المرأة والتعليم

فتاوى البطاقة التعريفية
العنوان: المرأة والتعليم
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: ما هي المجالات التي يجوز للمرأة أن تتعلمها ؟ وهل يجوز أن تعمل محامية وتتوكل عن غيرها فيما تقدر عليه ؟
تأريخ الإضافة: 2010-02-06
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/272819
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
قىز-خانىملار ۋە تەلىم-تەربىيە
472.5 KB
فتح: قىز-خانىملار ۋە تەلىم-تەربىيە.doc
2.
قىز-خانىملار ۋە تەلىم-تەربىيە
85.2 KB
فتح: قىز-خانىملار ۋە تەلىم-تەربىيە.pdf
نبذة موسعة

قىز-خانىملار ۋە تەلىم-تەربىيە

 

11551-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

خانىم قىزلارنىڭ قايسى تۈرلەردە بىلىم ئېلىشى توغرا بولىدۇ؟ ئادۋۇكاتلىققا ئوخشاش كەسىپلەرنى قىلسا ۋە ئۆزى قادىر بولالايدىغان ئىشلاردا باشقىلارغا ۋەكىل بولسا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

خانىم قىزلار ئالدى بىلەن ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىگەللىشى مۇھىم دەپ قارالغان دىنى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە بەخىتلىك ئايال ۋە كۆيۈمچان-تەربىيىچى ئانا بولىشىغا پايدىلىق بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شارائىت يار بەرسە ئاياللارغا ماس ۋە ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كەسىپلەردە تەلىم ئالسا بولىدۇ.

خانىم قىزلار ئايال بىمارلارنىڭ ئەر دوختۇرلارغا كۆرۈنۈشكە  مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن  ئاياللارنى داۋالاش ئىشلىرىدا دوختۇرلۇق ۋە سېسترالىق كەسىپلىرىدە ئوقۇسا بولىدۇ.

خانىم قىزلارمۇ مەلۇم ئىشلارنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن بېجىرسە بولىدۇ، بۇ دەۋادا باشقىلارغا ۋەكىل بولغانلىق بولۇپ، ئاياللارمۇ ئادۋوكات بولسا بولىدۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنى تاللىمىغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇلار دەۋاگەر ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئارىلىشىپ، سوت مەيدانلىرىغا چىقىدۇ ۋە باشقا سورۇنلارغىمۇ چېقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىسلام دىنىمىزدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن ھەرقانداق ئايالنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بارلىق پرىنسىپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىشى كېرەك بولۇپ، شەرىئەت قىز-خانىملارنى ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشقا ئوخشاش ئىشلاردىن چەكلەيدۇ.

بەزى جەمئىيەتلەردە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشى ياكى بىلىم ئىلىشىغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ئومۇملاشقانلىقى ئۇنىڭ ھەقىقەت ياكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى بولماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، مۇسلىمە قىز-خانىملار ئادۋۇكاتلىققا ئوخشاش كەسىپلەرنى تاللىماستىن ئاياللىق تىپىغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەر بويۇنچە بىلىم ئىگەللەپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.  


 

 

الترجمات ( 1 )
Go to the Top