الحكمة من الجهاد

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: الحكمة من الجهاد
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هل معنى الجهاد ببساطة هو قتل غير المسلمين ؟ .
تأريخ الإضافة: 2010-03-09
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/284558
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
جىھاد قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟
586.5 KB
فتح: جىھاد قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟.doc
2.
جىھاد قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟
92.3 KB
فتح: جىھاد قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟.pdf
نبذة موسعة

جىھاد قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟

 

21961 -نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

«جىھاد قىلىش» دېگەن سۆزدىن مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئۆلتۈرۈش دېگەن چۈشەنچە بېرىلەمدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

جىھاد دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسىدە: ئىنسان بارلىق كۈچ قۇۋۋىتى ۋە تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىش دېمەكتۇر.

شەرئىي ئاتالغۇ مەنىسىدە: مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قېلىش ۋ ە زېمىندا دىننى مۇستەھكەم قېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشىدۇر.

ئىسلام دىنىدا جىھاد قىلىشتىكى مەقسەت پەقەت مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى زېمىندا ئاللاھنىڭ دىنىنى تۇرغۇزۇش، قانۇنىنى ئىجرا قېلىش، بەندىلەرنى ئىنسانلارغا چوقۇنۇشتىن بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا ئىبادەت قېلىشقا، باتىل دىن ۋە سىياسەتلەرنىڭ زۇلمىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار». [ سۈرە ئەنپال 39-ئايەت ].

شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يولىدا ئۇرۇش قېلىشتىن بولغان مەقسەتنى سۆزلىدى، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت كافىرلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، مېلىنى ئىلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى دىننى ئاللاھ ئۈچۈن قېلىش، ئاللاھنىڭ دىننى باشقا بارلىق باتىل دىنلاردىن ئۈستۈن قېلىش، بۇنىڭغا زىت بولغان شېرىك ۋە باتىل پرىنسىپلاردىن مۇداپىئە قېلىشتىن ئىبارەتتۇر . بۇ ئايەتتە سۆزلەنگىنى پىتنىدۇر. ئەگەر مەقسەت ھاسىل بولسا، ئۇرۇش قېلىشنىڭ ئورنى يوق. تەپسىر سەئدى 98-بەت.

بىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان كاپىرلارمۇ جىھادتىن مەنپەئەت ئالىدۇ، بىز ئۇلار بىلەن  ئۇلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدىغان دىنغا كىرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىمىز، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجات تېپىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر». [ ئال ئىمران 110-ئايەت ].

ئىمام بۇخارىي 4557-نومۇرلۇق ھەدىستە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:;: «سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان  ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» دېگەن ئايەتنى شەرھىلەپ؛ «يەنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى زەنجىرىدە باغلاپ ئىلىپ كېلىسىلەر».

ئىبنى جەۋزىي يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ باغلىنىدۇ، ئىسلامنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇسۇلمان بولىدۇ ئاندىن كېيىن جەننەتكە كېرىدۇ».    

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆز يولىدا جان پىدا قىلالايدىغان بۈيۈك ئىمان، قەتئى ئىرادە، باتۇرانە روھ ئاتا قىلسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 

 

موضوعات متعلقة ( 2 )
Go to the Top