سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 10/4/1431ھـ 2010-يىلى03-ئاينىڭ26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا سۆزنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى كۈچى، سۆز جەمئىيەتنى ئىسلاھات قىلىش ياكى ۋەيران قىلىش رولىنى ئوينايدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، ھەق سۆزنىڭ پەزىلىتى ۋە تەسىرى، يامان سۆز ۋە ئۇنىڭ خەتىرى، سۆزلەش ۋە يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرماستىن سۆزلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-03-31
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/288171
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
366.5 KB
: سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى.doc
2.
سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
123 KB
: سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى

 

2010- يىلى 03- ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "سۆزدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!. تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

سۆز، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك نىشانى، مىللەتلەر ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم ئامىل.

سۆز ئىنسانىيەتنى ياخشىلىققا يېتەكلەش يولىدىكى ھىكمەت، نۇر، ھىدايەت ۋە نىجاتلىقنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، بۇ بىر مەسئۇلىيەتتۇر. سۆز ئارقىلىق ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىۋېتىش مۇمكىن. سۆز، ھەقىقەتەن ئىككى بىسلىق قورال بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە دۇنيانى نۇرلاندۇرىدىغان پارلاق قۇياش بولسا، گاھىدا دۇنيانى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان كەسكىن قىلىچ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ . سۆزنى يامغۇرغا ئوخشىتىشمۇ مۇمكىن، يامغۇر ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق ئېلىپ كىلىدىغان رەھمەت بولسا، بەزىدە ئەنە شۇ يامغۇر ئاپەت بولۇپمۇ قالىدۇ. سۆز بەزىدە ئالى جانابلىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدىغان ئامىل بولسا، بەزىدە خارلىق، غەزەپ-نەپرەتنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ.

"كەلىمە تەييىبە" دىن ئىبارەت پاك سۆز ھىدايەت، دەۋەت، ئىسلاھات، پىكىر ۋە نىجاتلىقنىڭ يولىدۇر. ئەنە شۇ "كەلىمە تەييىبە" ئارقىلىق ئىسلام دىنى دۇنيا مىللەتلىرىگە تارقالغان.

شەرىئەت، سۆزدە ئېزىپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن، بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى بۇ ھەقىقەتنى ئوچۇقلاپ بېرىدۇ: «بەندە ئاللاھنى رازى قىلىدىغان بىر سۆزنى قىلىدۇ، ئۇ سۆزنى قىلغاندا پەرۋاسىزلىق بىلەن قىلىدۇ، لېكىن ئاللاھ شۇ سۆز ئارقىلىق بەندىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ. يەنە بىر بەندە پەرۋاسىزلىق بىلەن بىر سۆزنى قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويىدىيۇ جەھەننەمگە كىرىپ كېتىدۇ».

سۆزنىڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، ئىسلام شەرىئىتىدە ئېغىزدىن چىققان سۆزنىڭ جازاسى ئۈچۈن جازاغا مەھكۇم بولۇش بىلەن بىرگە ھەد(دەررە) ئۇرۇشقىچە ئېلىپ بارىدۇ. سۆزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن كۇپۇر سۆزلەشتە تېخىمۇ ئۆچۈق گەۋدىلىنىدۇ . سۆزنىڭ ئەھمىيىتى نىكاھ، تالاق، كىشىلەر ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، قۇل ئازات قىلىشتەك ئىشلاردا تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. شۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئاغزىمىزدىن چىققان ھەربىر كەلىمە سۆزنى ئاللاھ كۆزىتىپ تۇرىدۇ. سۆزنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋ ە نەقەدەر مۇھىملىقىنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، چاقچاق قىلغاندىمۇ توغرا ۋە ھەق سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلغان ھەدىسلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز.

ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئىلاھىي ۋە رەببانى سۆزلەر قەلبىمىزگە روھانى ئوزۇق بولۇش بىلەن بىرگە روھىيىتىمىزنى خامۇشلۇق، شەھۋانىيلىق ئاسارەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، جاسارەت ۋە جەڭگىۋارلىق يولىغا يېتەكلەيدۇ. سۆز ئارقىلىق ئىنسان توغرا بىلەن ناتوغرىنى، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرقلەندۈرىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار سۆزنىڭ كۈچى بىلەن كىشىلىك ھاياتتىكى يولىنى تاللىيالايدۇ. تارىختا ئۆتكەن ئىنقىلاپلار، سەلتەنەتلەرنىڭ مەنىۋى كۈچى ئەنە شۇ سۆز ئىكەنلىكىگە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسىگە ياخشى سۆز قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە (يەنى ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى- ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشايدۇ». [ سۈرە ئىبراھىم 24-25-ئايەتلەر ].

تەشۋىقات ساھەلىرى، گېزىت-ژۇرناللار ئوخشاش بولمىغان پىكىرـ ئېقىملار بىلەن تولغان، تەنقىدىي پىكىرلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن بۇ ۋەزىيەتتە ھەربىر شەخس ئۆز ئاغزىغا ھاكىم بولۇشى لازىمدۇر. ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزگە خالاپ- خالىماي مەسئۇلدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئىنسان ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن».

قەلەم ئىگىلىرى بولغان زىيالىيلار بارلىق يازمىلىرىدا ئاللاھتىن قورقۇشى، ئەۋلاد ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىشى، مىللەتنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئاۋازى بولۇشى، ھەقىقەتنى يوشۇرماستىن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قەلەم تەۋرىتىشى لازىم. سۆز، سۆزلىگۈچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەينەكتۇر. ئۆز-ئارا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇيغۇلىرىنى تەشۋىقات ئاپراتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىلىشىمىز لازىمكى، بىزدە بار ئېغىز قارشى تەرەپتىمۇ باردۇر. مەيلى قايسى ئورۇندا كىملەرگە خىتاب قىلىپ سۆزلىمەيلى ھەقىقەتنى سىمۋول قىلغان ئاساستا توغرا سۆزلەش كېرەك. سۆزلىرىمىزدە دىنىمىز، ئەقىدىمىز، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى، مىللەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق ئامىللارغا ئورۇن بېرىشىمىز لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «مۆمىن، باشقىلارغا تاپا-تەنە قىلغۇچى، لەنەت ئېيتقۇچى، قەبىھ سۆز قىلغۇچى بولمايدۇ».

ئىجتىمائىي ئالاقىدا ئىنساننى ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن  يىقىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئېغىزدىن چىققان سۆز ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر. شۇڭلاشقا بىز ھەربىر سۆزىمىزنى ئاغزىمىزدىن چىقىرىشتىن بۇرۇن ھېسابىنى قىلىشىمىز، ئاقىۋەتتە ئۈممەتكە، مىللەتكە قانچىلىك پايدا زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاندىن سۆزلىشىمىز كېرەك.

ئاللاھ بارچىمىزنى ھەق سۆزلەيدىغان، سۆزنىڭ ياخشىسىنى قىلىدىغان، ياخشى سۆز تاپالمىغاندا يامان سۆز قىلماستىن سۈكۈت قىلىدىغانلار قاتارىدىن قىلسۇن . ئامىن. ...


 

 

 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 5 )
Go to the Top