رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ1/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى، رامىزاندىن كىيىن ئىبادەتكە بولغان قىزغىنلىقنى قانداق ساقلاپ قىلىش كېرەكلىكى، ئەمەلنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى، نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-09-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/321513
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا
379 KB
: رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

2010 -يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە "ئايلار، كۈنلەر ۋە يىللار ئۆمۈرنىڭ مىزانى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئايلار، كۈنلەر ۋە يىللار ئۆمۈرنىڭ مىزانى ۋە ئەمەللەرنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئەمەللىرى ساقلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى بۇ ئەمەللەر ئۆز ساھىبى بىلەن بىللە چاقىرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ». [سۈرە ئال-ئىمران 30-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ھەدىس قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : «ئى بەندىلىرىم ! پەقەت ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن. ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە ئاللاھغا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى].

سىلەر ياخشىلىقنىڭ سەردارى بولغان مەرھەمەتلىك ئايدا بولدۇڭلار، كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ تۈرلۈك تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلدىڭلار، بۇ كۈنلەر ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى، ھايات باسقۇچىمىزدىن بىر ئاي ئاخىرلاشتى. يەنى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشتى. بۇ ئاينى كۈتكەن نۇرغۇن كىشىلەر ئاينى تاماملاشتىن بۇرۇن دۇنيادىن كېتىپ قالدى. يەنە بىر رامىزاننى ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر ئارزۇسىغا يېتەلمىدى. بىزنىڭ ھايات باسقۇچىمىز بىركۈن-بىركۈندىن ئۆتۈپ ئاخىرەت دىيارىغا قىلىدىغان سەپىرىمىز يېقىنلاشماقتا، رامىزان ئېي بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنى ئىلىپ كەتتى، بۇ ئايدا قىلغان سۆز-ئەمەللىرىمىز پېچەتلەندى. ياخشى ئىش قىلالمىغانلار نامە-ئەمەل سەھىپىسى قاتلىنىپ تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭلار. ئەمما رامىزاننى ياخشى ئەمەل، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلار ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ ياخشى ئەممەللىرىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. بىر-بىرىگە ئەگىشىپ كەلگەن تائەت-ئىبادەتلەر، خەير-ئېھسان ۋ ە ياخشىلىقلار نېمىدېگەن گۈزەل!. مەڭگۈ بىرگە بولىدىغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىڭلار، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، چۈنكى ئاللاھ پەقەت ئۆزىدىن ئەيمەنگەن كىشىلەرنىڭلا ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ياخشىلىقتىن كېيىن قىلىنغان ناچار ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن يامان ھە!. گەرچە ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسىمۇ بەزى يامانلىقلارمۇ قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش شەرىئەتنىڭ ئاساسى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى بولۇپ بۇ ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. ئىنسان ئۆز نەپسىنى رامزاندىن كېيىنمۇ قۇرئان-سۈننەتنىڭ توغرا پىرىنسىپى بويىچە ئىدارە قىلىشى لازىم. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەقەت رامىزانغىلا خاس ئەمەس بەلكى ئىنسان دۇنيادىن ئايرىلغىچە داۋاملىشىدۇ. رامىزاندا قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئەكسى بولسا زىيانكارلىقتۇر. ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ ئالامىتى ياخشىلىقتىن كىيىن ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر، بۇنىڭ ئەكسى بولسا ياخشىلىقتىن كېيىن يامانلىققا يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر.» [سۈرە ھۇد 114-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەيەردە بولساڭ ئاللاھقا تەقۋادار بولغىن، يامانلىقتىن كېيىن قىلغان ياخشىلىق ئىلگىرىكى يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ. كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن». [تىرمىزى رىۋايىتى 1987-ھەدىس].

رامزاندىن كېيىن تائەت-ئىبادەتكە سەل قاراپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار دىققەت قىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق ئايدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلاردىن رازى بولىدۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلىدۇ. مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىش پۈتۈن ھاياتىنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. مۇسۇلماننىڭ مەلۇم ۋاقىت ياكى ئايلارنى خاسلاشتۇرىۋالماستىن تائەت-ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.

رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئەمما باشقا ئايلاردا روزا تۇتۇش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۈشەنبە-پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «دۈشەنبە-پەيشەنبە بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ئاللاھقا توغرىلىنىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە ئاللاھقا توغرىلىنىشىنى ياخشى كۆرىمەن». [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى]. مۇسۇلمانلار رامزانغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاندا روزا تۇتۇپ ئاندىن يەنە شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1164-ھەدىس].

رامزاندا كېچىلىك ناماز ئاخىرلاشقان بولسا يىلنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا ھەر كېچىسى تەھەججۈد نامىزى ئوقۇش يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، سورىغان كىشىگە تىلىگىنىنى بېرىمەن، ئىستىغپار ئېيتقان كىشىنى كەچۈرۈم قىلىمەن دەيدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ داۋام قىلغىنىدۇر، ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر ۋە رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنى ھەرۋاقىت ئىخلاس بىلەن قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن.

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 4 )
Go to the Top