنى تۇتقان مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزلىرىدە نۇر ۋە ئۆيلىرىدە بەرىكەت بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بالايى ئاپەتلەردىن ساقلايدۇ. قىيامەتتە ئۇلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

ئاللاھنىڭ دىنىگە كىرمىگەن ياكى كىرىشتىن باش تارتقان ئىنسانلار كاپىر ياكى دىنسىز دېيىلىدۇ. بەزى ئادەملەر ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىدۇ، بۇ شېرىك دەپ ئاتىلىدۇ. شېرىك ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم مۇشرىك دېيىلىدۇ. مۇشرىكلار ھەر-خىل يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. كاپىر ۋە مۇشرىكلار شەيتاننىڭ يولىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار گۇناھ ئىشلارنى قىلىدۇ، ھارام نەرسىلەرنى يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى ھەر-خىل ئازابلارغا دۇچار بولىدۇ. قىيامەتتە دوزاخ بىلەن جازالىنىدۇ.

مۇسۇلمانلار ئىچىدىن بەزى كىشىلەر قۇرئان ۋە ھەدىستە يەنى شەرىئەتتە ئەسلى بولمىغان نەرسىلەرنى ئىسلام دىنىدىن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ، بۇنداق ئىشلار بىدئەت دەپ ئاتىلىدۇ. بىدئەتنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مۇسۇلمانلار يامان كۆرىدۇ. بىدئەت ئەمەل ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ. ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشى، ئاللاھقا خالىس قىلىنىش بىلەن بىرگە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

خۇلاسە:

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پرىنسىپنى دىن دەپ ئاتايمىز. ئىنسانلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئېتىقاد چۈشەنچىسى شېرىك دەپ ئاتىلىدۇ. شەرىئەتتە ئەسلى بولمىغان ئىبادەت تۈسى ئالغان ئويدۇرما ئەمەللەر بىدئەت دېيىلىدۇ.

-----------------------------------------------------------------

قېنى كىچىك دوستلار! تۆۋەندىكى سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب تېپىپ باقايلى:

1 -دىن دېگەن نېمە؟

2 -ئىبادەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

3 -ئاللاھ نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى دىن قىلىپ بېكىتتى.

4 -مۇسۇلمان دەپ كىمنى ئېيتىمىز؟

5 -كاپىر، مۇشرىك، شېرىك ۋە بىدئەت ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top