مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك؟
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: ئۆز ئىشەنچىمىز ۋە ئەمەلى دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسەن شەھرىمىزدە ناماز ۋاختىنى بىكىتىشتە چوڭ خاتالىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بامداتنىڭ ئەزىنىنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئوقۇش، (يەنى بامداتنىڭ ۋاختى كىرىشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن ئەزەن ئوقۇلىدۇ) بىز مەسچىتتە جامائەت بىلەن نەپلە نىيىتى بىلەن ناماز ئوقۇيمىز، ئاندىن ئەزاننى قايتا ئوقۇپ، بامداتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرىنى ئۆيىمىزگە قايتىپ ياكى مەسچىتنىڭ سىرتىدا قايتا ئوقۇيمىز، بىز تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇق بىلىشنى مەخسەت قىلىمىز:
1-بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىز توغرىمۇ؟.
2- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «سىلەر بىر بۆلۈك كىشىلەرگە ئۇچرايسىلەر، ئۇلار نامازنى ئۆز ۋاختىنىڭ غەيرىدە ئادا قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارغا ئۇچراشقان ۋاقىتتا، نامازنى بىلگىنىڭلارچە بويىچە ئۆز ۋاختىدا ئوقۇڭلار، ئاندىن ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇڭلار، ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامازنى نەپلە قىلىڭلار» دىيىلگەن، بىزنىڭ پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، ئاندىن يەنە قايتا ئوقۇغۇنىمىز ئاشۇ ھەدىسنى توغرا چۈشەنگەنلىكىمىزمۇ؟.
3-بەزى ئۆلىمالار: "شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نامازنىڭ ۋاختى كىردى دەپ قارىغان ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، ئوقۇغان ناماز دۇرۇس بولىدۇ" دەيدۇ، ئەگەر سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى دەلىل مەسچىت ئىمامىنىڭ قارىشىغا زىت بولسىمۇ بولامدۇ؟.
4-بامداتقا ئەزان ئوقۇلىدىغان ۋاقىت توغرىسىدىكى تەپسىلى قاراش قايسى؟، قاراڭغۇلۇق ۋاقتىمۇ ياكى يورىغان ۋاقىتمۇ ياكى شەرقتىن قىزىللىق پەيدا بولغان ۋاقىتمۇ ياكى باشقا ۋاختى بارمۇ؟.
5-بىزنىڭ ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق، بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ تائالادىن: سىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىتتا بىزگە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياردەم بەرسۇن، سىلەرنىڭ تېرىشچانلىقىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.
قوشۇلغان ۋاختى: 2016-10-25
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/2814845
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك
558 KB
: مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك.pdf
2.
مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك
3 MB
: مەسچىتتە بامدات نامىزى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلسا، قانداق قىلىش كېرەك.doc
Go to the Top