كرم النبي صلى الله عليه وسلم

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: كرم النبي صلى الله عليه وسلم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: خطبة ألقها فضيلة الشيخ الدكتور عبد المحسن القاسم في المسجد النبوي 6/7/1431هجري والتي تحدث فيها عن كرم النبي صلى الله عليه وسلم وكرم الصحابة وذكر أمثلة من حياة النبي صلى الله عليه وسلم وحياة الصحابة الكرام وذكر الأدلة من الكتاب والسنة على ذلك .
تأريخ الإضافة: 2010-06-25
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/313533
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن ئۆرنەكلەر
113.2 KB
فتح: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن ئۆرنەكلەر.pdf
2.
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن ئۆرنەكلەر
1.9 MB
فتح: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن ئۆرنەكلەر.doc
نبذة موسعة

 

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن ئۆرنەكلەر

 

2010-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە: «ئاللاھ تائالا ئۆز زاتىدا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇھتاجلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇراتتى» دېگەن ماۋزۇدا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولۇپ ئۆز زاتىدا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. سۈپەتلىرى ئالىيلىق-كاتتىلىقتا چەكسىز، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە چىرايلىق ئىسىملىرى گۈزەللىكتە ئەيىب-نوقسانسىزدۇر. «ئەلكەرىم» (ناھايىتى سېخىدۇر) دېگەن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ بىزگە سورىغان نەرسىلەرنى بەردى ۋە سورىمىغان نەرسىلەرنىمۇ ئىنئام قىلدى. بەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرسە ئاللاھ ئۇ كىشىنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ. تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئېشىكى دائىم ئوچۇقتۇر. رىزىق خەزىنىلىرى بەندىلەرگە تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن بىر نەرسە كەملەپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ تەلىپى ئارىسىدا ھېچقانداق توساق يوق. ئاللاھ بەندىلىرىگە سورىغىنىدىنمۇ ئارتۇق بېرىدۇ. بەلكى بەندىلەرنى ئاز نەرسە سوراشتىن چەكلەپ، كۆپ سوراشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئاللاھ تائالا ئازغىنە ياخشى ئەمەللەرگە ناھايىتى كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ. بىر ياخشىلىق قىلغۇچىغا ئوندىن يەتتە يۈزگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ساۋاب بېرىدۇ. ياخشىلىق قېلىشنى مەقسەت قىلىپ قىلالمىغان كىشىگىمۇ تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ ئەجرى يېزىلىدۇ. قىسقىغىنە ھاياتلىقتا ئىتائەت قىلغان كىشىنى ئاخىرەتتە دائىملىق مۇقىم نېمەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. يەنى ئۆز جامالىنى كۆرسىتىش بىلەن تارتۇقلايدۇ. قۇرئان-كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ ئۇنى ئوقۇغان ۋە ئەمەل قىلغان كىشىگە ئاللاھ ئىكرام قىلىدۇ.

سېخىلىق-مەردلىك ئىنساندىكى مەدھىيىلىنىدىغان سۈپەتلەردىن بولۇپ، بۇ قەلبنىڭ ساپلىقى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ پاكلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. سېخىلىق ياخشى خىسلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ بۇنداق خىسلەتكە ئىگە مۆمىننىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن ۋاقتىدا كىشىلەرنى خەيرى-ساخاۋەتكە رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار. يوقسۇللارغا تائام بېرىڭلار. كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار. شۇنداقتىلا خاتىرجەم جەننەتكە كىرەلەيسىلەر». [تىرمىزى رىۋايىتى].

سېخىلىق ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن بولۇپ، قىيامەتتە مىزاندا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى گۈزەل ئەخلاقتۇر. «ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئىككىسىنىڭ بىرى: نەپىقە قىلغۇچىغا تولۇقلاپ بەرگىن دېسە يەنە بىرى: بېخىللىق قىلغۇچىنى ھالاك قىلغىن دەيدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى]. مۇسۇلمان بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىۋاتقاندا خۇرسەن بولىدۇ، ئاللاھ تائالا سېخى ئالىملارنى، مەرد كىشىلەرنى ۋە ئېھسان قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

سېخىلىق-مەردلىك ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئادىتى، پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ خىسلىتىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخى-مەردلىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلار ئېچىدىكى ئەڭ سېخى، خەير-ئېھساننى كۆپ قىلغۇچى، يوقسۇللارنى ياخشى كۆرۈدىغان، كۆڭلى-كۆكسى كەڭرى ۋە قولى ئوچۇق زات ئېدى.

كىشىلەر بىر نەرسە سورىسا ھەرگىز يوق دېمەيتتى. «بىر كىشى ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى قويلارنى سورىغاندا ئۇ قويلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ كىشىگە بەرگەن. ئۇ كىشى ئۆز قوۋمىنىڭ يېنىغا كېلىپ: مۇسۇلمان بولۇڭلار! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەير-ئېھساننى كۆپ قىلىدىغان، پىقىرچىلىقتىن قورقمايدىغان كىشى ئىكەن دەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام غەنىمەت ۋە ھەدىيىلەرنى كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى. يېنىدا ھەرقانچە كۆپ نەرسە بولىسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇنى كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ يېنىمدا تاغدەك ئالتۇن بولسىمۇ ئۇنى مەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىۋېتىمەن، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنىڭدىن مېنىڭ يېنىمدا بىر نەرسە قالمايدۇ. پەقەت قەرز  بولۇپ قالسا ئۇنى قايتۇرۇش ئۈچۈنلا ساقلاپ قويىمەن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن: كىشىلەر بىر نەرسە سوراشتىن بۇرۇن بار نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بېرەتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى سېخى كىشىلەر ساھابىلار بولۇپ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مىلىنىڭ يېرىمىنى ئىلىپ كەلگەن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مىلىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ كەلگەن، ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ قىيىنچىلىق ئۇرۇشىدا قوشۇننىڭ ھەممە تەييارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ماختاپ: «بۈگۈندىن باشلاپ ئوسمان قىلغان ئىشىدا زىيان تارتمىدى» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ «تاماق ۋاقتىدا دائىم بىرەر مىسكىننى چاقىرماستىن غىزالانمايتتى». [بۇخارى رىۋايىتى].

سېخىلىق-مەردلىكنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۆز نەپسىگە ئېھسان قىلىشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.  

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا بىرەر ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن باشلىسۇن» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە نەپىقە قىلىشنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ. مۇسۇلمان ئائىلىسىگە ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ نەپىقە قىلسا بۇنىڭغا سەدىقىنىڭ ساۋابى بولىدۇ.    

سېخىلىق-مەردلىكنىڭ جۈملىسىدىن: ئاتا-ئانىلارنىڭ دوستلىرىغا ئىكرام قىلىشتۇر. خوشنىلارنى ئىكرام قىلىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈش ئادەمگەرچىلىك ۋە ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتتۇر.

سەدىقە قىلىشقا مال-دۇنياسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزى چىرايلىق بولۇشى كېرەك. ياخشى سۆز باشقىلارنىڭ غەم-قايغۇلىرىغا تەسەللى بېرەلەيدىغان ئۈنۈملۈك مەلھەمدۇر. بۇنىڭ ئۆزى ئېھسان ۋە سەدىقىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

سېخىلىقتا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئېسىللىرى بارچە ئىشلىرىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ئۇنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغۇچىلاردۇر.

مۇسۇلمانلار سېخىلىق بىلەن زىننەتلىنىپ، ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە ھېرىس بولۇپ دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەقىقى بەختلىك بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

الترجمات ( 1 )
Go to the Top