زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر

ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر
تىل: ئۇيغۇرچە
يازغۇچى: پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس
تەرجىمە قىلغۈچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى old.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە: بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/2/1431ھـ 2010-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئانا ۋەتەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىپلاس قوللىرىدىن قوغداش يولىدا جان پىدا قىلىش شەرىئەتتە مەدھىيىلىنىدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى دىن، مىللەت، ۋەتەن سۆيگۈسى روھى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-02-20
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/277116
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر
914 KB
: زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر.doc
2.
زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر
126.7 KB
: زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋاب بۈيۈكتۇر

 

2010-يىلى 02- ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمگە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يېغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"قىممەتلىك ۋەتەننىڭ بىباھا تۇپرىقىنى پاك قانلىرى بىلەن بويىغان، شاھادەت شارابىنى ئىچكەن ئەزىمەتلەر، سوقۇنۇپ كىرگەن دۈشمەنلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ۋەتەن تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقاردى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار!. ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!. تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ۋەتەن ئۇقۇمى ئىنسانلار ئېڭىدا توپا بىلەن لايدىن ئىبارەت زىمىن ئۇقۇمى بولماستىن بەلكى ۋەتەن، دىن، ئەقىدە ۋە نەسەبنى ھىمايە قىلىدىغان بىباھا بايلىقتۇر. بۇ كۈنلەردە بىر تۈركۈم باغىلار ھىيلە-مىكىر، بۆھتان يولىنى تاللاپ قوشنىدارچىلىق ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىپ بىخەتەر چىگرىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مۇقەددەس ئىككى ھەرەم زېمىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىنى بۇلغاشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئىنتايىن ئېغىر خاتالىق بولۇپ، ئۇلار كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىق يولىنى تاللىۋالدى. قوشنىلىرىنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىلمىدى. ئۇچۇق ئاشكارا جىنايەت سادىر قىلدى.

ئىككى ھەرەم  زېمىنىغا سوقۇنۇپ كىرگەنلەردە ئەقىل بولسا ئىدى، بۇنداق ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلمىغان بولاتتى. قوشنىدارچىلىق ھەققىگە ھۆرمەت قىلغان، ۋەدىگە ۋاپا قىلغان بولاتتى. بۇ مۇقەددەس زېمىنغا سوقۇنۇپ كىرگەنلەر ئۇچۇق ئاشكارا قوشنىلىرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلدى، قەلبىدىكى ھەسەتخورلۇق، ئالدامچىلىقنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. ئۇلار ھېچبىر زامان تىنچلىق ئىچىدە ياشاشنى خالىمىدى. ئۇلار ئۆز يۇرتىدىمۇ پىتنە-پاسات ئۇرۇقىنى چاچقان بولسا، سەئۇدى زېمىنىدىمۇ ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچتى. ئۇلار ئىككى دۆلەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ، بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى تەلپۈنىدىغان، ئىسلامنىڭ ئۇزۇن زامانلىق شانلىق تارىخىنىڭ شاھىتى بولغان بۇ دىيارغا يامان نىيەت بىلەن قول ئۇزارتقانلىقى ئېچىنارلىق بىر پاجىئەدۇر.

ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى بىلەن سوقۇنۇپ كىرگەنلەرگە قارشى ئۇچۇق- ئاشكارا زەپەرنى بەردى. دۈشمەنلەر پاك ۋەتەن زېمىنىدىن خارلىق ۋە مەغلۇبىيەت تونىنى سۆرەپ چىقىپ كەتتى. بۇ زەپەر ئۈچۈن ئاللاھقا سان ساناقسىز شۈكۈر تەسبىھلەرنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىنقى سەپتە خىزمەت كۆرسەتكەن، ۋەتەننى قوغداش يولىدا ھاياتىنىڭ خەتەرگە يولىقىشىغا قارىماي جەڭ قىلغان ئەسكەرلەرگىمۇ رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز.

ئى ۋەتەن قەھرىمانلىرى! سىلەر ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بىلەن زەپەرگە سازاۋەر بولدۇڭلار، سىلەر ئۇخلىماي ۋەتەننى ھىمايە قىلدىڭلار، بىز ئۇخلىدۇق. قەھرىمانلارچە ئۇرۇشقا كىردىڭلار، بىز سىلەرنىڭ زەپەر قازىنىشىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلدۇق. سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك سۆزى بىلەن خوش بىشارەت بولسۇن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك كۆزگە دوزاخ ئوتى يېقىنلىشالمايدۇ، بىرى ئاللاھدىن قورقۇپ ياش تۆككەن كۆزلەر. ئىككىنچىسى ئاللاھ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆزلەر».

بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئارزۇ-ئارمان، ھۆرمەت-ئېھتىرام، مېھرىبانلىق دىنىدۇر. تېررورلۇق، باسقۇنچى، جىنايەت دىنى ئەمەستۇر. بىز ئەۋلادلىرىمىزغا ساغلام ئىسلام ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشتا ئۈلگە بولىشىمىز لازىم. پەرزەنتىلىرىمىزگە دىنىنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام روھىنى بىرلەشتۇرەلەيدىغان، شەرىئەت ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئوتتۇرا ھاللىقنى تۇتۇپ ماڭالايدىغان چۈشەنچىنى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتنى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئورتاق مەسىلىسى بولغان ئاساسلىق مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرماسلىق كېرەك. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئوق مەسىلە پەلەستىن ۋە مەسجىدىلئەقسا مەسىلىسىدۇر. يېقىندىن بېرى پەلەستىن ۋە بەزى مۇستەملىكىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتلەر ئاز ئەمەس. سويقېرىم قىلىشلار، قالايمىقان قولغا ئېلىشلار، بەزى مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكلىنىشى، تاجاۋۇز قىلىشلار، ئۆيلەرنى مەجبۇرى يىقىتىشتەك جىنايەتلەر، ئۈزلۈكسىز ھاۋا ھۇجۇملىرى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم بولۇپ، پەلەستىن ۋە بەزى ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز تاقەت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش يۈزىدىن، ئۈممەت ئۆزىنىڭ بارلىق مۇقەددەسلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قېلىشتىن بورۇن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ رەھبەرلىرى، قارار ئىگىلىرى بولغان زاتلارغا مەسجىدىلھەرەم مۇنبىرى، بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپى، زەمزەم قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن خىتاب قىلىپ دەيمىزكى، زىيونىزىمچى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان غەيرى ئىنسانى زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا قارىتا جىددىي ھەرىكەتكە كېلىڭلار.

مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا ھەرىكەت قىلىڭلار.  ھەممىمىز بىردەك ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى بىلىپ يېتىشىمىز ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى دىنى ۋە مىللى بۇرچىمىزدۇر.

مۇسىبەت شۇنچە ئېغىر بولىشىغا قارىماي بىز ئاللاھنىڭ نۇسرىتىدىن ئۈمىدلىكمىز، پات يېقىندا ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كېلىشىگە ئىمانىمىز كامىلدۇر.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار!، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ياردىمىنى ئۈمىد قىلىدىكەنسىلەر، چوقۇم ئاللاھنىڭ دىنىغا يەنى قۇرئان-سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيۇشىشىڭلار تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ قا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ». [سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت].

جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 30 )
Go to the Top