ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ھۇمەيد
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 0/9/1431ھـ 2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇبارەك رامىزان ئېيى كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۆزىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، قەلب پاكلىقى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە قورقۇش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقى، ھەقىقى ئەھلى-ئىلىملارنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-08-22
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/320411
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق
376 KB
: ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق

2010-يىلى 08-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "ئاللاھنى ھەقىقى تونۇغان ئادەم ئاللاھنىڭ ھەققىنى ساغلام رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

نەسىھەت ۋە ئىبرەت ئېلىشنى خالىغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋەز-نەسىھەتلەر كۆپتۇر. ۋەز-نەسىھەت دىللارنى نۇرلاندۇرۇپ غەپلەتتىن ئويغىتىدۇ. دىللار شەيتانى ھەۋەسنىڭ ئۆلۈشى بىلەن تىرىلىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇش مەنىۋى ۋە جىسمانى غەپلەتنى كەتكۈزىدۇ. ھەقنى بىلگەن كىشى ئاللاھتىن قورقماستىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. ھەقىقى مۇسۇلمانغا خاتالىقى ئەسلىتىلسە دەرھال تونۇيدۇ، نادامەت قىلىدۇ ۋە ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۈچلۈك ئىرادىگە كېلىدۇ.

ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى ئاللاھتىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلىش ئارقىلىق قارشى ئىلىۋاتىسىلەر، رەببىڭلار ئاللاھقا يۈزلىنىسىلەر، ئاللاھنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۈمىد كۈتىسىلەر . كەمچىلىكلىرىڭلاردىن ئازاپلىنىسىلەر، گۇناھلىرىڭلاردىن قورقىۋاتىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن ۋە بىزلەردىن ئەمەللىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن! بارچىمىزغا بۇ ئۇلۇغ رامىزاندا كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇشنى كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشنى نېسىپ قىلسۇن!.

ئاللاھ، بەندىلەرنى ئاللاھنى ياخشى كۆرسۇن، ئىبادەت قىلسۇن، ئۇلۇغلىسۇن دەپ ياراتتى. ئۆزىنىڭ ئىلاھلىقى، ئىلاھلىقتىكى كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقى ۋە كىبرىيائىغا دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كەلتۈردى. بەندىلەر ئاللاھتىن قورقىشى، ئاللاھقا مۇھەببەت قىلىشى، ئۇلۇغلىشى كېرەك. ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان، قورققان كىشى ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ.

دىللار ئاللاھتىن قورققانلىقتىن ھەق ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنى يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىلىم ئۆگىنىشكە، ئەمەل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئاللاھتىن قورققۇچىلار گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتىپ، تائەت-ئىبادەتكە بېرىلىدۇ ۋە ھاۋايى-ھەۋەستىن ساقلىنىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇش، دىللاردا خۇشۇ، خارلىق، تەسلىم بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئاللاھقا خارلىق ئىزھار قىلغان كىشى ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھقا ئۆزىنى تاپشۇرۇپ، دۇنيادىن يۈز ئۆرۈپ، ئاخىرەتكە قىزىققان كىشى تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ يامان ئىللەتتىن ساقلىنالايدۇ.

مەقسەتلىك قورقۇنچ قەلبنىڭ ئىزتىراپلىقى، كەلگۈسىدىن تەشۋىشلىنىشنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھتىن قورققان قەلبلەر ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ ھارامغا يېقىنلاشمايدۇ. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تەرك ئەتمەيدۇ، پەرز ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن   ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك بولسا، تەنقىتلەشكە تىگىشلىك قورقۇنچلۇق ئىشتۇر.

ئاللاھتىن ھەقىقىي قورققان ئادەم ھارام يېمەيدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يالغان قەسەم قىلمايدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، مۇئامىلىدە كۆز بويامچىلىق قىلمايدۇ، تىجارەتتە شېرىكلىرى ۋە ئىش ساھىبلىرىغا خىيانەت قىلمايدۇ، گەپ توشۇمايدۇ، ئۆز-ئارا نەسىھەت قىلىشنى تاشلىمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى تاشلىمايدۇ، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدۇ، ۋاقتىنى كەيپى-ساپا بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزمەيدۇ، غاپىللىق قىلمايدۇ، ئاللاھتىن ئۆز لايىقىدا قورقىدۇ، نامازنى تەئدىل - ئەركان بىلەن ئوقۇيدۇ، زاكات بېرىدۇ، رامىزاندا روزا تۇتىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ، تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزمەيدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ھەربىر ھەق ئېگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىدۇ.

كىمكى ئاللاھنى ساغلام رەۋىشتە تونۇيدىكەن، ئاللاھتىن بەك قورقىدۇ. ئاللاھنى ھەممىدىن بەك تونۇيدىغانلار ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىدۇر. ئاللاھتىن قورقۇشتا ئۆرنەك كىشىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدۇر. ئۇندىن قالسا رەببانى ئالىملاردۇر، ھەقىقىي ئالىملار ئاللاھتىن قورقۇشتا، مەسئۇلىيىتىنى تونۇشتا ئەڭ لاياقەتلىك كىشىلەردۇر.

ئالىملار ۋە دىنى زىيالىلار مەسئۇلىيەتچان بولۇشى لازىم. ئالىملارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچكىشى چېقىلالمايدۇ. ھېچكىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە تىل تەگكۈزۈش ھەققى يوق! پەتىۋا بېرىشكە لايىق بولمىغانلارنىڭمۇ دىنى مەسىلىلەردە پەتىۋا بەرمەسلىكى لازىم! ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك ساغلام يوليورۇقتۇر. دىن ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن ياكى سېتىپ يەيدىغان مال ئەمەس. ئاللاھنىڭ دىنى بۈيۈكتۇر، ئۇنى ھىمايە قىلىش ئىسلام ئەھلى ئۇستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتتۇر. ئالىملار بولسا، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقماسلىقى كېرەك. ئەھلى-ئىلىملارنىڭ مىللەتكە ھەقىقەتنى ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشى ئۇلارنىڭ ئۇستىدىكى ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدۇر. ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىن...


 

 

Go to the Top