بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/5/1431 ھـ 2010-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەرگە يۈزەكى قاراپ بىنورمال پەتىۋالارنى بېرىش دىنى ئەھكاملارغا ئېتىبارسىز قارىغانلىق بولىدىغانلىقى، بىلمەي تۇرۇپ دىن توغرىسىدا سۆزلەش ياكى پەتىۋا بېرىش ئاللاھقا بوھتان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە يالغاننى چاپلىغانلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-05-11
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/295809
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر
375 KB
: بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر.doc
تەپسىلى چۈشەنچە

بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر

 

2010-يىلى 04- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلاش كېرەك، شەرىئەتنى ئاياغ-ئاستى قىلىش ئازغۇنلۇقنىڭ نىھايىتىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

شەرىئەتنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتى بولۇپ، ئۇنى ئاياغ-ئاستى قىلىش ۋە تۆۋەنلەشتۈرۈش چەكلىنىدۇ . شەرىئەتنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ ئەھكاملىرى بولۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. شەرىئەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ھۆكۈملىرىگە بىنورمال پەتىۋا ۋە ئېتىبارسىز قاراشلار بىلەن تاجاۋۇز قىلغانلار ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردۇر. بۇ خىل تۈردىكى كىشىلەر دىننى ئاجىزلاشتۇرۇپ، داۋالغۇش ۋە پىتنىلەرنى پەيدا قىلىدۇ، نادان ياكى دىنى بىلىملەردىن خەۋەرسىز ئەقلى قىسقا كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ھەقىقەتتىن ياكى ساغلام ئەقىدىدىن تايىدۇ.

ئىلىم-مەرىپەتسىز، پەتىۋا بېرىشكە لاياقىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئالىملار ئالدىدا ھېچ ئەيمەنمەستىن ئومۇمى خەلققە شەرىئەتتە ئەسلى يوق دەلىلسىز پەتىۋالارنى بېرىشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بۈيۈك مۇسىبەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇلارنى ئىلىمسىز-جاھىل كىشىلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرى  مەغرۇرلاندۇرۇپ پەتىۋا بېرىشكە قىزىقتۇرىدۇ-دە، بىلمىگەن مەسىلە ئۇستىدە توختىلىدۇ.

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى رەبىيئەتە ئىبنى ئابدۇراخماننىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ يىغلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، سىلىگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن يىغلايلا؟ بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچرىلىمۇ؟ دەپ سورىغانىكەن، رەبىيئە: ياق، مۇسىبەتكە ئۇچرىمىدىم. لېكىن ئىلىمسىز كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا پەتىۋا بېرىشى نەتىجىسىدە ئىسلامدا چوڭ ئىش پەيدا بولدى، بەزى پەتىۋا بەرگۈچىلەرنى تۇرمىغا سېلىش جىنايەتچىنى تۇرمىغا سېلىشتىنمۇ بەكراق مۇھىمكەن دەپ جاۋاپ بەرگەن".

ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە رەسۇلۇللاھقا يالغاننى توقۇشقا جۈرئەت قىلالىغان  كىشى پەقەت دۇنيادا يوقىلىشى تىز بولغان ئازراق رەزىل مەنپەئەتنى دەپ ئىلىمسىز پەتىۋا بېرىشكە ئالدىرايدۇ. دەلىلسىز ئاللاھ توغرىسىدا يالغاننى سۆزلەيدۇ. ئۆز خاھىشى بويىچە پەتىۋا بېرىدۇ. سەھىھ دەلىللەرگە زىت بولغان بىنورمال قاراشلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ئاساسى ئاجىز، ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان قاراشلارنى توپلايدۇ. ئازراق ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەر بۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ كەلتۇرىدىغانلىقى، ھەقىقەتپەرۋەر  ئۆلىمالارنىڭ ئابرۇيىنى خۇنۇكلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. بىلىمسىز سۆز قىلغۇچىلارنىڭ قەلبى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، تەقۋادارلىق قىلىشتىن بوش قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى دۇنيانى ياخشى كۆرۈش، ياراتقۇچىنى قويۇپ، يارىتىلغۇچىلارغا يېقىنلىشىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ.

سەلەپ ئالىملىرىدىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئەڭ بەختسىز كىشى ئاخىرەتلىكىنى دۇنياغا تېگىشكەن كىشىدۇر. ئۇنىڭدىنمۇ بەختسىز بولغىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى باشقىلارنىڭ دۇنياسىغا تىگەشكەنلەردۇر".

ئۇلار ئىنسانلارنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ، ئەزالىرى گۇۋاھلىق بېرىدىغان، دىللىرىغا يوشۇرۇنغان نەرسىلەر ئاشكارا بولىدىغان، قەبرىدىكىلەر قوزغىلىدىغان كۈننى ئەسلىمەمدىغاندۇ؟، بۇ كۈندە ھىلى-مىكىر قىلغۇچىلار ئۆزىنى-ئۆزى ئالدىغانلىقى ۋە دىنى بىلەن ئويناشقانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار تۇيمىغان ھالەتتە ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلىدۇ)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان!».

ھەدىسكە مۇراجىئەت قىلماستىن، ئومۇمى مەسىلىلەردە ئىلىمسىز  كەسكىن ھۆكۈم بېرىشكە ئالدىرايدۇ، ئىسلامنىڭ زىتىدىكى ئىشلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇلار ئىسلام نامى بىلەن پەتىۋا بەرسىمۇ، ئىسلام ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن مۇستەسنادۇر.

بەزى ئالىملار بۇ توغرىدا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلغان بولۇپ، سەھنۇن ئىبنى سەئىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئىلىمدىن ئاز بىر نەرسىنى بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ قاراپ كىشىلەرگە پەتىۋا بېرىشكە ئالدىرايدۇ".

ئىبنى ۋەھەب مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئىمام مالىكنىڭ، جاھىل-نادانلار پەتىۋا بېرىشكە ئالدىرايدۇ" دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ماڭا ئىلىم ئەھلىدىن يەتمىش كىشى پەتىۋا بېرىش سالاھىيىتى بار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن پەتىۋا بېرىشكە باشلىدىم".

ئابدۇرەھمان ئىبنى مەھدىي مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىمام مالىكنىڭ يېنىدا تۇرساق بىر كىشى كېلىپ: ئى ئابدۇراخماننىڭ دادىسى مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئالتە ئايلىق يىراقلىقتىن كەلدىم، يۇرتداشلىرىم سەندىن بىر مەسىلىنى سوراپ كېلىشكە مېنى ئەۋەتتى دەپ سوئالىنى سورىدى، ئىمام مالىك ئۇ كىشىنىڭ سورىغان سوئالىغا، مەن بۇنى بىلمەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىۋىدى، ئۇ كىشى ھەيران قالدى ۋە يۇرتداشلىرىمنىڭ يېنىغا  نېمە دەپ بارىمەن؟ دېگەنتى،  ئىمام مالىك: ئۇلارغا ئىمام مالىك بىلمەيمەن دەيدۇ دەپ بارغىن" دېدى.

مىرۋەزىي مۇنداق دېگەن: "مەن ئابدۇللاھنىڭ دادىسىنىڭ، ئىنسان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلسۇن، چۈنكى ئۇ دېگەن سۆزلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ".  

سەلەپ-سالىھلاردىن بەزىلىرى مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ بېرىڭلار ئاللاھ بۇنى ھالال قىلدى، بۇنى ھارام قىلدى دېيىشتىن ساقلانسۇن (يەنى دەلىل-ئىسپاتسىز)". ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام»دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. (ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار(ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نەھل 116-ئايەت]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى».    

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەق سۆزلەيدىغان، سۆزلىگەندىمۇ بىلىپ سۆزلەيدىغانلاردىن قىلسۇن.

Go to the Top