رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: دىنى قېرىنداشلار!، مەن تور بەتلىرىدىن مەن بىدئەت دەپ ئويلايدىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۆردۈم، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىڭلار. مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم. بۇ ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن 5409-نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاتگەردىسى ئابدۇللاھدىن بايان قىلىنغان ئۇ كىشى ئەتا ئىبنى رەباھنىڭ ئوغلىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مېنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى: سەن ئۈچ تۈرلۈك نەرسىلەرنى چەكلەپسەن، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنى كىيمەسلىك، ئۈستىگە قىزىل يىپەكتە تىكىلگەن ئىگەر قىپى قاپلانغان ئېگەردە ئولتۇرماسلىق ۋە رەجەپ ئېيىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتماسلىقتىن ئىبارەت. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ئەمما رەجەپ ئېيىدا تولۇق روزا تۇتماسلىق مەسىلىسىدە، بىر كىشى دائىم روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىم مەسىلىسىدە، مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يىپەكنى ئاخىرەتتە نېسىۋىسى يوق كىشىلەر كىيىدۇ» دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنىڭمۇ مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان يىپەك كىيىمنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم، ئەمما يىپەكتىن تىكىلگەن ئىگەر قىپى مەسىلىسى بولسا، مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىگەر قىپى دەپ قىزىل ئىگەر قىپىنى كۆرسەتتى، مەن ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا قايتىپ بېرىپ، ئابدۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى يەتكۈزدۈم، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تون چاپىنى دەپ ئېتەك، پەشلىرىگە تەبىئىي يىپەكتىن كەشتىلەنگەن بىر توننى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ چاپان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندا بۇ توننى مەن ياندۇرۇپ كەلدىم، بۇ توننى بۇرۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيگەن، بىز كېسەللىرىمىز ئۈچۈن بۇ چاپاننى يۇيۇپ سۇيى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىمىز». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2017-04-24
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/2821725
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ
444.9 KB
: رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.pdf
2.
رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ
2.9 MB
: رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.doc
Go to the Top