لا يصحّ التفريق بين السلفية وأهل السنة

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: لا يصحّ التفريق بين السلفية وأهل السنة
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما رأيكم فيمن يفرق بين السلفية وأهل السنة، ويجعل السلفية طائفة أخص من أهل السنة ، ويجعل أصولها ما عليه شيوخ هذه الطائفة من الآراء والأقوال؟.
تأريخ الإضافة: 2010-07-13
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/315072
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 1 )
1.
سەلەپىي ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ قوللىنىش توغرا ئەمەس
605.5 KB
فتح: سەلەپىي ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ قوللىنىش توغرا ئەمەس.doc
نبذة موسعة

سەلەپىي ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ قوللىنىش توغرا ئەمەس

10714-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

سەلەپىي بىلەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ چۈشەنگۈچى كىشىلەرگە بولغان قارىشىڭلار قانداق؟. بۇ خىل كۆز قاراشتىكى كىشىلەر پىشقەدەملىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن  سەلەپىينى ئەھلى سۈننەتتىن ئايرىم ۋە خاسلىققا ئىگە بىر جامائەت دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ توغرا كۆز قاراش ئەمەس. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ساھابىلار ۋە ئىلگىرى ئۆتكەن ساغلام ئەقىدىدىكى ئالىملارغا ئەگەشكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم جامائەت بولماستىن بەلكى بىر جامائەتتۇر.

شەرئى ئاتالغۇلاردا: «سەلەپلەر» ساھابىلار ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار، «ئەھلى سۈننەت» ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەر.  نىجات تاپقۇچى پىرقىلەر توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئۇلار  مەن ۋە مېنىڭ ساھابىلىرىم يولىدا ماڭغانلار» دېيىلگەن. (دېمەك؛ سەلەپىي ۋە ئەھلى سۈننەت جامائىتى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئەگەشكۈچى مۇسۇلمانلار بولۇپ، ئۇلار بىر جامائەتتۇر.-مۇھەررىر-)

ئايرىم ئىسىم ۋە لەقەملەرنى تالىشىپ ماجرا ۋە ئىختىلاپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا بۇيرۇپ، ئايرىمىچىلىق-بۆلگۈنچىلىكتىن چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى يەنى جامائەتنى بولگۈچىلەرنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

ئىنساننىڭ مەقسىتى ھەقىقەت بولۇشى كېرەك. ھەر بىر سۆزنى ئىنساپ ۋە ئادىللىق بىلەن ئېيتىشى لازىم. شەخسنىڭ زاتىغا بولغان ياقتۇرماسلىق ئۇ كىشىنىڭ سۆزىدىكى ھەقىقەتنى رەت قىلىشقا ئىلىپ بارماسلىقى ياكى ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىزدەشكە سەۋەپ بولماسلىقى لازىم. شۇنىڭدەك چۈشەنچىدىن يىراق بولغان ياكى ئارتۇقچە تەكەللۇپقا ئىلىپ بارىدىغان  ئىشلارنى پەيدا قىلماسلىقى لازىم. پىرقىۋازلىق ۋە مەزھەبى نىزالارغا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلار ئەھلى سۈننەت جامائىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىدىن ئەمەس.

ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈشى، نەسىھەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمى بولىشى ئەھلى سۈننەت جامائىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىدىندۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

Go to the Top