بداية العام الجديد وما يجب تجاهه

مقالات البطاقة التعريفية
العنوان: بداية العام الجديد وما يجب تجاهه
اللغة: أيغوري
نبذة مختصرة: هذا ملخص من خطبة الجمعة في المسجد الحرام بمكة المكرمة ألقاها فضيلة الشيخ صالح بن محمد آل طالب 1/1/1431-هجري فبين-حفظه الله-في خطبته عن بداية العام الهجري الجديد وما يجب على المسلمين من شكر نعم الله عليه والتحذير من الظلم والعدوان على الآخرين، وذكر لمحة من خطبة النبي صلى الله عليه وسلم في خطبة الوداع وما فيها من ذكر حقوق الإنسان في الإسلام .
تأريخ الإضافة: 2009-12-31
الرابط المختصر: http://IslamHouse.com/261917
:: هذا العنوان مصنف موضوعياً ضمن التصانيف الآتية ::
- هذه البطاقة مترجمة باللغات التالية: أيغوري
المرفقات ( 2 )
1.
يېڭى يىل كەلدى، ھاياتىمىزدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى!
334 KB
فتح: يېڭى يىل كەلدى، ھاياتىمىزدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى!.doc
2.
يېڭى يىل كەلدى، ھاياتىمىزدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى!
161.8 KB
فتح: يېڭى يىل كەلدى، ھاياتىمىزدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى!.pdf
نبذة موسعة

 

يېڭى يىل كەلدى، ھاياتىمىزدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچايلى!

 

2009- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "يىڭى ھىجرىيە يىلىغا قەدەم قويدۇق، ئەمەللىرىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرىلىدۇ، ھاياتىمىزنىڭ بىر يىلى قاتلىنىپ يەنە بىر يىلى باشلاندى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

بىز بۈگۈن يىڭى ھىجرىيە يىلىنى كۈتۈۋالغان بىر كەيپىياتتا تۇرماقتىمىز، ئۆتكەن بىر يىللىق ئەمەللىرىمىز قاتلىنىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرىلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قىلغان ئەمەللىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىز ياخشى بىلىمىز. يىل ئۆتتى، ئۆمۈر كەتتى. دېمەك؛ بىز ھېس قىلماستىن ئايلار ئۆتىدۇ، يىللار ئۆتىدۇ ئۆمۈر ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ئەسىرلەردىن بىرى ئوخشاش رىتىمدا ئۆتمەكتە. ئۆتكەن ۋاقىتنى بىر مىنۇتمۇ ئارقىغا قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. قەمەرىيە ئايلىرى 12ئايدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئايلاردىن 4 ئاي ئاللاھ ئۇرۇشنى ھارام قىلغان مۇبارەك ئايلاردۇر. ئاللاھ بۇ ئايلاردا بىزلەرنى ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە زۇلۇم قىلماسلىققا چاقىردى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئاسمان-زېمىننى ياراتقاندىن بىرى زامان ئۆز پېتى ئايلىنىپ كەلمەكتە، بىر يىل 12 ئاي، ئۇلاردىن 4 ئاي ئاللاھ  قان تۆكۈشنى ھارام قىلغان ئايلاردۇر. بۇ ئايلار زۇلقەئدە،زۇلھەججە، مۇھەررەم، ۋە رەجەپ ئايلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، بۇ ئاي قايسى ئاي؟ دەپ سورىدى؛ بىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلىدۇ دېگەندىن كېيىن  بىراز سۈكۈتكە چۆمدى. بىز بۇ ئاينىڭ ئىسمىنى باشقا ئاتايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدۇق، رەسۇلۇللاھ: زۇلھەججە ئېيى ئەمەسمۇ؟ دېدى. بىز شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ دېدۇق. بۇ شەھەر قايسى شەھەر؟ دېدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشىراق بىلىدۇ، دېدۇق. يەنە سۈكۈتكە چۆمدى. بىز بۇ شەھەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدۇق. ئاندىن بۇ مەككە شەھىرى ئەمەسمۇ  دېدى، بىز شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ دېدۇق. بۇ قايسى كۈن؟ دېدى. بىز: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ياخشى بىلىدۇ دېدۇق. ئازراق سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن، نەھرى كۈنى (مال بوغۇزلاش) كۈنى ئەمەسمۇ؟ دېدى. بىز: شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ دېدۇق. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: سىلەرنىڭ قېنىڭلار، مېلىڭلار، نومۇسۇڭلار، خۇددى بۇ شەھرىڭلار، مۇشۇ كۈنۈڭلارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئوخشاش ھارامدۇر. سىلەر رەببىڭلار ئالدىغا بارىسىلەر، ئۆتكۈزگەن ئۆمرىڭلاردىن سوراق قىلىنىسىلەر، مەندىن كېيىن قالساڭلار بىر- بىرىڭلارنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرىدىغان كافىرلاردىن بولماڭلار. بۇ سۆزۈمنى بۇ مەجلىسكە ھازىر بولغانلار يوقلارغا يەتكۈزسۇن، يەتكۈزۈلگۈچى بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىدىن ئاڭلىقراق بولىشى مۇمكىن دەپ بولۇپ: ئاگاھ بولۇڭلار مەن يەتكۈزدۈم! دېدى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ يىلقى ھەججى ۋىدالىشىش ھەججى بولۇپ، يىل بىلەن خوشلاشقان ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئىنسانىيەت بىلەنمۇ خوشلىشىش بىشارىتىنى بەرگەنىدى. بىز يىڭى ھىجرىيە يىلىنى قارشى ئالدۇق، دۇنيا خەلقى بۇ كۈنلەردە دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى تەبرىكلىمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇندىن 1400يىل بۇرۇنلا بۇ مۇقەددەس زېمىنغا دەسسەپ تۇرۇپ، ئىنسان ھەقلىرى، ئادالەت، ھەققانىيەت مىزانىغا ئاساس سالغان. زۇلۇم-سىتەمنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ دەۋرىنىڭ ئۆزىدىلا بىگۇناھ قان تۆكۈشنى، ئۆسۈم(جازانە)نى ھارام قىلدى.ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلىدى. 1400يىل بۇرۇن سۆزلەنگەن نۇتۇقنىڭ ئوخشىشىنى ھازىرغىچە ھېچكىم سۆزلەپ باقمىغان. بەلكى شۇ خىتاپنامىنىڭ ساداسى ھازىرغىچە قۇلاقلاردا ياڭرىماقتا. ئەسىرلەر بىرى تۈزۈلگەن قانۇن-تۈزۈملەرمۇ بۇ ھوقۇققا ياندىشالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزكۇر نۇتۇقنى سۆزلىگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى سەزگەنىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەربىيلەپ تەسىس قىلغان يىڭى ئۈممەتنىڭ  قەدىمى مۇستەھكەملىنىپ، ئۆزىنى تارىخ بېتىگە تېڭىپلا قالماستىن بەلكى، يىلتىز تارتىشقا باشلىدى. ئەزان ئاۋازىنى شاماللار دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە تارقاتتى. ئەنە شۇ ئىنسانلار كۈن چىقىشتىن بۇرۇن، كۈن ئىگىلگەندە، كۈن پاتقاندىن كېيىن، يالغۇز، جامائەتلىك ھالدا ئاللاھقا تائەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەربىيىلىگەن ئەنە شۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ئىزباسارلىرى قىيامەتكە قەدەر ئىسلام نۇرىنى دۇنياغا چېچىپ پۈتۈن دۇنيانى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار قەلبىدە ئامانەت قويغان ۋەسىيەتلەر پەلسەپىۋى ياكى خىيالى نەزەرىيە بولماستىن ئاددىي تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئەمەلىي پرىنسىپلاردۇر. ھازىرغىچە دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادىل تۈزۈم، قانۇنلار بۇ ھەقىقەتتىن ھالقىپ كېتەلمىگەن ۋە كېتەلمەيدۇ.

زۇلۇمنىڭ ئەڭ قەبىھلىرى شېرىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ بىزنى ئۆزىنىڭ ئىبادىتى ئۈچۈن ياراتقان تۇرسا، قانداقمۇ باشقىسىغا چوقۇنىمىز. ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزىگە بويسۇنۇشقا چاقىرغان تۇرسا قانداقمۇ ئاسىيلىق قىلىشقا پىتىنىمىز. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بىپەرۋالىق قىلىش زۇلۇمنىڭ ئۆزىدۇر.

ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىش، ئىنسانلارنىڭ شەرىپىنى تۆكۈش، خارلاش، ئىنسانىيەتنى بەختسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ھەرقانداق مىللەتتە زۇلۇم ئومۇملاشسا، ھاكىمىيەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت يا مۇنقەرزلىككە يۈزلىنىدۇ ياكى بولمىسا باشقا مىللەتلەرنىڭ بېقىندىسى بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

 يېڭى يىل كەلدى، مەنىۋىيىتىمىزدە يېڭىلىق بولۇشىغا ئاساس سالايلى، ئۆتكەن كۈنلىرىمىزگە نەزەر سالايلى، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئالايلى. زۇلمەتنىڭ كۈچىيىشى يورۇقلۇقنىڭ بېشارىتى بولغىنىدەك، زۇلۇمنىڭ ۋايىغا يېتىشى زاۋاللىقنىڭ يىقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يولغا قويغان پرىنسىپلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىۋاتقان بولساق، ئۇنىڭدا تىخىمۇ مۇستەھكەم تۇرايلى. ئەگەر مەزكۇر پرىنسىپلاردىن يىراق ياشاۋاتقان بولساق ھەقىقەتكە قايتىپ، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيۇشايلى. ئاللاھنىڭ دىنىغا مۇستەھكەم ئېسىلىش ئارقىلىق ھاياتىمىزدا چىقىش يولى تاپالايدىغانلىقىمىزغا چىن ئىشىنەيلى.

ئاللاھ ھەممىمىزنى يېڭى يىلدا ھاياتىمىزدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىپ، شەخسى غەرەزلەردىن ھالقىپ مىللەتكە  مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

 

Go to the Top