خەير-ساخاۋەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئالىجاناب گۈزەل ئەخلاقىدۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: خەير-ساخاۋەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئالىجاناب گۈزەل ئەخلاقىدۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتور ماقالىسىدا خەيرى-ساخاۋەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى، سەدىقىنىڭ تۈرلىرى ۋە پايدىلىرى، خەيرى-ساخاۋەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەت ئىسلاھاتىدىكى رولى، خەير-ساخاۋەت بىلەن گۈزەل ئەخلاق ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت قاتارلىق مەلۇماتلار ئۇستىدە توختىلىدۇ.

قوشۇلغان ۋاختى: 2010-09-16
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/321355
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
خەير-ساخاۋەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئالىجاناب گۈزەل ئەخلاقىدۇر
359 KB
: خەير-ساخاۋەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئالىجاناب گۈزەل ئەخلاقىدۇر.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

 

خەير-ساخاۋەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئالىجاناب گۈزەل ئەخلاقىدۇر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

تەقۋادارلىق(ئاللاھدىن قورقۇش)ۋە ئىنسانلارنى قىزغىن سۆيۈش، مېھرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە كەڭ قورساقلىقلاردىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلاردىكى مەۋجۇت ساغلام روھى ھالەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە شەخسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق، رەھىمسىزلىك، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىش، ئۆزىدىن غەيرىنى چۈشەنمەسلىك قاتارلىقلار كېسەللىك ھالىتىدۇر. ئاللاھنىڭ بىشارىتىگە، قۇرئان كەرىم روھىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە رىئايە قىلىش ھىدايەت ۋە تەۋپىقدۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سۈننەت سەدىقە بېرىش(خەير-ئېھسان قىلىش)دۇر. خەير- ئېھسان ئاتالغۇسى ناھايىتى مول مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئېھتىياجلىق كىشلەرگە پۇل-مال، كىيىم-كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، ماددىي بۇيۇم، ۋاقىت، ئەمگەك-مۇلازىمەت، بىلىم، پەن-تېخنىكا، ھېسسىيات ۋە ئىللىق تەبەسسۇم قاتارلىقلار بىلەن خەير-ئېھسان قىلسا بولىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ قايسىسى بىلەن سەدىقە قىلاي دېسىڭىز قىلالايسىز. سىز بۇ ئارقىلىق مەنپەئەتلەنگۈچىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرالايسىز ۋە كەيپىياتىغا خوشاللىق بېغىشلىيالايسىز.

ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى چىدامسىز، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن قىلىش ئارقىلىق ھەر بىر ئىنساننى سىناشنى ئىرادە قىلغاندۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى، ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا زارلانغۇچىدۇر. بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە مەئارىج 19-20-21- ئايەتلەر].

ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ھىدايەت ۋە تەۋپىققە باشلايدۇ. كەمچىلىكى ئۈستىدىن غالىپ كەلگۈچىلەر مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ.» [سۈرە مەئارىج 22-23-24-25 - ئايەتلەر]. ناماز ئوقۇيدىغانلار ئاللاھنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىدىغان مۆمىنلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى ناماز ھىدايەت يولىدا ماڭغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنى چىدامسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەير-ئېھساننىڭ چوڭقۇر سىرىنى بىلدۈرىدۇ.

خەير-ئېھسان قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى، ئىنسانلارنى قىزغىن سۆيۈدىغانلىقىنى ۋە باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەمەلىي پاكىتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان خوشنىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندە،  يېرىم كېچىدە بولسىمۇ تەبىئىلا قاتتىق تەشۋىشلىنىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن خەير-ئېھسان قىلغۇچىنىڭ بايلىقى ئازلاپ كەتمەي ئەكسىچە كۆپىيىدۇ. خەير-ئېھسان قىلغۇچى بۈيۈك ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. خەير-ئېھسان بايلىقنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل.» [مۇسىلىم رىۋايىتى]. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير-ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ).» [سۈرە بەقەرە 272-ئايەت]. خەير-ساخاۋەتتە ئىنسانىيەتكە ئۈلگە زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە بىر قوي بوغۇزلانغاندى، ئۇ  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۆيدە قانچىلىك گۆش قالغانلىقىنى سورايدۇ، ئائىشە: « پەقەت بىر ئالدى پۇت قالدى، باشقىسىنى خەير - ئېھسان قىلدۇق، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ياخشى، بۇ ئالدى پۇتتىن باشقا  قىسمىنىڭ ئەجرىگە ئېرىشتۇق»دەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى خەير - ئېھسان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. خەير - ئېھسان قىلغۇچى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل-مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى(چەكلىك ئەمەس)كەڭدۇر (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)». [سۈرە بەقەرە 261-ئايەت] .

يەنە بىر ئايەتتە: «ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» . [سۈرە سەبەئ 39-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە: «بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار». [سۈرە مۇناپىقۇن 10-ئايەت]. بېخىللارنىڭ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ ئۆلمەيدىغاندەك بايلىق يىغىپ، سەدىقە-ئېھسان قىلىشقا جۈرئەت قىلالماستىن ئۆلۈپ كەتكىنىدىن، يوقسۇلنىڭ قانائەت بىلەن ياشاپ خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلگەن ھالدا ۋاپات بولغىنى تېخىمۇ قىممەتلىك.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 92-ئايەت].

ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان خەير-ئېھسان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇلدۇر ۋە ئاللاھنى خۇشال قىلىدۇ. خەير-ساخاۋەت قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقلىنىشى زۆرۈر بولغان گۈزەل پەزىلەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خورمىنىڭ يېرىمى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلىش ئارقىلىق دوزاق ئازابىدىن ساقلىنىڭلار». [بۇخارى رىۋايىتى].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ ھاجىتىگە ئەزەلدىن ياق دەپ جاۋاپ بەرمەيتتى، قىيىنچىلىقى بارلار ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇ ھەتتا باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېھىر-شەپقەتلىك ئاللاھ مۇنداق دېدى: "ئى ئادەم ئەۋلادلىرى، خەير - ئېھسان قىلىڭلار، سىلەرگىمۇ خەير-ئېھسان قىلىنىدۇ " دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئى پەرۋەردىگارىم خەير-ئېھسان قىلغۇچىغا تولۇقلاپ بەرگىن دىسە، يەنە بىرى بېخىلدىن بەرىكەتنى كەتكۈزگىن دەپ تىلەيدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. خەير-ئېھسان قىلغۇچى كۆرۈنۈشتە چىقىم تارتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ چەكسىز ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. بايلىقى كۆپىيىپ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە تەڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، بالايە-قازالاردىن سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ھىمايە قىلىنسا، ئاخىرەتتە دوزاختىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

مۇسۇلمان خەير-ئېھسان قىلغاندا نىيىتى دۇرۇس، پوزىتسىيىسى نورمال، مەنپەئەتلەنگۈچىگە ياخشى ۋە سەمىمىي يېقىملىق مۇئامىلىدە بولىشى، مەيۇس، غەمكىن ئىپادىدە بولماسلىقى، زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم . سوۋغات ۋە خەير-ئېھسان قىلغاندا تەبەسسۇم ۋە رازىمەنلىك كەيپىياتىدا بولۇش، مەنپەئەتلەنگۈچىگە ھۈرمەت-ئېھتىرام تۇيغۇسىنى بەرسە، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ تائالا ساخاۋەتچىگە  ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلىپ، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق بەخش ئەتكۈسى.

ھەر كىشى خەير-ئېھساننى ئۆزىنىڭ تاقىتىگە ئاساسەن چامىنىڭ يېتىشىچە قىلسا بولىدۇ، كۈچەپ سەدىقە قىلىش ھاجەتسىز. خەير-ئېھسان قانچىلىك بولۇشتىن قەتئى نەزەر بىر چىن كۆڭۈل ۋە سەمىمىي نىيەتنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ (جازاسىمۇ) ئۆزىگىدۇر» دەيدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-بەت].

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى تەقۋادارلىققا يېتەكلەيدۇ. تەقۋادارلىقنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئىپادىسى ئاللاھ ئاتا قىلغان بايلىقنى جىددىي ئېھتىياجلىق ھاجەتمەنگە ۋاقتىدا خەير - ئېھسان قىلىشتۇر. خەير-ئېھسان قىلىش شەخسكە نىسبەتەن ئىبادەت بولسا، جەمئىيەتكە نىسبەتەن، جامائەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت قېرىنداشلىق روھىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. خەير-ئېھسان قىلىش مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ھەر بىر مۇسۇلمان خەير - ئېھسان قىلىشى لازىم - دېگەنىدى. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر يوقسۇزلۇقتىن خەير - ئېھسان قىلىش قولىدىن كەلمىسىچۇ؟ - دېيىلدى. رەسۇلۇللاھ: كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە نەپ يەتكۈزسۇن، دېدى. ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ قۇدرىتى يەتمىسىچۇ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ياردەمگە ئېھتىياجى بارلارغا ياردەم بەرسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىسۇن بۇمۇ خەير-ئېھسان قىلغانلىقتۇر» دېدى. [بۇخارى ۋ ە مۇسلىم رىۋايىتى].

The excellence of generosity ئاپتۇرنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلىنىپ ئەنۋەر بارات ئەپەندىم تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

//www.islamweb.net/emainpage/index.php?page=articles&id=151923


 

 

Go to the Top