ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ18/8/1431ھـ 2010-يىلى07-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى، ئىستىغپار ئېيتىش ئارقىلىق گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشى ۋە ئەجىرنىڭ كۆپىيىشى، دۇنيا-ئاخىرەتتە مەرتىۋىنىڭ يۇقىرى بولىشى، سالىھ پەرزەنت، ھالال زىرىق، كۆڭۈلگە تىنچلىق، تۇرمۇشقا ئارام بەخش بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-08-07
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/319778
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى
372 KB
: ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى

 

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە سالام قىلغاندىن كېيىن «مۇسۇلمانلار ھەرۋاقىت ئاللاھ تائالا دىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشى ۋە ئىستىغپار ئېيتىشى لازىم» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر زامان ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ ئىستىغپار ئېيتىشقا ناھايىتى ئېھتىياجلىق. ئىستىغپار ئېيتىش: تىل بىلەن تەكرارلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن  ئىپادىلەپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىشنى تىلەش ئارقىلىق يامان ئاقىۋەت ۋە قاتتىق ئازابتىن ساقلىنىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ». [سۈرە نىسا 110-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر كۈندە ئاللاھقا يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇق ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن». [بۇخارى رىۋايىتى].

مۇسۇلمانلار كېچە-كۈندۈزدە، سەپەر ۋە مۇقىم بولغان ۋاقىتلىرىدا ئىستىغپارنى كۆپ ئېيىتپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى كۆپ ئىستىغپار ئېيتىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى- ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدە بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن». [سۈرە غاپىر 55-ئايەت].  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نام-ئەمەل دەپتىرىگە ئىستىغپار كۆپ يېزىلغان كىشىگە مۇبارەك بولسۇن» دېگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

ئىستىغپار ئېيتىشتا نۇرغۇن پەزىلەتلەر ، نادىر سىر-ئەسرارلار ۋە تۈرلۈك بەرىكەتلەر بار. ئىستىغپار گۇناھنىڭ كەچۈرۈم بولىشى ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىگە ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھدىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر، ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!». [سۈرە ئال-ئىمران 135-136-ئايەتلەر]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: « مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دۇنيادىن يوق قىلىۋېتىپ، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋىمنى كەلتۈرىدۇ، ئۇلار گۇناھ قىلىپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى]. (يەنى بۇ ھەدىستە ئىنسان خالىغانچە گۇناھ ئىشلەپ كىيىن تەۋبە قىلسا بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بولماستىن، بەلكى گۇناھ ئىشلەشتىن ھەرقانداق ئىنساننىڭ خالى بولالمايدىغانلىقى، جانابى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە مەغپىرىتىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ-مۇھەررىر-).

ھەرۋاقىت ئىستىغپارنى لازىم تۇتۇش ئارقىلىق تۈرلۈك بالا-قازا، مۇسىبەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا دائىم ئىستىغپار ئېيتقان كىشىنىڭ غەم-قايغۇ ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ.» [سۈرە ئەنپال 33-ئايەت]. ئىستىغپار ئېيتىش قەلبكە راھەت، ئارامدىللىق ۋە تىنچلىق بېغىشلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ». [سۈرە ھۇد 3-ئايەت].

مۇسۇلمانلار تۆۋەنچىلىك بىلەن دائىم ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغاندا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، رىغبەتلىنىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە ئارزۇسى روياپقا چىقىدۇ.  بىر كىشى ھەسەن بەسەرىي رەھمەتۇللاھى ئەلەينىڭ يېنىغا كېلىپ قۇرغاقچىلىق-قەھەتچىلىكتىن شىكايەت قىلغاندا، ئۇ كىشىگە كۆپ ئىستىغپار ئېيتقىن دېگەن. يەنە بىر كىشى كېلىپ نامراتلىقتىن شىكايەت قىلغاندا، ئۇنىمۇ كۆپ ئىستىغپار ئېيتىشقا بۇيرىغان، يەنە بىر كىشى كېلىپ: پەرزەنتى يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلغاندا ئۇ كىشىنىمۇ كۆپ ئىستىغپار ئېيتىشقا بۇيرىغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە قەۋمى توغرىسىدىكى قىسسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ». [سۈرە نۇھ 10-11-12-ئايەتلەر].

ئىستىغپار ئېيتىش بەندىدىن تەۋبىدە راستچىل بولىشنى، خاتالىق-پەسكەشلىكتىن يىراق بولۇشنى، گۇناھ-مەسىيەتتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈشنى، سادىر قىلغان يامان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئۇ ئىشلارنى قايتىدىن تەكرارلىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ». [سۈرە ئال-ئىمران 135-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەرۋاقىت ئىستىغپار ئېيتىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلسۇن.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 6 )
Go to the Top