ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا

پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
ماۋزۇ: ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا
تىل: ئۇيغۇرچە
مۇپتى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن: www.islamqa.info ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
قىسقىچە چۈشەنچە: بىز قىز-خانىملارنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۆلۈكلەر زىيارەت قىلغۇچى كىشىلەرنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرىدۇ دېگەن سۆزنى ئاڭلىدۇق. ئەمما بىز بۇ سۆزگە قانائەتلەنمىدۇق، ئاپام بىلەن سىڭلىم دادامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكى زىيارەتمۇ قىلغان، بۇنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟.
قوشۇلغان ۋاختى: 2010-01-09
ھۆججەت ئۈلىنىشى: http://IslamHouse.com/263747
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى كاتىگورىيە تۈرى ئىچىدىن:
بۇ تېمىنىڭ مەلۇماتى تۆۋەندىكى تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان: ئەرەبچە
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا
494 KB
: ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا.doc
2.
ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا
110.6 KB
: ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا.pdf
تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللار ئۆلۈكلەرگە يالىڭاچ كۆرۈنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوقلىقى توغرىسىدا

 

251-نومۇرلۇق سوئال

بىز قىز-خانىملارنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۆلۈكلەر زىيارەت قىلغۇچى كىشىلەرنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرىدۇ دېگەن سۆزنى ئاڭلىدۇق. ئەمما بىز بۇ سۆزگە قانائەتلەنمىدۇق، ئاپام بىلەن سىڭلىم دادامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكى زىيارەتمۇ قىلغان، بۇنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟.    

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام شەرىئىتىدە قىز-خانىملارنى قەبرە زىيارەت قىلىشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبى؛ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى.» يەنە بىر رىۋايەتتە:«قەبرىستانلىقنى كۆپ زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارغا لەنەت قىلدى» دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى]. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆلۈكلەر زىيارەت قىلغۇچى ئاياللارنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرىدۇ دېگەنلىك ئەمەستۇر. يەنى بۇ ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان سۆز ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈكلەر ئالىمىنىڭ ھۆكۈملىرى ھاياتلىق ئالىمىنىڭ ھۆكۈملىرىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ، ئەگەر قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشتىن چەكلەش ئۆلۈكلەر زىيارەت قىلغۇچى كىشىلەرنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرىدۇ دېگەن سەۋەبتىن بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئەرلەرنىڭمۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەن بولاتتى.

سىز ئاپىڭىز بىلەن سىڭلىڭىزنى دادىڭىز ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ. چۈنكى مېيتكە ئەڭ پايدىسى بولىدىغان ئىشنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىشتۇر. بۇ پەقەت زىيارەت قىلىپ قويۇشتىن كۆپ ياخشى بولىدۇ. سىز ئۇلارغا مېيت ئۈچۈن قايسى جايدا تۇرۇپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ ساۋابىنىڭ يېتىدىغانلىقىنى قەبرىنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى يىراقتا بولسۇن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.

ئاللاھدىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى، سىلەرگە سەۋر ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. بىز ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز.  

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.


 

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ( 1 )
Go to the Top