ئاللاھ تائالا كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن)

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھ تائالا كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن)
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: نىزامىددىن تەمكىنى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: «ئاللاھ تائالا كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان ھېكايە تۈسى ئالغان بۇ ئەسەر، كېچىك دوستلارنىڭ بىزنى كىم ياراتقانلىقى؟ نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقى؟ نېمە ئۈچۈن رەببىمىزنى تونۇشىمىز كېرەكلىكى؟ كائىناتنى كىم كونترول قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان ئاللاھ توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-10-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/322436
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاللاھ تائالا كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن)
382.5 KB
: ئاللاھ تائالا كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن).doc
تەپسىلى چۈشەنچە

ئاللاھ تائالا كىم؟

(بالىلار ئۈچۈن)

كېچىك دوستلار كېلىڭلار قېنى! بىزگە ھاياتلىق بىغىشلىغۇچى رەببىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ رەببىمىز. ئۇ زات بىزنى ياراتقۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ پۈتۈن كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنى ياراتتى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى پەرۋىش قىلىدۇ، ئۆستۈرىدۇ ۋە رىزىق بېرىدۇ. ئۇ زات كائىناتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھنى ھېچكىم ياراتمىغان. ئاللاھ ئاۋۋالدىن بار ئىدى. بىز ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى ئارقىلىق تونۇيمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىمىز. ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى باردۇر. ئاللاھ ئاسماندا (يەنى ئەرىش ئۇستىدە ئۆز ئۈلۈغلىقىغا لايىق رەۋىشتە ئورۈن ئالغان).

ئاللاھ تائالا يەككە-يىگانىدۇر. ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى ۋە ياردەمچىسى يوق. ئۇ ياردەمچى ۋە باشقا نەرسىلەرگە مۇھتاج ئەمەس. ئۇ تۇغۇلمىغان ۋە تۇغمىغان، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئاتا-ئانا، خوتۇن ۋە پەرزەنتكە ئېھتىياجى يوق. ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئوخشىشى يوق ۋە ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيدىغان ھېچكىم يوق.

ئاللاھ تائالا مەڭگۈ ھاياتتۇر. ئۇ ھېچقاچان ئۆلمەيدۇ ۋە ئۇخلىمايدۇ ۋە مۈگىدەپ قالمايدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھەممە نەرسە ئۆلىدۇ. ئاللاھ خالىغان نەرسىنى تىرىلدۈرىدۇ ۋە خالىغان نەرسىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئادەملەر، جىنلار، ھايۋاناتلار، ئۇچار قۇشلار، بېلىقلار، ھاشاراتلەرمۇ ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەردۇر. مەخلۇقاتلار ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھقا مۇھتاج بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جىسىم، روھ، ھاۋا، سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق رىزىق قىلىپ بېرىدۇ.

ئاللاھ ئىنسانلارغا مېھرىباندۇر. ئاللاھ زېمىندىكى بارچە نەرسىلەرنى ئىنسانلارغا خىزمەت قىلسۇن دەپ ياراتقان. ئاللاھ شامال ۋە بۇلۇتلارنى ئەۋەتىدۇ. قار-يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ. ئوكيان-دېڭىزلارنى سۇ بىلەن تولدۇرىدۇ ۋە دەريا ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزىدۇ. دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئادەملەر نان ۋە خېمىر تاماقلىرىنى قىلسۇن دەپ بۇغدايلارنى يىتىشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئىنسانلار ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدىن پايدىلانسۇن دەپ گۈللەرنى ئىچىلدۇرىدۇ ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى پىشۇرىدۇ. بىزنىڭ پىشۇرۇپ يېيىشىمىز ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك ھالال ھايۋانلارنى يارىتىدۇ. يەردىن پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاغرىپ قالساق شىپالىق بېرىدۇ. بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈمىز. ئاللاھ بىزگە بەك مېھرىبان.

ئاللاھ ھەممىدىن قۇدرەتلىك. ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. قۇياش ۋە ئاي-يۇلتۇزلار، بىر بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كەتمەستىن سىستېمىلىق ھالدا، ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن يولىدىن چىقماستىن سەيىر قىلىدۇ. بەزىدە ئۈستىمىزدە ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقىدۇ. بەزىدە يەر تەۋرەپ، ئۆي-ئىمارەتلەر يىقىلىدۇ ۋە ئادەملەر ئۆي ئاستىدا قالىدۇ. بەزىدە كەلكۈن كېلىپ ھەممە نەرسىنى سۇ بېسىپ كېتىدۇ.

كىچىك دوستلار! بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىم قىلىدۇ؟. ئاللاھ!. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم قىلالمايدۇ. بىز ئاللاھتىن قورقىمىز. ئاللاھ چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلايدۇ ۋە كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاللاھ زېمىن ئۇستى ۋە ئاستىدا، ئاسماندا بولاۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ ۋە كۇزۇتۇپ تۇرىدۇ. پىچىرلاپ قىلىشقان گەپلەرنىمۇ ئاڭلايدۇ. زۇلمەت قاراڭغۇدا ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان زەررىلەرنىمۇ كۆرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىدىكى نىيەتلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ كۆرۈپ تۈرىۋاتىدۇ.

ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق. ئاللاھ دېگىنىمىز؛ ئىبادەت ۋە چوقۇنۇشقا ھەقلىق بولغان زاتتۇر. ئىبادەت بولسا، ناماز قىلىش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش، ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش، سەدىقە قىلىش، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنى تونۇشى ۋە قورقۇشى، ئۇ زاتقا ئىبادەت قىلىشى لازىم. ئەگەر بىز رەببىمىزنى ياخشى كۆرسەك ئۇ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز لازىم. ئاللاھ بىزنى بالا-قازادىن ساقلايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. ياخشى كىشىلەر باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىدۇ.

قېنى كېچىك دوستلار! سىز ياخشى ئوقۇپ ياراتقۇچىڭىزنى تونۇپ، ئىنسانلارنى ياخشىلىق ۋە ھىدايەتكە چاقىرىدىغان سالىھ كىشىلەردىن بولۇشقا بەل باغلامسىز؟ سىز چوقۇم ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن ياخشى كىشىلەردىن بولالايسىز.

خۇلاسە: ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ رەببىمىز. كائىناتتىكى بارچە ئىشلارنى ئۇ باشقۇرىدۇ. ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق ئىلاھ يوقتۇر. بىز ئاللاھقا ئىشىنىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز. بىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمىز.

قېنى بالىلار تۆۋەندىكى سوئاللارغا بىز بىرلىكتە جاۋاب تاپايلى:

1- ئاللاھ قانداق زات؟ ئاللاھ نەدە؟

2- ئاللاھنى نېمە ئۈچۈن بىلىشىمىز كېرەك؟

3 - ئاللاھ بىزنى نېمە ئۇچۇن ياراتقان؟

4- بىز ئاللاھقا قانداق ئىمان ئېيتىمىز؟

5- ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top