الثبات على الطاعات ما بعد رمضان

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: الثبات على الطاعات ما بعد رمضان
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة ألقها فضيلة الشيخ الدكتور عبد المحسن القاسم في المسجد النبوي 1/10/ 1431هجري والتي تحدث فيها عن فضائل الأعمال ما بعد رمضان، كيفية الثبات على الطاعات بعد رحيل الشهر الكريم، وبعض علامات قبول العمل، وفضل الصيام النوافل وغيرها من الأمور التي تحث العبد على العبادة .
تأريخ الإضافة: 2010-09-20
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/321514
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
379 KB
فتح: رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا.doc
نبذة موسعة

رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

2010 -يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئايلار، كۈنلەر ۋە يىللار ئۆمۈرنىڭ مىزانى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئايلار، كۈنلەر ۋە يىللار ئۆمۈرنىڭ مىزانى ۋە ئەمەللەرنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئەمەللىرى ساقلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى بۇ ئەمەللەر ئۆز ساھىبى بىلەن بىللە چاقىرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ». [سۈرە ئال-ئىمران 30-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ھەدىس قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : «ئى بەندىلىرىم ! پەقەت ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن. ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە ئاللاھغا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى].

سىلەر ياخشىلىقنىڭ سەردارى بولغان مەرھەمەتلىك ئايدا بولدۇڭلار، كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ تۈرلۈك تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلدىڭلار، بۇ كۈنلەر ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى، ھايات باسقۇچىمىزدىن بىر ئاي ئاخىرلاشتى. يەنى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشتى. بۇ ئاينى كۈتكەن نۇرغۇن كىشىلەر ئاينى تاماملاشتىن بۇرۇن دۇنيادىن كېتىپ قالدى. يەنە بىر رامىزاننى ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر ئارزۇسىغا يېتەلمىدى. بىزنىڭ ھايات باسقۇچىمىز بىركۈن-بىركۈندىن ئۆتۈپ ئاخىرەت دىيارىغا قىلىدىغان سەپىرىمىز يېقىنلاشماقتا، رامىزان ئېي بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى ئىلىپ كەتتى، بۇ ئايدا قىلغان سۆز-ئەمەللىرىمىز پېچەتلەندى. ياخشى ئىش قىلالمىغانلار نامە-ئەمەل سەھىپىسى قاتلىنىپ تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭلار. ئەمما رامىزاننى ياخشى ئەمەل، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلار ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ ياخشى ئەممەللىرىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. بىر-بىرىگە ئەگىشىپ كەلگەن تائەت-ئىبادەتلەر، خەير-ئېھسان ۋ ە ياخشىلىقلار نېمىدېگەن گۈزەل!. مەڭگۈ بىرگە بولىدىغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىڭلار، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، چۈنكى ئاللاھ پەقەت ئۆزىدىن ئەيمەنگەن كىشىلەرنىڭلا ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ياخشىلىقتىن كېيىن قىلىنغان ناچار ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن يامان ھە!. گەرچە ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسىمۇ بەزى يامانلىقلارمۇ قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش شەرىئەتنىڭ ئاساسى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى بولۇپ بۇ ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. ئىنسان ئۆز نەپسىنى رامزاندىن كېيىنمۇ قۇرئان-سۈننەتنىڭ توغرا پىرىنسىپى بويىچە ئىدارە قىلىشى لازىم. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەقەت رامىزانغىلا خاس ئەمەس بەلكى ئىنسان دۇنيادىن ئايرىلغىچە داۋاملىشىدۇ. رامىزاندا قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئەكسى بولسا زىيانكارلىقتۇر. ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ ئالامىتى ياخشىلىقتىن كىيىن ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر، بۇنىڭ ئەكسى بولسا ياخشىلىقتىن كېيىن يامانلىققا يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر.» [سۈرە ھۇد 114-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھقا تەقۋادار بولغىن، يامانلىقتىن كېيىن قىلغان ياخشىلىق ئىلگىرىكى يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن». [تىرمىزى رىۋايىتى 1987-ھەدىس].

رامزاندىن كېيىن تائەت-ئىبادەتكە سەل قاراپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار دىققەت قىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئايدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلاردىن رازى بولىدۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلىدۇ. مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىش پۈتۈن ھاياتىنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. مۇسۇلماننىڭ مەلۇم ۋاقىت ياكى ئايلارنى خاسلاشتۇرىۋالماستىن تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.

رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئەمما باشقا ئايلاردا روزا تۇتۇش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۈشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «دۈشەنبە-پەيشەنبە بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھقا توغرىلىنىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە ئاللاھقا توغرىلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن». [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى]. مۇسۇلمانلار رامزانغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن يەنە شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1164-ھەدىس].

رامزاندا كېچىلىك ناماز ئاخىرلاشقان بولسا يىلنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا ھەر كېچىسى تەھەججۈد نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، سورىغان كىشىگە تىلىگىنىنى بېرىمەن، ئىستىغپار ئېيتقان كىشىنى كەچۈرۈم قىلىمەن دەيدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ داۋام قىلغىنىدۇر، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ۋە رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنى ھەرۋاقىت ئىخلاس بىلەن قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن.

انظر أيضاً ( 1 )
موضوعات متعلقة ( 4 )
Go to the Top